سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تاشمۇھەممەت باتۇر ھەققىدە(3)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-25 16:19مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم


3) بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ جەمىئەتتىكى بىزنى ئويغا سالىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرى بۇلۇپ ئۇ تىكىستنىمۇ ناھايتى ئەتىراپلىق تاللايدۇ، يەنى ناخشا مەزمۇنىنىڭ بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقۇرى بۇۇشىمۇ بۇ ئوغلاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم پاكىت. يەنى دوسىت، ئۆتە بۇياققا، غەيۋەتخۇر، خىزمەت، قورقىمەن. ئادەملەر، دۇنيا، ئانا، ئەخلاق، ياخشىلىق قىل، ئۇسىنىڭ داداڭ ، ئۇسىنىڭ ئاناڭ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەممە ناخشىسى دىمەكچى بولغىنىمىزنى زور پاكىت ئاساسى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
4) كەسىپنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا سىڭدۈرۈش ئامىلى بۇلۇپ. بۇنى بىز ھەممە كۈيلىرىدە پەيدا بولغان رۇشەن ھايات مۇھەببىتىدىن كۈرىۋالايمىز.
5) ناخشا سەنئىتىدكى ئۆزگىچە پۇراقنى يۇقاتماسلىقمۇ ئوغلانىمىزنىڭ ناخشىلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۋاتقان كونكىرىت سەۋەبتۇر، دەپ كەلسەك ناھايتى كۆپ . قىسقىسى تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ناخشىلىرىنڭ قىممىتى يۇقۇرى بۇ تەرىپىمۇ ھەمىزگە ئايان.  
3- كەسىپداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش جەھەتتە؛
مەن بۇ يەردە تاش مۇھەممەتنىڭ بۇ تەرەپتىن ناھايتى ئۆلگىلىك رۇلغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي. تاش مۇھەممەت نۆۋىتىدە ئۆزىمۇ چولپان بۇلۇش بىلەن بىرگە كەسىپداشلار ئارىسىدىكى چولپانلار بىلەنمۇ ناھايتى ئىناق ئۆتىدۇ، مەسىلەن ياش كومپىزوتۇرى مەخمۇت سۇلايمان، توغراق كۈيچىسى تالانىتلىق ياش كومپىزوتورى ئابلەت ئابلىكىم، كۆلكە چولپىنى، نەسىردىن ئەپەندى، ھىسام قۇربان ۋە يىتىشىۋاتقان تالانىنتلىق كۆلكە چولپىنى . خەلىقنىڭ ھۆرمەتلىك ئوغلانى ئابدىكىرىم ئابلىز، تۆمۈرخان رۇزى، ھەمدە پىشقەدەم ئۇستازلاردىن ئابلىز شاكىرى ، مۇھەممەتجان راشىدىن، قاتارلىق ئەل ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق ئەربابلا بىلەنمۇ ناھايتى مۇۋەپىقىيەتلىك ھەمكارلىشىپ كىلىۋاتىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز كەسىپداشلىرىغا چوڭ ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان ئىستىلىنىڭ رۇشەن ئامىلىدۇر، شۇنىڭغا مۇناسىپ يىتىشىۋاتقان ناخشا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۆز مەستانىلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ ناھايتى ياخشى ، مەسلەن ئەنىۋەر ھاكىم، سەھەر گۇرۇپىسى، نۇرنىسا ئابباس، يەنە نۇرغۇن مەن بىلمەيدىغان ئۆزى بىلىدىغان ياش چولپانلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشى ياخشى . ئۇنىڭ ئۆستىگە دىيارىمىزدا يىتىشىۋاتقان ياش ناخشىچى ئەسقەر مۇختەرمۇ بۇكىشىنى مەنىىۋى ئۇستاز قىلغان. ھەم ئارتۇق بولسىمۇ بايان قىلاي خوتەنگە تەكلىپ بىلەن كىلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان مەزگىلىدە مىنىڭ تۇنۇش ئاغىنىلىرىمدىن ئۇقسام مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەنئىدى. دىمەك بۇ كىشى يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس . دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس دىگەن كوللىكتىۋزىملىق ھەمكارلىشىش روھىغا ناھايتى باي.
4-تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ مەستانىلرىنىڭ قەلىب سۆزىدىن : بۇنداق دىسەم بولار بەلكىم باشقىچە چۈشىنىپ قىلىشى مۇمكىن بىراق بۇ جەھەتتە ئازىراق توختالماي بولمايدۇ.
ئادەتتە كۆپ دەيدىغان سۆزلىرى، ھەي مۇشۇ تاشنىڭ ناخشىلىرى نىمانداق پەيزى ھەي. ئادەتتە بۇ يەردە تاش مۇھەممەت دىمەيلا . تاش دەپلا ئاتارۋىرىدۇ.
تاشنىڭ سۆيگەن گۇناھ ئۆزەمدە دىگەن ناخشىسىنى نەدىن تاپقان بولغىيىتتى، تاش مۇھەممەت بىر كەلسە بىر قوي سۇيۇپ بىر ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىلى بولسا. قورقىمەن دىگەن ناخشىسىنى قايتىلاپ ئاڭلايلى ئاداش. دەھشەت پەيزىكەن. دەرىتلىرىمنى بىر ئۇقۇپ باقايلىچۇ،، بۇ ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى ئاڭلىغۇسى كىلىدكەن.،. ئىشقىلىپ تاش مۇھەممەتنىڭ ناخشىلىرىغا يىتىدىغىنى يوق. ئاۋازىغا دەرىت بەرمىسۇن . كۆز تەگمىسۇن دىگەنگە ئوخشاش سۆز ۋە تىلەكەر كۆپ . يەنە بىر مىسال مىنىڭ بىر دوستۇم ئۆرۈمچىدە شۇ تاش مۇھەممەتنىڭ ناخشا ئىيىتقان كىچىلىكىدە ھىس قىغىنى بۇلۇپ ھەي مەن باشقىسىنى خىلى چوڭ بىلەتتىم . تاش مۇھەممەتنىڭ نەقەدەر سەھنىنى ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن دىگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىدىم. دىمەك بۇ كىشىنىڭ مەستانىلەر قەلبىدىكى ئورنىمۇ ناھايتى يۇقۇرى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(184)
88.9%
دەسسەش
(23)
11.1%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !