گۇزەل ئىلى دىيارىم
گۈل گۈلۈستان ئالمىلىق، گۈزەل ئىلى باغلىرى. دۇنيادىكى جەننەتتۇر، چەكسىز كەتكەن تاغلىرى. چاخچاق خۇمار خەلقىنىڭ، ئۆتەر ھىيتتەك چاغلىرى. ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاق، يوق ئاداۋەت زاغلىرى. قەد كۆتۈرۈپ كۆز ئاچقاچ، قايتىلانماس كەچمىشى. باياشاتلىق دەۋراندا، يوقتۇر ئەندى رەنجىشى. نۇرتاي ...ئوخشاش ئوغلانلار، ئەۋلاتلارنىڭ دىلكىشى. ئېقىپ تۇرغاچ ئاق ئۆستەڭ، روناق تاپتى ھەرئىشى. قەد كۆتەرگەن يۇرت-يۇرتتا، ئىنىستۇتلار، مەكتەپلەر. قىزغىن بىلىم ئالماقتا ، بىلىم -كۈچ دەپ پەرزەنتلەر. قاتار كەتكەن بىنالار، كۆككە بېشى تاقاشقان. كەچتە يانسا چىراقلار، كۆزۈڭ ئۇندىن قاماشقان. چىمەنلىكنىڭ ئۆزىدۇر، مانا ياشلار مەيدانى. ئۇسسۇل ئويناپ قېرى-ياش، ئاۋات قىلار سەينانى. ئەنە ئاۋۇ ھەرەمباغ، بۇ مەدىرس مەسچىتى. دەريا بويغا بارساڭمۇ، بۇ شەھەرنىڭ بىر چىتى. ئىلى دەريا بويلىرى، سەيلىگاھدۇر يىل بويى. بارساڭ كەتكىڭ كەلمەيدۇ، نەغمە-ناۋا كۇن بويى. دەريا ئۈستىدە كۆۋرۇكى، يىلان كەبى سوزۇلغان. "كىلىڭ يەنە مىھمان! "دەپ، لەۋھە-تەكلىپ يىزىلغان. سەھرالارنى بوش دىمەڭ، بۇغداي،قوناق..ئوخشىغان. توققۇز ناھىيە بىر شەھەر، زەنجىرسىمان تۇتاشقان. پويىز ماڭار ۋاقىراپ، ماشىنىلار ئالدىراپ. كان بايلىقى مۇل ئۇندا، تۇرار ئەنە پاقىراپ..... يازسام-يازسام تۇگىمەس، ئانا يۇرتنىڭ تەرىپى. سىزنى كۈتۈش ھەرقاچان، ئىلىلىقنىڭ شەرىپى. كەلگىن دوستۇم ئىلىغا، جەننەت دىگەن مەشەدە. دىلىڭ يايرار شاتلىقتىن، ئىلى دىگەن بۇ شەدە. مەنبە:يازمام(چوغلۇق) (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |