سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

دېھقان بولماق تەس - شېئىر

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-22 16:34مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ئاپتورى :  روزى  سايىت

 

شائىرمەن قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس ،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى ، يالغاننى ئەمەس ،
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس ،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مېنى مەس ،
مەستلىكتە دەۋالاي ، لېكىن مەن پەخەس ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس .

ئالەمنىڭ ئابادى دېھقان تەرىدىن ،
چۆللەرنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ بەھرىدىن ،
ئۇ باقار شەھەرنى ، كېچىپ مەرىدىن ،
ئۇنىڭ يوق تاماسى ،تاختا-پەرىدىن ،
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

ئۇ مۆمىن ، بەك يوۋاش ،ساددا- مۇلايىم ،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندن دائىم ،
دەر: ئىشلەي بولسا ساق يەتتە ئەزايىم ،
تەقدىردە : ئېتىزدىن ئېلىنمىشلايىم ،
رىسقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

پاراغەت دىلبىرى ئاچقىچە قويۇن ،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئويۇن ،
قىشتا سوغ ، يازدا ئۇپ ،باھاردا قۇيۇن ،
گاھ كەلكۈن،گاھ تومۇز قىسقۇزار بويۇن ،
دەر قىسمەت : جاپاغا خام كىكىر- تويۇن ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

قاراشلىق كارا بار ئۇنىڭ بېشىغا ،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە - دامبا قېشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز ئىشىغا،
قورۇقلار ماس كەلمەس ھەرگىز يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

ئۇ- ئۆكۈز تىنىمسىز تارتىدۇ ساپان ،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چاپان ،
كۆيۈدۇ چۇققىسى ، كۆيۈدۇ تاپان ،
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان ،
ئەمما ئۇ ۋايجانلاپ كۆتەرمەس چوقان ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋىشى ،
ھە - دېمەي بۇلىدۇ يىغىم تەۋرىشى ،
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋىشى ،
ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى ، قوينىڭ مەرىشى ،
يىل بويى ئۆكسمەس پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

كېتىمەن دەۋاتقان ئوسىنىڭ نېمى ،
مېنى تاپ دەۋاتقان ئوغۇتنىڭ كېمى ،
ئۈششۈيمەن دەۋاتقان قوناقنىڭ خېمى ،
تۇرسا سىرت ئالۋىڭى ، ئۆزىنىڭ غېمى ،
تالجىقسا- ھېرىقسا كېسىلىپ دېمى ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

كېلىدۇ بايراملار ئايەمگە تۇتاش ،
دېھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ھەم پۇتاش ،
ئوي- پىكرى ھېيت ئەمەس، ھۆسۇلنى بۇداش،
ئايەم شۇ قازناققا كرسە كۆپرەك ئاش ،
مەشرىبى- ماتېمى خاماندا ئاداش ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى ،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى ،
يوق تۆمۈر تاۋاقتا ئۈزۈلمەس ئېشى ،
يوق مائاش - دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى ،
ئايدا ساق ئوتتۇزكۈن ئىشلەر ياز- قىشى ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

چوڭ- كىچىك شىنچىلەر يۇقلىماس ئۇنى ،
تەنجىيامۇ شۇيجىيامۇ ياقلىماس ئۇنى ،
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى ،
يوقلايدۇ ، ساقلايدۇ جاپا خاس ئۇنى ،
شۇ خاسلىق باغاشلاپ سۆيەر راس ئۇنى ،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس !

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش ،
ئۇ چەشلەپ يىغقان دان بىزنىڭ يىگەن ئاش ،
ھەم شۇنىڭ تەخسىگە چىققان گۆش- ئوتياش ،(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(14)
93.3%
دەسسەش
(1)
6.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !