سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئانامنى سېغىنىپ ( مۇخەممەس )

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-25 10:13مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:خىيالچان زىيارەت سانى: قېتىم

ئىڭەلەپ تۇغۇلۇپ ، يۈگرۈپ ماڭغىچە،
ئانامنىڭ مېھرىگە تۈزۈك قانغىچە،
ئاناممۇ باغرىغا قېنىپ تاڭغىچە،
بەختمۇ چىرايلىق چېچەك ئاچقىچە،
ئانىسىز بوپ قالدىم ئەقىل تاپقىچە.

<< ئانا >> دەپ كۈلسە كىم ، تىكىلىپ قالدىم،
<< ئانا >> دەپ چاپسا كىم ، تىۋىنىپ قالدىم،
<< ئانا >> دەپ مەنمۇ جىق قىچقىرىپ قالدىم،
ئالما يەپ ، تېڭىنى قىسىنىپ قالدىم،
يوللارغا تەلمۈردۈم كۆزۈم تالغىچە.

ئانامنى تىرىلىپ كەلسىكەن دەيمەن،
ماڭىمۇ چاچقۇلار بەرسىكەن دەيمەن،
سۆيۈنۈپ قولىغا ئالسىكەن دەيمەن،
باغاشلاپ، << قوزام >> دەپ سۆيسىكەن دەيمەن،
دوقمۇشلار ساقلىدىم پادا قايتقىچە.

شۇنداق دەپ ساقىلىم چۈشتى مەيدەمگە،
كۆزلىرىم ، كىرپىكىم چۆمدى شەبنەمگە،
ھاپاشلاپ ئاپىرار ئىدىم ھەرەمگە،
كۈلدۈرەر ، قاندۇرار ئىدىم زەمزەمگە،
تۈنلەر كۆز ئىلمىدىم تاڭلار ئاتقىچە.

ئەجەبمۇ سېغىندىم ، تولغاندىم تالاي،
تۈنلەردە << ئانا >> دەپ ئويغاندىم تالاي،
سەھەردە ئۇپۇققا بويلاندىم تالاي،
كۈن بىلەن كېلەر دەپ ئويلاندىم تالاي،
لېۋىمنى چىشلىدىم ، ساقلاپ شامغىچە...

ئانىلىق ئۆتكەنلەر گۈل ئىكەن ، ئانا،
ئانىسىز ئۆتكەنلەر كۈل ئىكەن ، ئانا،
ئەمما ، ئەل يۆلىدى، بولۇشتى پاناھ،
ئەل قوينى ئىكەنغۇ بېھىش - كەڭ دۇنيا،
ھالسىراپ قالمىدىم داۋان ئاشقىچە.

جان ئانا ، ئوغۇزۇڭ بەرگەچكە قۇۋۋەت،
پەيغەمبەر يېشىغا بولدۇم مۇۋەققەت،
مەنىلىك ياشىدىم ، كار قىلماي كۈلپەت،
شەنىڭگە قەلىمىم ياغدۇردى ھۆرمەت،
ياغدۇرار يەنىمۇ توقسان ياشقىچە.

قوش تويۇم بولماقتا، كۈلمەكتە بالاڭ،
ھوسۇلغا تولغانتى خامان ۋە باراڭ،
كۆپ ، ئوغلۇڭ ھەققىدە رىۋايەت - پاراڭ،
شادلىنىپ قالاتتىڭ ھەغدا ئاڭلىساڭ،
كەل ، ئانا ، تۆرۈم بار ساڭا باشقىچە.

مەنمۇ بىر << ئانام >> دەپ يايرىۋالايچۇ !
كۆز ئۈزمەي چېھرىڭگە قارىۋالايچۇ !
ئانىلىق مېھرىڭگە قېنىۋالايچۇ !
بالىلىق دەۋرىمگە يېنىۋالايچۇ !
كەلگىنە ، ئەزرائىل پەشتىن تارتقىچە.

بالا بوپ غۇپۇلداپ ئىمەي سۈتۈڭنى ،
سۈتۈڭدە سۇغىراي ئەقىل - كۈچۈمنى ،
گۈللەرگە زىچ ئوراي زىبا بويۇڭنى،
سېنىڭمۇ ئۆتكۈزەي مەركە - تويۇڭنى،
تۆكۈپ كۈي ، ئېتىكىڭ تولۇپ تاشقىچە...


         ئاپتورى : توختاش بەكرى

     1999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەھەر . غۇلجا

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !