ئىلى ئېتى – شىنجاڭدىكى ئەلا نەسىللىك ئاتلارنىڭ بىرى ، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى نەسىل سورتى ئەڭ ياخشى ئات ھېسابلىنىدۇ . ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى موڭغۇلكۈرە ، تېكەس ، كۈنەس ، توققۇزتارا ، نىلقا قاتارلىق ناھىيىلەردە بېقىلىدىغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ تۇياقچە بار . ئىلى ئېتىنىڭ يېتىشتۈرۈلىشى 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ ، ئاساسلىقى سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن ئورلوف ، ئىندون قاتارلىق نەسىللىك ئاتلار ئارقىلىق ئىلى رايونىدىكى قازاق ئېتىنىڭ نەسلى ياخشىلانغان . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، 1952 – يىلدىن 1965 – يىلغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگۈزۈلگەن ئورلوف ، دون ، بۇديوننىي قاتارلىق ئەلا نەسىللىك ئاتلار ھەمدە مۇڭغۇلكۈرە نەسىللىك ئات فېرمىسى قاتارلىق ئاساسلىق ئات فېرمىلىرىدىكى ئاساسلىق بايتاللارغا قارىتا پىلانلىق مىتسلاشتۇرۇپ نەسلىنى ياخشىلاش ۋە توغرىسىغا چېتىشتۇرۇپ تۇراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلى ئېتى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىلغان . ئىلى ئېتى مىنىشكىمۇ ، ساپان – ھارۋىلارغا قېتىشقىمۇ بولىدىغان نەسىل بولۇپ ، تېنى تېمەن ۋە تەكشى ، كۆكرىكى يېتىلگەن ، پۇتلىرى تۈز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە . 1980 – يىلدىكى ئۆلچەپ بېكىتىشكە ئاساسلانغاندا ، يېتىلگەن ئايغىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 148.3 سانتىمېتىر ، كۆكرەك ئايلانمىسى 171.3 سانتىمېتىر ، تۇياق ئايلانمىسى 19.4 سانتىمېتىر ؛ بايتالنىڭ ئېگىزلىكى 141.0 سانتىمېتىر ، كۆكرەك ئايلانمىسى 166.6 سانتىمېتىر ، تۇياق ئايلانمىسى 17.5 سانتىمېتىر ، مىنگەندىكى سۈرئەت ئىقتىدارى 1981 – يىلى 5 – ئايدىكى ئۆلچەشتىن قارىغاندا ، 1000 مېتىرغا بىر مىنۇت 15.38 سېكۇنت ، 1600 مېتىرغا 2 مىنۇت 8.7 سېكۇنت ، 3200 مېتىرغا 4 مىنۇت 25.32 سېكۇنت ، 50 كىلومېتىرغا 1 سائەت 42 مىنۇت 31 سېكۇنت بولغان . ئىلى ئېتىنىڭ گۆشى ، سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ، يېتىلگەن ئاتنىڭ تەن ئېغىرلىقى 350 ~ 380 كىلوگرامغا ، گۆش چىقىرىش نىسبىتى %50 ~ %54.5 كە ، ساپ گۆش نىسبىتى % 40 ~ 44% كە يېتىدۇ ؛ 120 كۈنلۈك سۈت مىقدارى بىر قۇلۇن ئېمىتىۋاتقان ئەھۋالدا 648 كىلوگرامغا يېتىدۇ . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |