ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن توتېم، شامان، زەردۇشت، مانىي، خرىستىئان، بۇددا قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن، يۇقىرىقىدەك دىنلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى ئىسلام ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ساقلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، توتېم ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقاد بولۇپ، ئۇنىڭغا مەلۇم بىر ھايۋانغا ياكى ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخلەرگە چوقۇنغان ۋە ئۇنى ئۆز ئەجدادى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىغان. ئەنە شۇ توتېم دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىي خەلقلەردە ئۆزىنى ئۇلۇغلاش ئادىتى كېلىپ چىققان. شۇڭا ئۇيغۇرلار ھەمراھ بولىدۇ، دەپ بۆرە ئوشۇقىنى ئۆز يېنىدا ساقلىشى، يىراق بىر يەرگە سەپەرگە چىققان ئادەم سەپىرىدە ئالدىغا بۆرە ئۇچرىسا «سەپىرىم ئاقيوللۇق بولىدىغان بولدى» دەپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئەگەر تۈلكە ئۇچرىسا «سەپىرىمدە بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال يۈز بېرىدىغان بولدى» دەپ، يولىنى داۋاملاشتۇرماي قايتىپ كېلىشى ئەنە شۇ توتېم ئەقىدىسىگە كىرىدۇ، ئەگەر بىر ئايالنىڭ كۆزى يورۇغان بولسا، تۇغۇت ئانىسىدىن ئوغۇلمۇ ياكى قىزمۇ؟ دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «بۆرىمۇ ياكى تۈلكىمۇ» دەپ سوراشمۇ توتېم ئەقىدىسى جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۆرە توتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئادەتلەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ. شامان دىنىدا ئازايىم (ئەپسۇن) ئوقۇپ، جىن - ئالۋاستى (يامان روھ)لارنى قوغلايدۇ. ئۇيغۇر خەلقىدىكى پېرىخونلۇق، داخانلىق ئەنە شۇ شامان دىنىنىڭ ئەنئەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە بۆشۈكتىكى بوۋاقلارغا جىن - ئالۋاستىلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،بوۋاقنىڭ بېشىغا پىچاق ياكى تىغ قويۇپ قويۇشى، جىن - ئالۋاستىلارنىڭ بۆشۈككە يولاتماسلىق ئۈچۈن بۆشۈككە ئىسرىق سېلىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئادەتلەر دىنىنىڭ ئابىدىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر خەلقى بۇرۇن زەردۇشت (ئوتقا چوقۇنۇش) دىنغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىندا ئوتتىن مەدەت تىلىنىدۇ. بۇ دىننىڭ بەزى تەسىرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، بىر ئادەم ساقسىز بولۇپ قالسا، كوچا دوقمۇشلىرىدىن ئەخلەت - چاۋار تېرىپ كېلىپ، كېسەل بولغۇچىنىڭ بېشىنى بىر نەرسە بىلەن پۈركەپ قويۇپ، زاۋال ۋاقتىدا ئۇچۇقلاش؛ يېڭى تويى بولغان قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كەلگەندە قىزنى كۆيۈۋاتقان ئوت دۆۋىسىدىن ئايلاندۇرۇش ئادىتى قاتارلىقلار زەردۇشت دىنىنىڭ ئابىدىلىرى بولۇپ، ئوتتىن مەدەت تىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بۇ دىن يورۇقلۇقنى مۇقەددەس بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈن، ئاي قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرى ئۇلۇغلىناتتى، ئۇلاردىن مەدەت تىلىنەتتى. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى چىقىۋاتقان كۈنگە قاراپ تەزىم قىلىشى بۇنىڭ مىسالى. بۇرۇن غۇرلار ئارىسىدا كۈن ياكى ئاي كۆيسە يىغا - زار قىلىشىپ دۇئا - تەكبىر ئۆتكۈزۈش ئادىتى بار ئىدى.بۇنىڭدىن باشقا كۈنگە قاراپ تۇرۇپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلماسلىق (ھازىرمۇ ياشانغانلار ئارىسىدا ساقلانماقتا) تەرەتخانىلارنىڭ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سېلىنىشى، يۈزىنى يۇماي تۇرۇپ، بولۇپمۇ ناپاك (جۇنۇپ) تۇرۇپ كۈنگە قارىماسلىق - بۇلار ئاسمان جىسىملىرىنى ئۇلۇغلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاي ، يۇلتۇز، چولپان، يەشىن» دېگەندەك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ نامىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇشىمۇ مانىي دىنىنىڭ ئەقىدىسىدۇر. يۇقىرىقىلار ئېستېتىك مەنە جەھەتتىن گەرچە مۇئەييەن بىر دىنىي ئېتىقادقا باغلانسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ خەلق ئارىسىدا بىر خىل ئادەت شەكلىدىلا مەۋجۇد بولۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |