ئۇلار بىر ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ لويى 16نىڭ خانىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئوردىسى بولغان مالېي تېنىبو سارىيىغا يىتىپ كەلگەن .كۆز ئالدىدىكى سەلتەنەتلىك قۇرلۇش ئۇلارنى زوقلاندۇرغان بولسىمۇ ،ئەمما شىپاڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ رەسىم سىزۋاتقان ئايالغا قاراپ ناھايتى ھەيران قالغان .ئۇ ئۇزۇن يالغان چاچ ئۆرىۋالغان ،ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ھالەتتە بولۇپ ،تىپىك 18-ئەسىردىكى ئاقسۆڭەك ئايالغا ئوخشايتى .ئۇلار ئۇنىڭ يىنىغا بارغان ۋاقىتتا ،بۇ ئاق سۆڭەك ئايال ھەم ھەيران ھەم قورققان ھالەتتە ئۇلارغا قاراپ تۇرغان .شۇندىلا بۇ ئىككى ئەنگىليەلىك ئايال ئۆزلىرنىڭ قانداقتۇر ئۇزۇن يىللار ئىلگىركى بۇ ۋاقىتقا كىرىپ قالغانلىقىنىى ئاڭقىرالىغان . تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەش ئارقىلىق ،ئۇلارنىڭ 1789-يىلغا قايتىپ قالغانلىقى ئىنىقلاندى .ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان" مەدىكار "بەلكىم ئىشىك باقار بولىشى مۇمكىن ،يىرتىق كىيىم كىيگەن ئايال بىلەن قىزچاق پادشاھ ئوردىسىغا تەۋە يەردە ئولتۇردىغان فىرانسىيلىك دېھقان بولىشى مۇمكىن .بۇ ئىككى ئايال نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەسخىرسىگە قالغان ،كىشىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى ئەنگىليىلىك ئايال ئوقۇتقۇچى توقۇپ چىققان ھېكايە دەپ قارىغان . چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ راسىت -يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايتتى .يەنە كېلىپ ھېلىقى ياغاچ كۆرۈكنىڭ خان سارىيدىكى تارىخى ماتىرياللاردا تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ،بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى .ئەمما 1920-يىلى ،كىشىلەر يىقىن ئەتراپتىكى كىچىك بىر بازاردىكى ئوردا ساراينىڭ لايھە خەرىتىسىنى بايقىغان ،بۇ لايھە بىر كونا ئۆيدىكى تام مەشنىڭ خىشلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ ،ئادەمنى ئەڭ قىززىقتۇردىغىنى ھېلىقى ياغاچ كۆرۈك توساتتىن بۇ لايھىنىڭ ئىچىدە پەيدا بولۇپ قالغان . ئالىملار ئالەم بوشلۇقى ئۇز ئارا سېممىتىرىك بولغان دۇنيادىن تەشكىل تاپقان ،ھەر بىر دۇنيانىڭ ئورنى بولۇپ ،بىرسى يەنە بىرسىنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارماقتا .ئەگەردە شۇنداق بولىدىغان بولسا بىز "كۆلەڭگە دۇنياسى"دىكى دېڭىز ئاستى ياكى تاغ چوققىلىرنىڭ مەلوم يېرىدە ياشاۋاتىقان بولۇشىمىز ،ئەتراپىمىزدا "كۆلەڭگە دۇنياسى"دىكى ئاھالىلەر ھەركەت قىلۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |