مەن ئىلىنىڭ باغلىق ھويلىلىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىق سۈيىنى ئوچۇملاپ ئىچىپ تەڭتۇشلارغا قېتىلدىم. دېھقان مەھەللىسىدە بولساقمۇ، دېھقانچىلىقىمىز يوق بازار نوپۇسلىقىمىزنى خېلى چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلگەنىدىم.مەھەللىدىن ئاتلىساقلا ئېتىزغا تۇتىشىدىغان چاغلار بولغاچقا، بالىلىقىمىز شۇ ئېتىزلىقلاردا، خامانلىقلاردا، قوغۇن-تاۋۇزلىقلاردا كۆپرەك ئۆتۈپتۇ. ئايدىڭ كېچىلىرىدىكى ھەرخىل ئويۇنلىرىمىز، باشقىلارنىڭ باغلىق ھويلىلىرىغا كىرىپ مېۋە-كۆكتاتلىرىنى ئوغۇرلاشتەك تاپتىن چىققان قىلىقلىرىمىزنى ھازىر ئويلىسام ئاجايىپ بىر ئويلارغا چۆمۈپ قالىمەن، شۇ چاغلاردىكى چوڭلار ھەقىقەتەن كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، كۆيۈمچان ئىكەنتۇق... |