سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > سالام غۇلجا >

ساخاۋەت يولىغا بېسىلغان پاك ئىزلار

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-08 19:06مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئاتامان زىيارەت سانى: قېتىم


 
 

 

 

 

 

 

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلمىنۇر كامال خەۋىرى : 4–ئاينىڭ 30–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى بىرلىكتە ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، شۇنداقلا ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
   پائالىيەتكە غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› دىكى مېھرى ئاتەش، ساخاۋەتچى ئانىلار، خانىم–قىزلار ھەمدە بۇ ئۇلۇغ يولغا دادىل قەدەم تاشلاپ ، بۇ تەشكىلاتنى باشتىن ئاخىر قوللاپ– قۇۋۋەتلەپ ، سېخىي قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان يەككە تىجارەتچى ،كارخانىچىلار قاتناشتى . پائالىيەتتە غۇلجا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرى رۇقىيەم سۆز قىلىپ ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› تەشكىللەنگەندىن تا ھازىرغا قەدەر ئىشلىگەن مەنىلىك ئىش–ئىزلىرىنى خۇلاسىلىدى شۇنداقلا ، باسقان ئىزىدىن گۈل ئۈنىدىغان پەرىشتە سۈپەت ئانىلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي مىننەتدارلىقىنى ، چوڭقۇر ئىپتىخارىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇلارنى مۇكاپاتلىدى .

   ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› 2004–يىلى 11–ئاۋغۇست غۇلجا شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان 12 نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللىنىشى  بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ، شۇ يىلى يېڭىيەر مەركىزىي باشلانغۇچ ۋە چەيلەڭزە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 12 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ھالدا مەرىپەت گۈلىستانىغا قايتىپ كېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇ–ئارمانلىرىنى چېچەك ئاچقۇزۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى . ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى ئىشىدىن خەۋەر تاپقان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ، شەھەرلىك پارتكومدىكى رەھبەرلەر ، ئاياللار بىرلەشمىسى ، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ–قۇۋۋەتلەپ ، مەدەت بېرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەك بولدى.
   خەلقىمىز ئەزەلدىن ئېسىل پەزىلەتلىك ، ئالىيجاناپ كىشىلەرنى ئەزىزلەيدۇ ، ھۆرمەتلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ شەنىگە داستان ئوقۇپ، كۈيلەر قاتىدۇ . ياخشىلىق يولىغا قەدەم باسقان گۈزەل قەلب ئىگىلىرىنى قوللايدۇ ھەم ئۇلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. ‹‹مېھرىبان ئانىلار جەمئىيىتى›› قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ھەر ساھەنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشتى ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى ، ھازىر بۇ قوشۇن زورىيىپ ، چاپچال ، نىلقا ، توققۇزتارا ، قورغاس ، غۇلجا ناھىيەلىرىگىچە كېڭەيدى . بۇ يىل ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار››نىڭ سانى 150 نەچچىگە ، ئۇلار ئوقۇتۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 184 كە يەتتى . ئۇلار ھازىر غۇلجىدىكى يېڭىيەر ، چەيلەڭزە ، ئاقتۆپە ، 4–باشلانغۇچ، 22–باشلانغۇچ، 29–باشلانغۇچ ، رۇس مەكتەپ ، 8–ئوتتۇرا ، 2–ئوتتۇرا قاتارلىق 10 مەكتەپتىكى 184 نەپەر ئوقۇغۇچىنى خالىسانە ئوقۇتۇۋاتىدۇ . بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، قازاق ، خۇيزۇ ، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› جەمئىيىتى ئۇلارغا سېخىي قوللىرىنى سۇنۇپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى ياڭراتتى . بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
   2006–يىلى 3–ئايدا قورغاس ناھىيەسىنىڭ داشۇگۇر ، لوسىگۇڭ يېزىلىرىدا تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر  ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى . بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› دەرھال تەشكىللىنىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىسىغا كىيىم–كېچەك ، نەق پۇل قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى ئېلىپ بېرىپ ، سەمىمىي كۆڭلىنى بىلدۈردى ؛ 2008–يىلى 5–ئايدا سىچۇەندە قاتتىق يەر تەۋرىگەندە ، ئاتا–ئانىسىز قالغان بالىلار ئۈچۈن 5000 يۈەن ئىئانە قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بۈيۈك سېمفونىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ياڭراتتى ؛ ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇ يىل فېۋرالدا ئىلى رايونىدا قار–يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن كىشىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى ، بۇ ھايات–ماماتلىق پەيتلەردە ، قەلبى دېڭىزدەك چوڭقۇر ، ۋۇجۇدى قۇياشتەك ئىللىق مېھرى–مۇھەببەتكە تولغان ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان جايلارغا 3200 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن ، ماي ، گۈرۈچ ، گۆش ، نان قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ؛ يېقىندا ، يۈشۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەپ ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساخاۋەتچى ئانىلار ئۇلارغا 3000 يۈەن ئىئانە قىلىپ ، سەمىمىي تىلەكلىرى ، ئەمەلىي ياردىمى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى ؛ 2009–يىلدىن باشلاپ ، بۇ جەمئىيەتتىكى 18 نەپەر پېشقەدەم ئانا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن پىدائىي بولۇپ ، ئۇلارنىڭ غەم–ئەندىشىسىز ئوقۇشىغا يار–يۆلەكتە بولۇپ كەلمەكتە ؛ ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› نىڭ بىرى ، سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان تاجىنىسا ئۆز يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كۆتۈرۈپ ، سەھەر ئاپتىپىدەك ئىللىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى . بۇ جەمئىيەت ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ساخاۋەت ئىشلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلدى.
   ياخشىلارغا ناخشىلار تولا . بىز ئائىلىگە ، جەمئىيەتكە چوڭقۇر مەسئۇلىيەت ھەم ئىنسانىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئائىلىدە مېھرىبان ئانا ، جەمئىيەتتە خالىس تۆھپىكار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت ھەم ئۇلۇغۋار ئىشقا بارلىقىنى بېغىشلاپ ، مېھر–مۇھەببەتكە ، ياردەمگە تەشنا سانسىزلىغان گۆدەكلەرگە ئانىلىق مېھر–مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان بۇ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ باھار پەيزىدە پورەكلەپ ئېچىلىپ ، گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالى ، مەنىۋى تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ، ھەممەيلەننىڭ خەيرلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ ، چەكلىك ھاياتىنى چەكسىزلىككە ، قىممەتكە ، مەنىلىك ، تەسىرلىك ، گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(19)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !