1.خوتۇننى تاشلىسا ياتلىشىدۇ ، تۆمۈرنى تاشلىسا داتلىشىدۇ . 2. سىلىق يەردە سوپۇن تۇرماپتۇ، ئەرتىسنىڭ قولىدا خوتۇن تۇرماپتۇ. 3. ساراڭ خوتۇن چېچىنى تارىماپتۇ ، لەيلىگۈلگە ھېچ نىمە يارىماپتۇ . 4. ھوشۇقتىن دىڭ دىڭ يامان ، ساقچىدىن مىنبىڭ يامان . 5. ساراڭ بولساڭ پىرە ئوينا، قېرى خوتۇندىن نېرى ئوينا. 6. توخۇنىڭ تېرىسى تاتلىق، خوتۇننىڭ قېرىسى تاتلىق . 7. شاپاق يەرگە چۈشسە يازغا تەۋە، شىلەپە گەدەنگە چۈشسە تازغا تەۋە. 8. قوناق تاپساڭ غازغا بەر ، قىزىڭ بولسا تازغا بەر. 9. ئۆدەك بىلەن غاز ئوينار، چىۋىن بىلەن تاز ئوينار. 10. ماشىننى بۇزغان پېتىق ، ئوغۇل بالىنى بۇزغان قېتىق. 11. يول ماڭالماي ھېرىپ قالغان ، خوتۇن ئالالماي قېرىپ قالغان . 12. گۆشنى كۆتەرگەن ئۇستىخان ، ھاراقنى كۆتەرگەن قۇسقان . 13. ئاتىدىن بالىنى تاندۇرما ، كۆڭۈلنى ئىچمەي ياندۇرما. 14. ئەركىشىنى كۆرسە بېشى ئاغرىيدىغان ، خوتۇن كىشىنى كۆرسە ئىچى ئاغرىيدىغان . 15. ئاپتاپپەرەستىن چىگىت چىقمايدۇ ، ئىگىز ئادەمدىن يىگىت چىقايدۇ . 16. ياق ياق دەيدۇ ياق ياق دەيدۇ، ھە دىگەنلەر نەدە بار، ياخشىلار تۇتقان كۆڭۈلنى ئىچسە يۈرەككە پايدا بار. 17. سامان ئارلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارلاشمىسا باي بولماس. تالانىت ئىگىسىدە بۇ ،،ئىتوتلىرى ئىچىدە مۇشۇ گەپلىرى ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇپ قويىدۇ دېسە ~~~~
مەن يارنى سېغىنغاندا يۈرىكىم پىژلدايدۇ ، |