كۆرەلمەيمەن ئەمدى سىنى تائەبەت ، سۆيەلمەيمەن لەۋلىرىڭگە بىرەر رەت. كۆرمىسەممۇ سۆيگۈڭدىن ھىچ سائادەت، بىراق سىنى ئۈنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
مەن بىلىمەن سەن يىراقتا ئەركىن قۇش، كىملەر بىلەن بىللە يۈرۈپ كۆڭلۈڭ خوش. قىينار مىنى ئازاپ-رەشىك تۇشمۇتۇش ، بىراق سىنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت.
كۈلۈپ تۇرۇپ يۈرىگىمدە يىفلايمەن ، نىمىشقىدۇر ساڭا پەقەت قىيمايمەن . بەزەن تىخى غايىبانە تىللايمەن ، بىراق سىنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت .
نالەم بىرلە سوئال قويدۇم ئاللاغا ، ئازاپ ئۈچۈن تۇغۇلدۇممۇ دۇنياغا. ئىرىشمىدىم ئەپسۇس ھىچ بىر ساداغا ، بىراق سىنى ئۇنتۇپ كەتكۈم يوق پەقەت (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |