سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

دېھقانلار قاچان بايرام قىلىدۇ؟(ئايسىز~كېچە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-25 12:53مەنبە: يازغۇچى:ئايسىز~كېچە زىيارەت سانى: قېتىم

* دېھقانلارمۇ دۆلەت بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن باراۋەر ئاساستا بەھرىمەن بولۇشى، بايرام مەزگىلىدە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماسلىقى، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.

************


بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى ئۆيدىكىلەر بايراملىق دەم ئېلىش پىلانى تۈزۈۋاتاتتۇق. دادام تۇيۇقسىزلا: «مۇشۇ دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوقكەن - ھە!» دېدى. بۇ گەپتىن يۈرىكىم «چىممىدە» قىلدى ...
ھازىر كالېندار بايرام، خاتىرە كۈن، تەشۋىقات كۈنى دېگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. بىر يىلنىڭ بىرەر ئىش خاتىرىلەنمەيدىغان كۈنى ئاساسەن قالماپتۇ. ئاياللار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بالىلار
 بايرىمى دېگەندەك چوڭ - چوڭ بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن باشقا ھەربىر ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس بايرام، خاتىرە كۈنلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. ئاشىق - مەشۇقلارنىڭمۇ، ئالدامچىلارنىڭمۇ، سېمىزلەرنىڭمۇ … بايرىمى بار ئىكەن. دەل - دەرەخ، ھايۋاناتلارنىڭمۇ قوغدىلىدىغان تەشۋىقات كۈنلىرى بولىدىكەن. ئەمما ھالال تەر - ئەمگىكى بىلەن دۇنيانى گۈللەندۈرۈۋاتقان، بىزلەرگە ئاش - ئوزۇق بېرىۋاتقان، بىزلەر ئۈچۈن يول ياساۋاتقان، سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان، بىزنى كەلكۈندىن  مۇداپىئە قىلىۋاتقان، بوز يەر ئېچىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر بايرام، خاتىرە كۈن ياكى تەشۋىقات كۈنى يوق ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلار، سېسترالار، ئەسكەرلەر، ئالدامچىلار، دەل - دەرەخلەر، ھايۋانلارنىڭ قەدىر -قىممىتى مەلۇم كۈندىكى پائالىيەت ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇلىدىكەن. 4 - نۆۋەتلىك ئاخباراتچىلار بايرىمى ئۈرۈمچىدە تەبرىكلەندى. داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس بۇ بايرامنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. قىزىقى شۇكى، كەتمەن چاپىدىغان دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوق، چاپقان كەتمەننىڭ ھوسۇلىنىلا خەۋەر قىلىدىغانلار بايرام قىلىدىكەن؛ ئالدامچىلارنىڭمۇ بايرىمى بار ئىكەنغۇ، ھەقىقىي ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمى يوق ئىكەن. دېھقانلار ھېچقاچان بايرام قىلمايدىكەن. ئەجەبا، دېھقانلار بايرام قىلىشقا لايىق ئەمەسمىكەن!؟
ھازىر ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بىر ھەپتە، دۆلەت بايرىمىدا بىر ھەپتە ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش ئارقىلىق بايرام پەيزىنى سۈرۈش دۆلەت ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، ئامما خۇشال بولىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە دۆلەت، كوللېكتىپ خىراجىتىگە ساياھەت قىلىش ئەۋجىگە چىقىدۇ. شەخسىي پۇلغا ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرى ئەلا مۇلازىمەتتە تەق بولۇپ تۇرىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دەم ئېلىش، ساياھەت ئەھۋالى بەس - بەستە تەشۋىق قىلىنىدۇ. تېلېۋىزورغا قارىساق، چوڭ شەھەرلەردە، مەنزىرىلىك رايونلاردا سەيلە - ساياھەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىرايىدىن نۇر ياغىدىغان دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى. چىرايى ئاپتاپتا قارايغان، گەۋدىسى تارشىدەك قاتقان دېھقانلار كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان »ئالتۇن تاۋاقلىقلار بايرىمى«غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئاشۇ بايرام كۈنلىرىدە دېھقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟
مەرھۇم شائىر روزى سايىت مىسرالىرىدا ئېيتىلغاندەك، «دېھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ۋە پۇتاش» بولۇپ، ئۇلار ئېتىز - قىرلاردا، تاغ - يايلاقلاردا، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھاشاردا يەنىلا ئۈن - تىنسىز ئەمگەك بىلەن مەشغۇل. ئۇلار ئەمگەكچى، لېكىن ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئۇلار ھاشاردا؛ ئۇلار دۆلەت پۇقراسى، لېكىن دۆلەت بايرىمىدا ئۇلار يەنىلا ھاشاردا. ھېچكىم ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، دۆلەت بايرىمىدا ئۇلارنى ئەمگەكتىن ئازاد قىلىپ، بايراملىق ئۈچۈن دەم ئېلىش بەرمەيدۇ. ئۇلار بايرام بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز سېزىمى بىلەن ئەمەس، تېلېۋىزوردىن ھېس قىلىدۇ. ئۇلار بايرام قىلىۋاتقانلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالىدۇ …
دېھقان ھەقىقىي ئەمگەكچى، شۇنداقلا دېھقانلار يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش ئۈچۈن قان ئاققۇزغان. دېھقان بۇ بايراملاردىن بەھرىمەن بولالمىسا، بۇنى قانداقمۇ ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى دېگىلى بولسۇن؟!
ھەممىمىزگە مەلۇم، سۈن جۇڭسەن قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابى پەقەت ئىشچى، زىيالىي، ئەسكەرلەرنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەھەردە ئىنقىلاب قىلغانىدى، دېھقانلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالماي مەغلۇب بولدى. ماۋ زېدۇڭ يېزىلاردا ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇپ، دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، »يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش« ئىستراتېگىيىسىنى قۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئارمىيىسىمۇ ئاساسەن دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەنىدى. قىسقىسى، دېھقانلار بولمىغىنىدا سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولمايتتى، ھازىرقىدەك زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات بولمايتتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇلاردا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئەڭ ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار: ئۇلار بايراملاردا ئەمگەككە سېلىنىپ، بايرام قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالسا، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ماددىي، مەنىۋى، سىياسىي مەنپەئەتى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغانلىق بولىدۇ. «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» قۇرۇق شوئار بولۇپ قالىدۇ.
دېھقانلارمۇ دۆلەت بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن باراۋەر ئاساستا بەھرىمەن بولۇشى، بايرام مەزگىلىدە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماسلىقى، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى، دۆلەت دېھقانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق كۈننى بېكىتىپ، يىلدا بىر قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زۆرۈر. شۇ بايرام كۈنىدە گېزىت، تېلېۋىزور، رادىئولار زوق - شوخ بىلەن دېھقانلار بايرىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى دېھقانلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتسا؛ شۇ كۈندە قويۇق دېھقانلار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلسا، قالتىس مەنىلىك ئىش بولغان بولاتتى.
«دېھقانلار بايرىمى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ نېمىدېگەن چىرايلىق. ناۋادا ئارزۇلار ئەمەلگە ئېشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمى تەبرىكلىنىپ، دېھقانلار ئۆزىنىڭ بايرىمىدىن شاد - خۇراملىق ھېس قىلسا تېخىمۇ چىرايلىق ئىش بولىدۇ. بىز دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولىمىز (مەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دېھقانلار بايرىمى كۈنى بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم).
دېھقانلار بايرىمى »بايرام قانۇنى«غا كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدالسا، دېھقانلار شادلىققا تولسا، بۇ يالغۇز دېھقانلارنىڭلا ئەمەس، دېھقان تېرىغان ئاشلىقنى يەۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق بايرىمى بولىدۇ.
ئارزۇ نېمىدېگەن گۈزەل ! دېھقانلار قاچان بايرام قىلار؟ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمىنى قاچان تەبرىكلەمىز؟ ! ...

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(1)
50%
دەسسەش
(1)
50%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !