سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > سالام غۇلجا >

نۇرتاي ھاجىغا يىزىلغان خەت

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-19 02:30مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بىرسەبىينىڭ نۇرتاي ھاجىغا يازغان خىتى

ئاتاسى بار ئاناسى بار،
پۇرەكلىگەن گۈل ئىكەن،
ئاتاسى يوق، ئاناسى يوق،
كۈيۈپ ئۈچكەن كۈل ئىكەن.

(خەلق ناخشىسى)




نۇرتاي ھاجىم دادا ياخشىمۇ سىز!
بىز گەرچە يۈز –تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ ھەم سىز مىنى تۇنۇمىسىڭىزمۇ ئەمما مەن نەچچە يىللاردىن گىزىت –ژورنال،تىلىۋىزورلاردىن سىزنىڭ ئۆز يىنىڭزدىن پۇل چىقىرىپ نۇرغۇن ئاتا- ئانىسىز يىتىم بالىلارنى يىغىپ،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ،ئۇقۇتۇپ،بىشىنى سىلاپ غەمخورلۇق قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، سىزدەك بىر ئىنسانپەرۋەر ،ئالىيجاناپ داداشنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايتى سۈيۈنگەن ئىدىم،ھەتتا بىر باشلانغۇچ 4-يىللىقتىكى بىر قىتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم<<مىنىڭ ئارزويۇم>>تىمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۈتكۈزگەندە مەن:
-مەن چوڭ بولسام چۇقۇم جىق پۇل تىپىپ، نۇرتاي دادامدەك يىتىم بالىلارنىڭ بىشىنى سىلايمەن- دەپ جاۋاپ بەرگەندە مۇئەللىم مىنى ماختاپ كەتكەنىدى، مەنمۇ ھەم مۇشۇ ئارزو بىلەن ئىزچىل ياخشى ئۇقۇپ كەلگەنىدىم، ئەمدى بۈگۈن ئۇزۇن ئويلىنىپ گۈدەك بولساممۇ ئېرىنمەي خىتىمنى ئۇقۇيدىغۇ، مىنىڭ دەردىمنى ئاڭلاپ ،ھالىمغا يىتىدىغۇ دەپ زور غەيرەتكە كىلىپ سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھاجىم دادا ،سىلەر مەخسوس ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان،ئىگە-چاقىسىز يىتىم بالىلارنىلا پاناھىڭلارغا ئالىسلەر ھەم ئۇلارغا ئاتا- ئانىسىدىنمۇ بەكرەك غەمخورلۇق قىلىسىلەر، نۇرتاي دادا، بۇنى بىر گۈدەكنىڭ خىتىكەن دەپ ئويلىماي ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى، ھەم ئازراق ۋاختىڭىزنى ئاجىرتىپ ماڭا جاۋاپ خەت يىزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەمدى ئۆز ئەھۋالىم ئۈستىدە تۇختىلاي،مىنىڭ ئىسىمىم نۇرئەلى(سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئۇخشاپراق كىتىدۇ) ،مەن بۇ يىل 13ياشقا كىردىم،تۇلۇقسىز 1-يىللىقتا ئۇقۇيمەن،ئۆزۈم ئۈرۈمچىدىن، ئۈگۈنۈشۈم ئەسلى سىنپ بۇيىچە بىرىنچى ئىدى، ئەمما ھازىر 25-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىم،مىنىڭ تۆت ئاتا-ئانام بار،ئىككىسى ئۆز ئاتا-ئانام،ئىككىسى ئۆگەي، يەنى ئۇلار ئۈچ يىل بۇرۇن ئاجرىشىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا قايتىدىن توي قىلىشقان، ئەمما مەن بىر تىرىك يىتىم، دادامنىڭ ئۈيىگە بارسام ئاپام يات،ئاپامنىڭ قىشىغا بارسام دادام يات، مەن تەڭتۈشلىرىم ئىچىدە ئەڭ باي،پۇلنى سۇدەك خەجلەيمەن، چۈنكى دادام چوڭ بىر شېركەتنىڭ خۇجايىنى، ئاپام بولسا داڭلىق ئارتىس، بالىلار ماڭا شۇنداق ھەۋەس قىلىپ كىتىشىدۇ، ئەمما مىنىڭ ماددى جەھەتتە باي بولغان بىلەن روھى جەھەتتىن ئىنتايىن نامرات ،دىلى سۇنۇق،بىچارە بالا ئىكەنلىكمنى كىممۇ چۈشەنسۇن، چۈنكى مەن باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئاتا-ئانامنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ خالىغانچە ئەركىلىيەلمەيمەن، ئۇلار بىلەن بىرگە باغچىلارغا ،ساياھەتكە بارالمايمەن، چۈنكى ئۆز ئاتا- ئانام بىرى شېركىتىنى باشقۇرىمەن دەپ،يەنە بىرى رەپىتىس قىلىش، چەتئەللەرگە چىقىپ ئۇيۇن قۇيۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش،ئۇلارنىڭ ھەتتا كەچلىرىمۇ مەندىن<<ئوغلۇم ئۈگىنىشىڭ قانداقراق، نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن، بىز يىنىڭدا يوق قىينىلىپ قالامدىكەنسەن، نىمە ئارزويۇڭ بار>>دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ ،ھەتتا بەزىدە ئايلاپ ئۇچرىتالمايمەن، ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئۈگىنىشلىرىم بىلەن كارى يوق، ئىلگىرى مەن تىىخى<<ياخشى ئۈگەنسەم، مەكتەپتە ئۇخشاش يىللىقلار ئارا بىرىنچى بۇلۇپ ماڭسام ماڭا دىققەت-نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، كۆپرەك كۈڭۈل بۈلەمدىكىن، مىنى ماختاپ، مەندىن پەخىرلىنەمدىكىن>>دەپ ئويلاپ بىرىلىپ ئۈگىنىپتىكەنمەن، ئەمما ئۇنداق بولمىدى، ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئۇلارغا ھاياجان ئىچىدە كۆرسەتسەم، ئۇلار مىنى ماختاش تۈگۈل ،ھەتتا نەزىرىنى سىلىپمۇ قويمىدى، مەن كۈڭلۈم يېرىم بۇلۇپ، نەچچە كۈن يىغلاپ يۈردۈم،مەن مەكتەپتە<< ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلمىسىكەن>> دەپ شۇنداق تىلەپ كىتىمەن، بۇ مىنىڭ نەتىجەمنىڭ ناچار چىققانلىقىدىن ئەمەس ، چۈنكى ئاتا- ئانام ھەرگىزمۇ ۋاقىت ئاجىرىتىپ يىغىنغا كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاتا-ئانامنىڭ بولسا<<تىخىمۇ ۋاقىتى يوق>> چۈنكى كىممۇ ئۆز پۇشتى بولمىغان مەندەك بىچارىگە كۈڭۈل بۆلسۇن،باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرنىڭ نەتىجىلىرى ئۇقۇلغاندا قاتتىق ھاياجانلىنى باىسىنى سۈيۈپ كىتىدۇ، ۋە بالىسىنى بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى تەربىيلەيدىغانلىقى تۇغرىلىق بەس-بەستە پىكىر قىلىشىدۇ، مەن ئاتا-ئانامنى ئەكىلەلمەي مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتلاپ تۇرغاننى ئاز دەپ، سىنىپتىكى پۈتۈن ساۋاقداشلارنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قىلىپ كۈڭلۈم ناھايتى يېرىم بۇلىدۇ، مەيۈسلىنىپ كىتىمەن، نۇرتاي دادا بىلەمسىز؟ ئۇلار مىنى تۇغۇپ قويغىنى بىلەن مەن بىلەن ئەسلا كارى يوق، ئۇلارنىڭ قۇلىدىن كىلىدىغىنى پەقەت ماڭا تۇتام-تۇتاملاپ پۇل بېرىشتىن ئىبارەت، مەن تۇغۇلۇپ ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇلار تۇختىماي ئۇرىشىدىكەن، مەن چوڭ بۇلۇپ خېلى ئىش ئۇقۇپ قالغاندا بولسا ئۇلار ئاجرىشىپ كىتىپ ،ماڭا يىڭى دادا،يىڭى ئاپا تىپىپ بەردى، ئۇلار دائىم ئۆيدە بۇلالمىسا ھاجىم دادا دەپ بېقىڭە ،مەن كىمنىڭ ئۈيىدە ئىچىلىپ يىيىلىپ تۇرالايمەن ،چوڭ داداڭ،چوڭ ئاناڭ يوقمۇ دەپ سورارسىز،يوق ئەمەس بار، ئاپامنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ،ئەمما ئۇلارمۇ ئالدىراش ،ئۇلار مىنى ئانچە –مۇنچە ئەركىتىپمۇ قۇيىشىدۇ، ئەما قاتار چاي دەمدۇ،مەرىكە دەمدۇ، يا ساياھەتكە بارىدىغان بۇلۇپ قالدۇق دەمدۇ ئىشقىلىپ ،ماڭا ئاچقۇچنى تاشلاپ بېرىپ قاياقلارغىدۇر مىڭىشىدۇ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلارنىڭ ئۈمرى بىر يەرگە بېرىپتۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،<<چىشىنىڭ بارىدا گۆش يەپ>> ئوينىۋالمىسا كۆزلىرى ئۇچۇق كىتەرمىش، مەن ئادەمزاتسىز ئۆيدە قانداقمۇ تۇراتتىم، شۇڭا مەن دادامنىڭكىگە بارسام، ئۆگەي ئاپامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن،دەپ، ئاپامنىڭكىگە بارسام ئۆگەي دادامنىڭ چىرايىغا قاراپ قالىدىكەنمەن دەپ ئۆيگە كىرگىم كەلمەي، مىنىڭ پۇلۇمنى خەجلەشكە كۈنۈپ كەتكەن نەچچە ئادىشىمنى كەينىمگە سىلىپ كۈڭلۈم خوش بولغان يەرلەردە ئويناپ يۈرۈيمەن، ئەمما كۈن كەچ بۇلىشىغا ئۇلارمۇ <<ئاپاملار ئىزدەپ قالىدۇ>>دەپ مىنى تاشلاپ كىتىشىدۇ، مەن ئۇيەر-بۇيەرلەردە لاغايلاپ ھارغاندا ئاندىن دادام ياكى ئاپامنىڭكىدىن بىرەرسىنىڭكىگە بېرىپ يىتىپ قالىمەن، مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆگەي دادام، ھەم ئۆگەي ئانام مىنى چىقىشتۇرغانمۇ قانداق، كۈڭۈل بۈلىدىغان چاغدا كۈڭۈل بۆلمەي ،مىنىڭ ئاشۇ خاتالىقمنى تۇتىۋىلىپ ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلامىنى يارامسىزدىن يارامسىزغا چىقىرىپ تىللاپ كىتىشتى، مەن راسا يىغلىدىم، كۈڭلۈمگە ئەڭ كەلگىنى ئۇلار مىنى يەنە مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسام،ئاپام مىنى دادامغا بېرىۋىتەرمىش، دادامنىڭ بولسا مەن بىلەن كارى بولماسمىش، ھاجىم دادا قىنى دەڭە، كىممۇ مەندەك بىچارىنىڭ ھالىغا يىتىدۇ، كىممۇ مىنى ئۆزنىڭ ئىللىق باغرىغا ئىلىپ ،مىنىڭ دەردىمگە دەرمان بېرىپ ئاتا-ئانا مىھرىگە زار قەلبىمگە مەلھەم بۇلالايدۇ،مەن ھەمىشە ئۆزەمنى بۇدۇنياغا زىيادە يارىلىپ قالغاندەكلا ھىس قىلىمەن، دەڭە مەن قاچانغىچە مۇشۇنداق يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك ئىككى ئۇتتۇردا قاڭقىپ يۈرۈممەن، بۇ دۇنيادا مىنى باغرىغا باسىدىىغان غەمگۈزار يوقمۇ؟ئەگەر تاللاش ئىمكانىتىم بولغان بولسا پۇلى بولمىسىمۇ، مىھرىبان، كۈيۈمچان ئاتا-ئانىنى تاللار ئىدىم،ھاجىم دادا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاشۇنداق بالىلىرنى تۇغۇپ قۇيۇپلا كارى بولمىسا ، پەقەت ئۆزىنىلا ئويلاپ ،ئاجىرىشىمەن دەپلا ئاجرىشىپ، ئۆزلىرى باشقا ئەر ،باشقا ئايالنى بىر ئۆيگە ئەكىرۋالسا بۇلامدۇ؟ ئۇلار ماڭا ئوخشاش بىچارىنىڭ كۈڭلى بىلەن قىلچىلىك ھىساپلاشمامدۇ؟ئۇلارمىنىڭ خەق-خىراجىتىمنى ئۈكسىتمىسىلا، يەيدىغىنمنى تەل قىلىپ بەرسىلا، كىيىم-كىچىكىمنى ئىسىل قىلىپ بەرسىلا ھىساپمۇ، ئەجىبا ئۇلار مىنىڭ ھىسىياتىمنى ئويلاشمامدۇ؟،مەن راستىنلا بىر ئارتۇق ئادەممۇ؟، مىنىڭ بارلىق ئاتا-ئانىلارغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ:
- ھەي مىھرىبان ئاتا-ئانىلار بىر قۇش، ھەتتا ھايۋان جىنىدا بالىسىنى تۇققاندىن كىيىن، بالىسىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ ،ئۇلارغا ئوۋنى قانداق ئوۋلاشنى، ھاياتىنى قانداق قىلىپ ساقلاشنى ئەستايىدىل ئۈگۈتۈپ، بالىلىرى مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن بالىسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، سىلەرچۇ-؟، پەرزەنتىڭلارغا زادى نىمىلەرنى ئۈگىتەلىدىڭلار؟قانچىلىك مىھرىڭلارنى بېرەلىدىڭلار،بىزگەھەقىيقى ئىنسان بۇلۇشنى ،ئەجدادىمىزدىن ئەنئەنە قالغان ئادىميلىك ئەخلاقى مىزانلرىنى ئۈگەتتىڭلارمۇ يوق، بىز بالىلارغا ھەقىيقى زۈرۈر بولغىنى قانداقتۇ، ھەممە نىمىسى تەل باياشات تۇرمۇش ئەمەس ،بەلكى مۇكەممەل، ئىناق، بەختىيار ئائىلە،سىلەرنىڭ چوڭقۇر مىھرى مۇھەببتىڭلار، بىز پەقەت شۇنىڭغىلا مۇھتاج، سىلەر دىگەن چوڭ ئادەم، ئەقىل ئىگىسى، ھەرگىزمۇ ئۆزەڭلەرنىلا ئويلاپ،يەڭگىللىك بىلەن ئاجرىشىپ بىزنى مۇكەممەل ئائىلىدىن مەھروم قىلماڭلار ،ھەم بىزنى تىرىك يىتىم قىلماڭلار!
- ھاجىم دادا، سىزنىڭ يىتىم بالىلاردىن باشقىلارنى مەكتىۋىڭىزگە قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىزنى بىلسەممۇ ئەمما يەنىلا بۇ خەتنى يىزىپ سىزنىڭ پاناھىڭىزغا ئۈتۈشنى ،مەكتىۋىڭىزدىكى مىھرىبان مۇئەللىملەرنىڭ ماڭا ئۆز ئاتا- ئانام بېرەلمىگەن مىھرى- مۇھەببەتنى بېرىپ، مىنىڭ مىسكىن قەلبىمگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى ئارزو قىلىمەن،چۈنكى مەن تىلىۋىزوردىن نەچچە قىتىم سىز بىشىنى سىلىغان ئاشۇ بالىلارنىڭ بەختىيار كۈلكىسىنى ،ۋە ئۇلارنىڭ زوق –شوق بىلەن مەكتەپ ھاياتىنى سۆزلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا سىز مەندەك بىر تىرىك يىتىمغا رەھىم قىلىپ مىنىڭمۇ بىشىمنى سىلاپ قۇيۇشىڭىزنى ، بولسا مەكتىپىڭىزنى يەنىمۇ كىڭەيتىپ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تىرىك يىتىملارنىڭ بىشىنى سىلاپ، غەمخورلۇق قىلىشىڭىزنى چىن قەلبىمدىن ئۈتۈنۈپ سورايمەن، مىنى دەرىستە ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئالماي قويماڭ، مەن ئۆزەم كېرەك بولغان غەمخۇرلۇق ۋە كۈيۈنۈشكە ئېرىشسەملا چۇقۇم يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۇقۇغۇچى بۇلۇپ كىتىمەن، سىزگە كاپالەت بېرەي!
- جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ: نۇر ئەلىدىن
- 2009-يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(93)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !