نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 919 قېتىم كۈرۈلدى
ياپونىيە جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىش شەرتىنى بوشاتماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 10-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 9-ئايدىن باشلاپ جۇڭگودىكى شەخسلەرگە ساياھەت ۋىزىسى بېرىش شەرتى يەنىمۇ بوشىتىلىدۇ. ئىلگىرىكى ماددىلاردىكى «بەلگىلىك كەسىپىي ئورنى ۋە ئىقتىساد ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش» تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ . ھەمدە تۇرۇش ۋاقتى ھازىرقى 15 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىلىدۇ. بۇ تەدبىر 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ۋاقتىنچە بىر يىل يولغا قويىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ۋىزا بېرىش شەرتىنى بوشىتىش ئاساسلىقى : پېنسىيەگە چىققاندىن كىيىن كەسپىي ئورنى يوق بايلار قاتلىمى ۋە ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىش ۋە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىندى. تىز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان ياپونىيەنى زىيارەت قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار ياپونىيەنىڭ شەرقىدە يەر تەۋرىگەندىن كىيىن ئازىيىشقا باشلىدى. ياپونىيە ساياھەت نازارىتى بۇندىن ئىلگىرى 2013-يىلىغىچە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى 15 مىليونغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇڭا ۋىزا بېرىش شەرتىنى بوشىتىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىز سۈرەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىستىكىدە بولدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش