سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ۋاپاسىز ئوغول(يانبۇلاق)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-09 00:32مەنبە: يازغۇچى:yanbulak زىيارەت سانى: قېتىم

 

ۋاپاسىز ئوغول
 
(بارلىق مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا بىغىشلايمەن)
ھەممىمىز ئانا دەپ قوشاقلار قاتتۇق،
ھەممىمىزشائىر بوپ داستانلار يازدۇق.
مىھرىبان شۇ ئاناڭ يالغۇز قالغاندا،
ھالىدىن قانچىلىك خەۋەر ئىپ باقتۇق؟
 
تۆرۈلۈپ جىسمىدىن كۆز ئاچساڭ يىغلاپ،
‹بالام›دەپ باغرىغا باسقانغۇ سىنى.
چىڭقالغان كۆكسىدىن ئەمدۇرۇپ ئاق سۈت،
كىچىسى ئۇخلىماي باققانغۇ سىنى.
 
‹ئانا›دەپ تىل چىقىپ تەمتىلەپ ماڭدىڭ،
ھە مانا،بوقچاڭنى ئۇشنەڭگە ئاستىڭ.
بارىنى بېغىشلاپ ئۆستۇرگەچ ئاناڭ،
ئەر يىتىپ تۇرمۇشقا قەدەممۇ باستىڭ.
 
ئەتىدىن كەچكىچە غىمىڭنى قىلىپ،
بىلەمسەن؟ئۆتكەنغۇ يولۇڭغا قاراپ.
‹كەلسىدى بالام›دەپ غىزامۇ يىمەي،
باغرىغا باسماق بوپ ھىدىڭنى پۇراپ....
 
 
ئۇنۇتتۇڭ شۇلارنى ئەمدى چوڭ بولۇپ،
يىنىڭدا بولغاچقا گۇزەل جانانىڭ.
يوقلاشقا رايىڭ يوق، كۆپتۇر بانايىڭ،
قايتۇرىسەن ئەجرىنى قاچان ئاناڭنىڭ؟
 
ئالغاندا بالاڭغا ئىسىل كىيىم، قونچاق،
ئانامغا دەپ ئالمىدىڭ بىر پارچە لاتا.
ئۆيۇڭدە قوي سويۇپ يىگەن چىغىڭدا،
چىقمىدى ‹ئانامغا...› دىگەن بىر سادا.
 
ياتقاندا ئاناڭ ئاغرىپ ھەم زارلىنىپ،
بەردىڭمۇ يۇتۇم سۇ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ.
داۋاسى ئىدىڭ سەن ۋاپاسىز ئوغول،
كەتتىغۇ‹قىنى بالام؟›دەپ ئاھ ئۇرۇپ.
 
ساڭىمۇ بىر كۇنلەر يىتەر قېرىلىق ،
بىلىسەن شۇ چاغدا ئاناڭ قەدرىنى.
بىر نىمە دىمەك تەس،ئەتىۋا بالاڭدىن ،
كۆرەرسەن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسىنى.
 
 
مەنبە:يازمام (چوغلۇق)

                                            

                                                                         2010  -5-10

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(27)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !