تۆت ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ بەردۇق.. زىننەتلىدۇق گۈزەل باغچىدەك ئاتمىش تۇققان-بۇرادەرلەرگە.. رەخىت ئالدۇق ئىككى مېتىردىن.. كۆچۈرۈشكە قىزنى ئاددىيلا.. <پاسسات><بونېس>پىكاپلار تەييار. نىكاھ ئۈچۈن ھەممىگە داڭلىق.. قارىھاجىم كېلىپتۇ مانا. ئاتىسىغا جىڭ سارجا رەخت.. ئانىسىغا سوكنەي پەلتولۇق.. دادىسىغا كاستىيۇم-بۇرۇلكا.. ئاپىسىغا ئۈستىۋاش تولۇق. ئۇكىسىغا كالا خۇرۇم ئاياق.. سىڭلىسىغا ئېسىل كۆڭلەك ھەم.. ئون بىر يوتقان تىكتۇق ھەل بىلەن... ئاڭا يانداش پايانداز كۆرپە. ئوتتۇز گىرام ئالتۇن -بىلەيزۈك.. بوينى ئاسسۇن ئۇزۇنراق زىرە. ماۋۇ ..ئانىسىنىڭ كۆڭلىكەن، سېلىپ قويساق بارماققا ئۈزۈك. 28 سۇڭلۇق رەڭلىك تېلېۋىزور.. سونىي ماركا چاپلاق توڭلاتقۇ.. گىرمان ئىشلەپ بەرگەن شامالچى.. ياپونيەدىن كىرگەن موتۇ بۇ. ئامىركىدىن كەلگەن كىرئالغۇ.. شىۋىتسارىيە چىك-چىك سائېتى.. گوللاندىيە فار-فور قاچىسى.. جۇڭگوغا داڭلىق توك دەزمالمۇ بار.. كېلىنىمىز كىيىملىرىگە .. ئەكەلدۈردۇق خوتەندىن ساندۇق. تۈركىيەنىڭ يۇڭ گېلىمىدىن.. ئالدۇق يەنە تۆت پارچە مانا. ئون تۆت كىشلىك خۇرۇم كېرىسلو.. مېھمانخانا ئۆيىگە توشار. كېلىنىمىز ئۈستېۋېشىغا، بەش قۇر كىيىم ئالدۇق قاراڭلار.. مانا ماۋۇ يازلىقى ئۈچۈن، مانا ماۋۇ كۈزلىكى ئۈچۈن.. يەنە ماۋۇ قىشلىقى ئۈچۈن.. مانا ماۋۇ..ئەتىيازلىقى.. قالىغىنىنى ئۆيىدە كىيەر. ئاياق ئالدۇق تۆت جۈپ.. بۇمۇ بىر يىل كىشىكە يېتەر. تۇغقانلارغا <تازىم چېيى>دا.. ئۇتۋالارمىز شۇ چاغ كۆڭلىنى. ئاددىي بولۇپ قالسىمۇ بۈگۈن.. رازى بولۇپ بېرىڭلار قىزنى.
-رەھمەت...رەھمەت..! -ھەشقاللاھ.. -قېنى ئاخۇنۇم بىر دۇئا قىپ بەرسىلە! -ئىلاھە ئامىن! -------------------------- -ئامىن! -ئامىن.... -ئامىن.. -ئامى.. -ئا.. -ئ.. -. . -------------------------------------------------- 2010-يىلى ئاپرېل. كورلا. ئابدۇۋارىس غوپۇر (ئۆرۈكجان) (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |