سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تۇۋا جۇمھۇرىيىتى [رۇسىيە]

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-05 16:46مەنبە: يازغۇچى:ulugbek زىيارەت سانى: قېتىم

   تۇۋا جۇمھۇرىيىتى رۇسىيەنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن تۇتىشىدىغان يىنىسەي(ئاناساي) تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، رۇسىيە فىدىراتسىيىسى سىبىرىيە فىدىراتسىيە ئوبېكتىغا قاراشلىق تاغلىق جۇمھۇرىيەت.
  يەر كۆلىمى 179مىڭ800كۋادرات كىلومېتىر.
 پايتەختى: قىزىل شەھىرى نوپۇسى 110مىڭ.  مۇھىم شەھرى ئاكدۇۋۇراك(ئاقتوغراق)
نوپۇسى: 2002-يىلىدىكى سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 305مىڭ510 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە  تۈركى مىللەت تۇۋالار240مىڭ ئادەم  بولۇپ جۇمھۇرىيەت ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 77%نى ئىگەللەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا  رۇسلار 60مىڭ ئادەم، خاقاسلار مىڭ ئۈچ يۈز ئادەم، ئۇكرائىنلار 2مىڭ ئادەم قالغانلىرى سانى مىڭغا يەتمەيدىغان باشقا مىللەتلەر بار. تۇۋالار بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
     تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقلىمى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ياز پەسلى قىسقا ھەم ئىسسىق، قىش پەسلى ئۇزۇن ۋە بەك سوغۇق.
     تۇۋا جۇمھۇرىيىتى 17-ئەسىردە جۇڭغارلانىڭ قارام زىمىنى بولۇپ قالغان، جۇڭغارلارنى چىڭ سۇلالىسى يوقاتقاندىن كېيىن  چىڭ سۇلالىسىنىڭ زىمىنى بولۇپ قالغان.  1924-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن مۇستەقىللىك جاكارلاپ سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1944-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاراشلىق ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1990-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىك جاكارلىغان. خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن  1993-يىلى  تولۇق ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە رۇسىيە فىدىراتسىيىسىگە قاتناشقان.
    تۇۋا خەلقى بۈگۈنكى كۈندە سانىنىڭ ئاران 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشىغا قارىماستىن موسكۋانىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن «ئىگىلىك ھوقۇقتىكى دۆلەت»كە ئايلانغان. ئۇ موسكۋا بىلەن فېدېراتسىيە كېلىشىمگە قول قويغان بولۇپ، نامدا رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى ھەم دۆلەت شېئىرىغا شۇنىڭدەك مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيەدىن باشقا بارلىق ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئىگە جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالغان.
    بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەسمى ئاخبارات تورىدا «تۇۋا پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئاساسى قانۇنى 1993-يىلى دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. دۆلەتنىڭ ئالى ھاكىمىيەت ئورگىنى يەنى قانۇنى ھاكىمىيىتى «ئالى خۇرال»، دۆلەت رەھبىرى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ يېزىلغان.1997-يىلى ئاخىرقى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ئالى خۇرالنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتكەن.

   تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتى: http://gov.tuva.ru

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(13)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !