سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-17 13:09مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ل.ې.ھۆگبېرىي

( ل.ې.ھۆگبېرىي_شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر.ئۇ شىنجاڭغا ئىلگىر-ئاخىر ئۈچ قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم1894-1900-يىلغىچە ، ئىككىنجى قېتىم 1903-1909- يىلغىچە،ئاخىرقى قېتىم 1911-1916-يىلغىچە تۇرغان.ئۇ يەنە روسىيە، ئىرانلاردىمۇ مىسسىيونىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان.—تەرجىماندىن)
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزارا بىرىككەن گەۋدە بولۇپ، ھەرقايسى تەركىپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان .شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە تەۋە بولغان مىللىي خاراكتېرنى مۆلچەرلەپ چىققىلى بولمايدۇ.مەن پەقەت ئۆزۈم كۈزەتكەن بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا تىرىشتىم.
ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،تەلۋىلىك، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى ئۇلاردا نابۇت قىلىش رولىنى بەكرەك ئوينىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بارلىق ئاكتىپ ۋە ئنكاس قايتۇرۇش خاراكتېرىنى نەپىسىدىن بوغۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك تەپەككۈر قىلىش، مۇشتاقلىق،ئىنتىلىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى ھىچقانداق مەپتۇنلىقى ياكى قىزغىنلىقى بولمىغان، بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى بولمىغان بىر ماھىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.بۇ ئاللاغا چوقۇنۇش يولىدىكى ئۆزىنى ئاتىغان ئوت كەبى قىزغىنلىق ئىچىدىكى كۈرەش بولماستىن بەلكى ناھايىتى قاشاڭ ، چېكىدىن ئاشقان سەۋرچان، قانائەتچان بىر خاراكتېر بولۇپ، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن.بۇ خىل خاراكتېر ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە مۇھىتىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەر كىشىنىڭ ئۆز قايغۇسىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنلىكىنى ،بىرەر كىشىنىڭ يۈز بەرگەن تراگېدىيىگە نىسبەتەن چۆچۈگەنلىكىنى ، بىرەرە كىشىنىڭ خۇشاللىققا ئۇچرىغاندا ئۆز مەمنۇنلىقىنى كۆڭۈل قېتىدىن چىقىرىپ ئىپادىلىگىنىنى ياكى، بىرەرسىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ قاقاھلاپ كۈلگىنىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.ئۆز جۈملىسىدىن بۇ خىل ھادىسىلەر بالىلارغىمۇ تەسىر قىلغان بولۇپ،ئۇلار كىچىكىدىنلا شۈكرى قىلىش ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ.ئۇلار ھەرقانچە زور خۇشاللىق ۋە بەختكە يولۇققاندىمۇ يەنىلا ئۆز خۇشاللىقىنى كۆز بىلەن كۆرۈنگىدەكلا ئىپادىلەپ قويىدۇ ھەم بۇ خىل ھېسسىيات قىسقىلا بىر پەيت داۋام قىلىدۇ.ئۇلار پەقەت ئاللاھلا باي ۋە كەمبەغەللەرنى يارىتىشقا قادىردۇر، بەندىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئۆزگەرتىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خۇددى ئىگىسىنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ ماڭغان ، ئىگىسى ھەددىدىن زىيادە بېسىم سالسىمۇ زۇۋان سۈرەلمىگەن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان تىلى تۇرۇپمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك ماجالى يوق ئىدى.
ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى.مەسىلەن، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سۇيۇق تاماق قالدۇقلىرىنڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى بىرەر تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ،ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ.ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(6)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !