![]() خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئائىلىۋى ئەخلاق قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئولتۇراق ئۆيلەردە روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن . ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تۇرمۇش ئادىتىمىزدە پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ يېتىش چەكلىنىدۇ ، بۇ ئولتۇراق ئۆيلەردىكى يېتىپ – قوپۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگەن . ئۆرپ – ئادەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، كۈننى ئۇلۇغلاش ۋە قىش پەسلىدە ئىسسىنىش سەۋەبىدىن ئۆي – ئىمارەتنىڭ ئىشىكى جەنۇپقا قارىتىشتىن ئىبارەت بىر خىل ئادەت شەكىللەنگەن . ئەجدادلىرىمىز يەنە ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىشىكنى جەنۇپقا قارىتىپ ئاچسا قىش پەسلىدە ئۆينىڭ يورۇق ۋە ئىللىق بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن . |