ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما
مۇھەممەتجان راشىدىن
بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما، ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما. سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك، گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.
پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ، دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما. ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر، يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.
بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ، دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما.^ قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال، قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما. چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ، خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما. دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن، ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.
تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ. ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما. ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا، دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.
قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن، سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما. ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز، ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.
ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق، ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما. ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان، يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما. يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە، ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما. ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن، بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما. كۈلكەمنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن شۇلار.
بولغانلار سەن بىلەن تاۋاقتا بىللە، بولغان ھەم سەن بىلەن تاياقتا بىللە. پۈتەركەن جىسمىڭغا شۇنداق دوسلۇقتىن، بولغاننىڭ ھوزۇرى راۋاقتا بىللە. ياخشى دوس جۆر ئىكەن بارچە تەغدىرگە، تەڭ توۋلاپ مەركەيۇ-قاۋاقتا بىللە. مەرتلىكى ئۆمرۈڭگە ئۆچمەس خاتىرە، بىشىڭغا كۈن چۈششە قاماقتا بىللە. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |