ئىلى رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىن بىرى. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەردانە قەيسەر ئىرادىسى، جاراڭلىق ناخشىلىرى، خۇشخۇي يۇمۇرىستىك خاراكتېرى، مېھماندوستلۇقى، گەپدانلىقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئادەتتە ئۆزلىرىنى «تارانچىلار» دەپ ئاتىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ناھىيىسى،قورغاس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى قاتارلىق جايلىرىغا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان. |