سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نورۇز تېمىسى نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-19 02:02مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:يامغۇر زىيارەت سانى: قېتىم

نورۇز ئېشىنى تەييارلاش
1.  نورۇز ئېشى ئېتىش  ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك )

قوي قوۋۇرغا گۆشى  1كلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ،

بۇغداي 1كلو ، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق  100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىلپۇرچاق 100 گرام  .

   سۇ ماي  200 گرام ، قىزىلمۇچ  500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 100 گرام ، چانغۇر  500 گرام ، تۇرۇپ 200 گرام ، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ،

  تۇز يېتەرلىك ، ئاچچىقسۇ  100 گرام ، قېتىق 50 گرام ، ئاقمۇچ 20 گرام ، شېكەر  30 گرام

2. تەييارلاش  جەريانى :

1.       6 سائەت بۇرۇن  بۇغداري ، پۇرچاقلار ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ .       كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.

2.      بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن  باڭزىلار سېلىنىپ  يېتەلىك سۇ  ( 10 كلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلۈنىدۇ .

3.  شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا   ، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ، تۇرۇپلار  كىچىك  چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ،   سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر  چانىلىدۇ ، ئاشكۆكى  2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ .  لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ

4.    قازاندىكى شورپىغا  چىلانغان  بۇغداي قاتارلىقلار  ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ  كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن  پات - پات  ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك . 

5.  يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا  توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن  ، پىياز ، سامساق  ، زەنجىۋىل ، تۇز قىزىلمۇچ ، تۇز ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، ئاچچىقسۇ   ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ .

6 . قازاندىكى  بۇغداي قاتارلىقلار  پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇ پ  ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما  ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .

  ئالاھىدىلىكى :    بۇ تۈركىي ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ  ،  بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىق ، چۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق

 ساقلانما ساندۇقۇمدىن

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(1)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !