سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تۈرۈكلەر تۇرمۇشې

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-17 18:23مەنبە: يازغۇچى:ulugbek زىيارەت سانى: قېتىم

 تۈركلەر __ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليون 310 مىڭ( 2002- يىللىق ستاتىستىكا.) بۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك گرېتسىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئالبانىيە، سېپرۇس ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۈرك مىللىتى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىدە سۆزلىشىدۇ.

    تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى __ ھازىرقى ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) رايونى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) ۋادىسى ئىدى. مىلادىيە 6 - ئەسىردىن 10 -ئەسىرگىچە تۈركلەر تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىغا كۆچۈشكە باشلىغان. شۇ قاتاردا ئوغۇز تۈركلىرىمۇ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ سۈرۈلۈپ ئىراننىڭ شىمالىدىكى خۇراسان رايونىدىن ئۆتۈپ، ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغان غەربىي ئاسىيا رايونىغا كىرگەن. 1055 -يىلى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان باغدادنى ئىگىلەپ، ئاناتولىيىگە قاراپ سۈرۈلگەن. 1071- يىلى ئاناتولىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شەرقى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئاناتولىيە رايونى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا تۈرك قەبىلىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئېتىقاد ئاستىدا بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان- 13 . ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولنى (ھازىرقى ئىستانبۇل) ئىشغال قىلغان ۋە ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن.

    تۈركلەر ئاناتولىيە رايونىغا كىرگەن ۋاقىتتا چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك تارمىقى قىلىپ ياشىغان مىللەت بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە ئايلاندى ۋە تۈركىيىنى دېھقانچىلىق دۆلىتى قېلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى بۇغداي بولۇپ، تېرىم ئىشلىرىدا ئاساسەن يامغۇر سۈيىدىن ئىبارەت تەبىئىي سۇغىرىش ۋاسىتىسىگە تايىنىدۇ. ئۆكتەبىردىكى كۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش ۋە ئىيۇن ئايلىرىدىكى ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ. دېھقانچىلىقتىكى بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسە تۈركلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.

    تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ھازىر گەرچە ئىلگىرىكىدەك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇئەييەن نىسبەتتىكى ئىزنالىرىنى يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ: گەرچە تۈركىيە گىلىمى ئىران گىلىمىدەك دۇنياغا داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپالاشقان ھەرقانداق تۈرك ئائىلىسىدە، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئائىلىلەردىمۇ يەرگە پۈتۈنلەي گىلەم سېلىنىدۇ؛ تاماقتا ھەر قاچان سۈت، پىشلاق، سېرىق ماي قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە قوي گۆشىدىن قىلىنغان ھەرخىل تائاملار ۋە بولكا ئىستېمال قىلىدۇ. دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي قۇرۇلما __ تۈركلەرنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.

    تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە. پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈركىيىدە مەسچىت ھەممىلا جايدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەچكە، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتىكى تەسىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت - ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ياۋروپا ئۇسلۇبى بىلەن تۈرك ئۇسلۇبى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن يېڭى سىستېما شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاساسىي قانۇندا «ئىسلام دىنى __ دۆلەت دىنى» دەپ بەلگىلەنمىگەن بۇ بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتىدە، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە بارلىققا كەلگەن.

    1934 - يىلى تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامال پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ «فامىلە قانۇنى»نى ئېلان قىلغان ۋە تۈرك بولغانلىكى كىشىنىڭ فامىلە قوللىنىشى لازىملىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرمىغان تۈركلەر تېزدىن قەدىمىي تارىخىي تېرمىنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە فامىلە بېكىتىشكە باشلىغان، بەزىلىرى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى فامىلىلەرنى قوللانغان. ئادەتتە باشقىلارنى چاقىرغاندا، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «بەگ» سۆزىنى قوشۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ. رەسمىي خەت - چەك ۋە ھۆججەتلەردە بىردەك ئىسىم - فامىلە قوشۇپ تولۇق يېزىلىدۇ.

    تۈرك ئاياللىرى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تىرناق ۋە لەۋلىرىنى ھەمىشە قىزىل قىلىپ بويىۋالىدۇ. يېزىلاردىكى تۈرك ئاياللىرى بولسا ناھايىتى ئاددىي كىيىنىدۇ؛ كەڭ شىم، كۆڭنەك كىيىپ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچا ۋە شارپا ئارتىۋالىدۇ. شەھەر ئاياللىرى ياۋروپاچە كىيىنىشنى ئادەت قىلغان. تۈرك ئەرلىرىنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك غەربچىلىشىپ كەتكەن.

    تۈركلەر چايخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ھەر قانداق چوڭ كوچىدا، رەستىلەردە مۇشۇنداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار. قەھۋە -15 ئەسىردە ئەرەبلەردىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، تۈركىيىدە قەھۋەخانىلار ئېچىلىشقا باشلىغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە چايخانىلار يەنىلا سان جەھەتتىن قەھۋەخانىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. تۈركلەر چايخانىلاردا دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، تاماكا چېكىشىدۇ، قارتا ئوينىشىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش تۈركلەردە ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان.

    تۈركلەر ھەمىشە دوستلار ئارا ئىزدىشىدۇ، ئۆزئارا كۆرۈشكەندە قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ مەڭزىلىرىنى يېقىشىدۇ. سەھەردە ئۆزئارا «مەرھابا» دېيىشىدۇ.

    تۈركلەرنىڭ توي ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدە ئەركىن نىكاھ ئومۇملاشقان (چەت يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار.) توي ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ: يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە توي قىلىش تەكلىپى قويغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە قىز تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈنگە قالماي نىكاھ ئوقۇتۇلىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخۇنلارنىڭ خەتمە قۇرئانى بىلەن توي مۇراسىمى باشلىنىدۇ. مېھمانلار بىرىنچى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىدۇ. ئاساسىي مۇراسىم قىزنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىدۇ، توي كۈنى تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى «دۇپ ئۇسسۇلى» ئوينىلىدۇ (بۇ ئۇسسۇل پەقەت توي مۇراسىمىدىلا ئوينىلىدۇ.) تۈركلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئىسلامىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەبرىستانلىقلار ھەمىشە شەھەرلەردىكى باغچىلارغا، گۈل - گىياھلىرى چىرايلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى پات - پات قەبرىستانلىققا كېلىپ، خەتمە - قۇرئان قىلىپ تۇرىدۇ.

    تۈركلەر قۇربان ھېيت، روزى ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملارنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى روزى ھېيت بولۇپ، ھەمىشە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرام كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرى شادلىق كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.

    تۈركلەر __ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كۆپىيىش سۈرئىتى% 2.4 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆچمەنلەر ۋە ئەركىن نىكاھ شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئېگىزلىك- تاغلىق بولۇشتەك ناچار جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەمەلىي بېقىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش ھادىسىسىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا ئۈندىمەكتە.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(33)
97.1%
دەسسەش
(1)
2.9%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !