![]() ئۇيغۇر قىزلىرى يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە . گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ ، ئاتا – ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت دەپ قارىلىدۇ . بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ . قىزلار ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ . ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشكە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ . موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن ، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تىشىدۇ – دە ، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ . ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قۇلىقىنىڭ بىرلا يېرىدىن تۈشۈك تېشىشكە ئادەتلەنگەن . ئادەتتە قۇلىقىنى ئىككى يەردىن تەشمەيدۇ ھەم بۇرنىنىمۇ تەشمەيدۇ . ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۈشۈك پۈتۈپ قالسا ، بۇزۇلۇپ كەتسە ، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم يەنە تۈشۈك تېشىدۇ . قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا بىر ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ . قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالقا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزنىڭ كۆڭلىنى خوشال قىلىدۇ ھەمدە قىزنىڭ ئانىسى بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا – چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ . قۇلاق ئاساسەن ئۈرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تىشىلىدۇ . ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز – ئاياللارغا ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش شارائىتى شەكىللەندى . شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇزىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى . ئۇيغۇرلار ھەر خىل قۇلاق ئاسقۇلارنى ‹‹ ھالقا ، سۆكە ، مۇنچاق ، زىرە ، سىرغا ›› قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ . بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلار توي قىلغاندا قۇلاق ئاسقۇلار تويلۇقنىڭ خېلى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ . ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئىنسانلاردا ناھايىتى بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا شەكىللەنگەن . بۈگۈنكى كۈندە قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرىدىغان بۇ ئادەت باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقىلىپ ئۆزلەشمەكتە . گەرچە ئىسلام دىنىدا قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشى ۋە ھالقا ئېسىشى دىنى مەجبۇرىيەت بولمىسىمۇ ئاياللار ئاساسەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلىدۇ . قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى ۋە زىبۇ زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |