قەلبىمدە بارسەن خوش دىدىم قەلبىمنى تۇتسىمۇ يىغا، ئەلەمدە لىۋىمگە قانلار ئۇيدورۇپ. قانداقچە تاندىڭسەن مىنىڭدىن بىزىپ، راس-يالغان سۆزلەدىن بانا ئۇيدورۇپ.
تارتىشقا رازىمەن ئازاپلىرىڭنى، ھىجرانلار قەلبىڭگە بەرسە شىپالىق. تىلەيمەن مەن ساڭا يەنىلە بەخىت، بىراقتا بۇ دىلىم ھەسرەت پىغانلىق.
سەن بەرگەن جۇدالىق شىرىن ئەسلىمە، بۇ مىسكىن دىلىمنى كىلىدۇ تىلغاپ. قالدۇردۇڭ مەڭگۈلۈك ئاچچىق جاراھەت، ئۆتمەكتە كۈنلىرىم ئۈنتۈنسىز يىغلاپ.
سۈيگۈگە تەڭكەشكەن يىغا ھەم كۈلكە، شۇڭىمۇ ئاشىقلار يازغانكەن داستان. قەلبىمنىڭ تۈرىدە ئۆزەڭلا پەقەت، گوۋادۇر بۇ سۆزگە يەر بىلەن ئاسمان.
ئىسىمدىن چىقمايدۇ ئاي كۈلگەن ئاخشام، يادىڭدا باردۇر ھەم بىز ئىيتقان ناخشا. يۇلتۇزغا تەلمۈرۈپ تىلەكلەر تىلەپ، مۇڭداشقان قول تۇتۇپ قەدەملەر ئاستا.
يىراقلاپ كەتسەڭمۇ مىنىڭدىن گەرچە، قەلبىمنىڭ كۈكىدە پارلىغان ئايسەن. يادىڭغا يەتكەندە قۇيارسەن ئەسلەپ، ھەر تاڭدا ھەر ئاخشام يادىمدا بارسەن! (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |