بۇ خىل ئىدىيىلەر ئۇلاردا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوخشاش خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇ خىل خاراكتېرنىڭ كەينىدە ئۇلار ھېچقانداق ئىشنىڭ تېگى –تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن مۇستەسنا ھالدا، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىشلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالغان.بۇ خۇددى ئۇلارنڭ يەر تېرىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش.ئۇلار ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا يەر كولايدۇ، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى يەرگە،ئوخشاش مىقداردىكى ئۇرۇق سالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا شۇ خىل تەرىقىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئويلۇنۇپ كۆرمىگەن. بۇ خىل ئىسلام دىنىدىنمۇ ھالقىغان جاھىل كونسېرۋاتىزملىق ئۇلارنىڭ قان –قېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق تەتقىقات، ئىزلىنىش، ئىلگىرىلەشنى چەكلەپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كافىرلارغا قارشى ئىدىيىسىمۇ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن بولۇپ،بۇ ئۇلارنى باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىش ، قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان. ئۇلار ئەگەر بالىلار بۇ خىل قائىدىلەرگە دىققەتسىزلىكتىن ئەمەل قىلالماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئۇلارنى'' بۇرنۇڭنى ياكى قۇلىقىڭنى كېسىمەن'' دەپ قورقىتىدۇ.ئۇلار كۆپىنچە دىنىي ئەقىدە ۋە جازالاش مېتوتلىرى ئارقىلىق بالا تەربىيىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئۇلاردا راست گەپ قىلىش ئادىتى كەمچىل.بالىلار كىچىكىدىنلا خاتالىقىنى تونۇشقا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشىشكە ئۆگىتىلمەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بولسا، ''ئۇلار تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ''دەپلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.پەقەت ئاللاغا بولغان دۇئا –تالاۋەتلا بارلىق گۇناھ، خاتالىقلارنى يۇيىدۇ دەپ قارايدۇ. ئوغرى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان چېغىدا ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقۇپ:''ئاللاھ، كەچۈرگەيسەن گۇناھىمنى ''دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ، يەنە قول سالىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بولسا كېرەك.ئۇلار قېرىنداش ۋە ھەمراھلىرىنى چوڭ كۆرىدۇ، مېھماندارچىلىقى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك. ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە ھۈرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىنسىي تارتىش كۈچىلا ئۆزارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى. بۇ خىل كىشىلەر ئاسان غەزەپلىنىپ ئاسان ئاچچىقى يانىدىغان كىشىلەر ئىدى.ئۇلاردا يەنە ھالى چوڭلۇق،قىززىق قانلىق، تەرسالىقمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا سەۋر-تاقەت كەمچىل ئىدى.كۆرگەن كىشى ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ دەپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىن ئەندىشە قىلىپ قالاتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار بولغاندا، ئۇلار چىرايلىق ۋە ياسىداق گەپلەر بىلەن ماختاشقا ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ. ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھېسسىيات بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى.ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ 40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا ''ياتلار''دەپ ھېسابلايدۇ.شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |