ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز دادىل ئەمەس ھەم ئۇلاردا ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىقدارى ئاجىز.ئەگەر بىرىگە ھوقۇق تېگىدىغان بولسا، ئۇ دەرھاللا رەھىم –شەپقەتسىز ۋە باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ.غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم كۈل ئىچىدە كېتىۋاتقان سازاڭ قۇرتىدەك ئۆمىلەپ مېڭىشى كېرەك ئىدى. بايلار ھامان كەمبەغەللەرنى ئانىي تاپاتتى.دەۋا –سوراقلاردا بولسا، قازى پارىنى كىم كۆپ بەرسە شۇنىڭ گېپىنى راست قىلاتتى.تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئۆز ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ساختا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈچىلەرنى يىغالايتتى. ياۋروپالىقلاردا خىزمەتكارلار خوجايىننىڭ خەير-ساخاۋىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خوجايىنغا بولغان سادىقلىقىنى ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆزىگە كۆندۈرۋالغانلىقى بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، خىزمەتكارلار ئىچىدە كۆز بوياپ، ئامال بار ئىشنى ئاز قىلىپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلار كۆپرەك. بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشپ قىلىش، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۈت ئەمەس.ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت تېمىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاز ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇرلار كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاپلار ئەرەپچە ۋە پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، دىن ،پال سېلىش ۋە سېھىرگەرلىك تېمىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتمۇ بوستانلىقلاردىن باشقا قالغىنى قۇملۇق، چاڭقاق يەر، تاقىر تاغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇ تەرىقىدە ھاياتىي كۈچى ئاجىز بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە، مەن يەنە شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ ،ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسن قوشقىنىدىن باشقا، مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنۈشى_كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا،كۈزگە تەلپۈنۈشى _مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە ئاكتىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى پاسسىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى.بۇ پەقەت بىر ياۋروپالىقنىڭ كۈزىتىشىدىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدۇر.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |