سۆيگۈ سۆيگۈ شېرىن ،سۆيگۈ ھارارەت، ۋۇجۇدۇڭغا بېرىدۇ لەززەت. سۆيگۈ ئازاپ،سۆيگۈ مۇشەققەت، ھەر قەدەمدە چېكىسەن ھەسرەت. سۆيگۈ سىرلىق،سۆيگۈ مۇرەككەپ، يېتەلمەيسەن تەكتىگە پەقەت. سۆيگۈ گويا مۇڭلۇق بىر ناخشا، تۈگىمەيدۇ ئېيتقانغا ئەبەت. سۆيگۈ دېمەك قەلبىمدىكى گۈل، ئۇ ئېچىلار دىلدا ئىنتىزار. سۆيگۈ دېمەك ھاياتلىق شامى، ئۇ ئۆچمەيدۇ ئۆتسىمۇ يىللار. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |