ئۇنىڭدىن كىيىن تا 3 يىلغىچە يەنە بىز 2007يىلغا كەلگىچە مەزكۇر ئوغلان نامىدىن مەخسۇس چىقرىلغان ئالبۇمنى ئۇچىراتمىدۇق، بۇ ۋاقىتلاردا مەن راس گىپىمنى قىلسام بۇ ئوغلاننىڭ ناخشىلىرىغا بەك تەشنا بولغان. بەلكىم دەۋىر بىلەن بۇ ئوغلانىمىزنىڭ مىزانى بولسا كىرەك. يەنى بىر ئىشنى قىلسام چۇقۇم ياخشى قىلىپ خەلىقىمنى رازى قىلىشىم كىرەك ھەر گىز ئالدىراپلا ياخشى بولمىسىمۇ قىلىسام بۇلىرۋىرىدۇ دەيدىغان ناچار ئىستىلدىن يىراق تۇرۇش ئامىلى. بۇنى مەن ئۆز ھىسياتىم بىلەن دىيىۋاتقان ئىش بولماستىن بۇ ئوغلاننىڭ ئەمىليىتى كۆرسەتكەن رىئاللىق شۇنداق قاراشنى ھەممە قەلىب ئىگىىسىدە پەيدا قىلىدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا بۇ ئوغلانىمىز قايتىدىن ئۆزىنىڭ يىڭىدىن ئىشلىگەن نادىر ئەسەرلىرى توغىرىسىدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-يۈرۈش قانىلىدا تۇنجى 2006-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇچۇر بەردى. يەنى يىڭى يىل ھارپىسىدا كۈرىشىدىغان ئىككى قىسىملىق ئالبۇمى دەرىتلىرىم توغىرىسدا. مەزكۇر ئىككى قىسىملىق ئالبۇم مەيدانغا كەلگندىن كىيىن بۇ ئالبۇم زور تەسىر قوزغىدى يەنى ئۇيغۇر ناخشا سەنئىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتىرلىك نەتىجە يارىتىپ ئاممىباب ناخشىلارنىڭ كۇرىسىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى. مۇزىكىسىنىڭ يىنىك، پاكىزە ، ئاددى ،يىقىملىق ئاكۇرىتلاشتۇرش بىلەن بىرگە يۇقۇرى سەۋىيەدە ئۇرۇنلاش سەنئىتىنى نامايەن قىلىپ ھەممە خەلىق ۋە كەسىپ ئەھلى ئالدىدا بۇرۇنقى ئىناۋىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرغا كۆتۈردى. بۇ ئالبۇمدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئانا، خىزمەت، سۆيگەن گۇناھ ئۆزەمدە، قورقىمەن. ياتلاشتۇق، ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەممە ناخشىلىرى ئەڭ مودا ناخشىلاردىن بۇلۇپ قالدى. بۇ ناخشىلار تا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ جەلىبكارلىقىنى يۇقاتقان ئىش يوق. ئۇنىڭدىن كىيىنلا مەيدانغا كەلگەن دەرىتلىرىم ناملىق ئالبۇمى يەنى بىر مەيدان زور تەسىر قوزغىدى، يەنى دەرىتىلىرم، قېنى ۋەدەڭ، ئەخلاق، قاتارلىق ناخشىلىرى بۇ ئوغلانىمىزنىڭ تىنىم تاپماي بىز ئۆچۈن تىرىشىدىغان روھىنى نامايەن قىلىپ بەردى. تېخى يىقىندىلا ئۆتكۈزۈلگەن شەبنەم ناخشا كىچىلىكىدە ئۇرۇنلىغان ئۆز يارىغا يىتەمدۇ دىگەن ئىجادى ناخشسىمۇ ئادەمنى ناھايتى خۇشال قىلىدۇ، قىسقىسى تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ناخشا سەنئىتىگە كىرىپ كەلگەن 10يىللىق تارىخنى ئەسلىسەك ئۇ ھەقىقەتەن ئارىمىزدا ھۆرمەتكە سازەۋەر ناخشىچى بۇلۇشقا ئەرزىيدىغان سەنئەتكاردۇر، 2-تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ناخشىلىرىنىڭ قىممىتى توغىرىسىدا: بىز بۇ يەردە مۇشۇنداق ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلغان بۇ ئوغلاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ زادى قايسى تەرەپلەردە قايىل قىلارلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قىممىتى توغىرىسىدا ئازىراق توختالمىساق بولمايدۇ. 1) تاش مۇھەممەت ناخشىنى ئالۋاڭغا ئەمەس بەلكى بىر ئوتقا يەنى ناخشا سەنئىتىدكى بىغىشلاش روھىغا تاينىپ ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ئۇ ناخشىنى ھەقىقى يۈرىكىدىن چىقىرىپ ئېيتىپ ئۆز ناخشىلىرىغا سىڭىپ كىتىدۇ. بۇنى بىز بۇ ئوغلاننىڭ ناخشلىرىدىن ئۇچىرتالايمىز. ھەم ئۇ بارلىقا كەلتۇرگەن ناخشىنى ھەر قانداق ئادەم خالىغانچە ئۇرۇنلىشى ناتايىن. 2) تاش مۇھەممەت ناخشىلىرى ئەبجەش ۋارىيانىتتىن يىراق بۇلۇپ ئۇ خەلىق ئىچىدىكى نادىر سەنئەت ئامىلىنى ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىغا يىتەكچى قىلغان. بۇنى ئۇنىڭ خەلىق كۈيلىرىدىن يىراقلاشماسلىقى ھەمدە مۇزىكىدا دۇتتار، تەمبۇردىن ئىبارەت شاھەنە سازنى ئايرىماسلىقىدىن كۈرىۋالايمىز. ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ ياشتىكى زامانىۋى ئۇسلۇبنىڭ نادىر قىسمىنى سەنئىتىمىزگە سىڭدۈرىشى رۇشەن نامايەندە. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |