سېغىنىش ئۇنتالمىدىم مەن سېنى پەقەت، چۈشلىرىمگە كىرىپ قوي بىر رەت. باسقىن مېنى باغرىڭغا جېنىم، ھېسلىرىمغا بەرسۇن ھارارەت. ئۇنتالمىدىم مەن سېنى پەقەت، ماڭا مەنسۇپ بولمىغان سۆيگۈڭ، ساڭا بەخت بەرسۇن تائابەت. ئۇنتالمىدىم مەن سېنى پەقەت، كونا چۈشلەر قىينايدۇ قەۋەت. قوشۇلمىغان ئىكەن رىسقىمىز، بۇ مەن ئۈچۈن ئېنىق ھەقىقەت. ئۇنتالمىدىم مەن سېنى پەقەت، لېكىن ساڭا قىلمايمەن ھەسەت. سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم، كۆرەي سېنى چۈشۈمدە پەقەت.
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |