سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئادىتى - مۇزىكا

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-12 10:44مەنبە:ئاستانە يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئادىتى - مۇزىكا

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن قوشماق بىر گەۋدە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . چۈنكى ئۇ ئىكككىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدا بىر - بىرىنى ئۆز ئارا شەرت قىلىشقان . ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنڭ شوخ تېتىك ، مەردانە ، غەيور ، شادىيانە - خۇشپىچىم، قەيسەر مىجەز خۇلقىنى نەپىس ، نازۇك ، ئەۋرىشىملىك ھەركەت تىلى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق خەلىقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن بولسا ، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى بەدئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلىكى ، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللقى ، رېتىمىنىڭ مۇرەككەپلىكلىكى، ۋەزىنىنىڭ ئىنىق - ئۆلچەملىكلىگى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلرى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇل - سەنئىتىگە جان كىرگۈزۈپ ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرغان .
ئۇيغۇر مۇزىكا تىلىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ چالغۇلىرىنىڭمۇ تۈرى كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىىقى، مۇرەككەپلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئېگە .
ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنيىتىنىڭ خورىماس مەنبەسى بولغان ئون ئىككى مۇقام ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرگەن مۇزىكا دەستۇرى بولۇپ ، مەيلى ئەنئەنىۋى نەغمىلەر ياكى ھازىرقى يېڭى مۇۋاپىقىيەتلىك بەدئى مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى بولسۇن ھەممىسى ئون ئىككى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن . مەسىلەن ، قەشقەر ، يەكەن ،كۇچا ، كورلا ، تۇرپان ، قۇمۇل ، ئىلى سەنەم - مەشرەپلىرى قاتارلىقلاردا ئىيتىلىدىغان ناخشا ئۇسۇللارنىڭ مۇزىكىسى ۋە << غېرىپ -سەنەم >> ، << تاھىر - زوھرا>> قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىسىنى ، << تاشۋاي >>، << شادىيانە >> ، << نىم پەدە>>، <<سوۋار >> ، << ئويناڭ دەردى بار بالىلار >> ، << ۋادەرخا >> ، << دەردىڭ يامان >> ، << سېپىل ناخشىسى >> ، << جۇنۇن >> ، <<زېمىن >> ، << ئالىمخان >> ، <<لېۋەن يارلا>> ، << ئانارگۈل بالا >> ، << ھەيرانەي >> ، << ئىلاخۇن كۆك كۆز >>، <<سادىر پالۋان >> ، <<ھەي دادەي >> ، << بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار >> ، <<شەرىخۇمارى >> ، << ئۆستەڭ ناخشىسى >> قاتارلىق مۇزىكا ، ناخشا ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭىنىڭ دائىرىسى ۋە تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس ، بۇلار ئۇيغۇرلارنڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىق ناخشا -ئۇسۇللىرىنڭ تىپىك نەمونىلىرىدىن بولۇپ ، ئۇزۇن دەۋىرلەردىن بويان خەلقىمىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ -ئادىتىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىمۇ شۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس ، مۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر جەنوبى شىنجاڭ ، شەرقى شىنجاڭ ، شىمالىي شىنجاڭ ( ئاساسەن ئىلى رايونى ) ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا - ناخشىلىرىدا ئۇچرايدۇ ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر جەنوبىي شىنجاڭ مۇزىكا ئاھاڭىدا مۇرەككەپ ئەگىتمە كۈي - ئاۋازلارنڭ ئازلىقى ، شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا -ناخشا كۈي -ئاۋازىنىڭ ئاددىيلىقى ( كورلا ، تۇرپان ، قۇمۇل سەنەملىرىنىڭ كۈي - ئاۋازلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ) ، ئىلى مۇزىكا - ناخشىلىرنىڭ ئەگىتمە ، سىيرىلما ، بۆلۈنمە ئاۋازلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ . ئەمما بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئون ئىككى مۇقام كۈي - ئاۋازلىرنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، يەنىلا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئورتاق سېستىمىسىغا مەنسۈپ .

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(0)
0%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !