ئاپتۇرى:ئىليار بەختىيار ئېھتىمالىم ،ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ ھايات- غەلۋىر ھەممىمىزنى تاسقايدۇ، بىرسى كۈلۈپ ،بىرسى يىغلاپ قاخشايدۇ. بەخىت دىگەن كەلمەيدىكەن ئۆزىدىن ، ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
بىرلىرى بار ئويلىمايدۇ، ئۇخلايدۇ ، ياخشىلىقنى يامانلىقنى ،ئۇقمايدۇ. بىرلىرىنىڭ چېچىلا بار ئەقلى يوق ، ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
ئەمدى بىرى ئەمگەك تەرىن تۆكمەيدۇ، ئەمما لېكىن سىزدىن ياخشى كۆكلەيدۇ . ھەر بەندىدە بىرىدىن تالانىت بار ئىكەن ، ئېھتىمالىم، ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ .
بىرلىرى بار ئەجەلدىنمۇ قورقمايدۇ ، مەقسىتىگە يەتكەندىلا توختايدۇ . بەش قول بىردەك يارالماپتۇ ئەسلىدە ، ئېھتىمالىم ،ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ . ئىليار بەختىيار، قازاقىستان ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايۇنىغا قاراشلىق چوڭ ئاچنوقا يېزىسىدا،1932-يىلى تۇغۇلغان . 1957-يلى قازاقىستان ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنىستىتونىڭ تىل-ئەدەبيات فاكۇلتىتنى تاماملاپ، كىيىن يەنە موسكىۋادىكى ئىككى يىللىق ئالىئې ئەدەبىيات كۇرسىدا ئوقۇغان . ئۇنىڭدىن كىيىن ئوقۇتقۇچى ،‹‹ يازغۇچى›› نەشىرياتىدا ۋە رادىئو - تېلۋېزيە كومتىتىدا مۇھەرىر بولغان . ئىليا بەختىيانىڭ 1955-يىلى ،تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ‹‹ دوسلارغا سوۋغا›› ،1982-يىلى تاللانغان شېئىرلار توپلىمى ‹‹ ھايات داۋانلىرى ›› نەشىر قىلىنغان . شائىر ئىليا بەختىيا 1988-يىلى 56 يېشىدا ۋاپات بولغان . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |