«بۇ شۇنداق بىر ھېكايە» ئۆرۈكجان  مەن رەيھان بىلەن يۈرۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بولدى. بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى بىر ئۆزۈم ،بىر خۇدايىم ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئەلۋەتتە ياخشى قىز. ئۇنىڭ ھەر -بىر قىلىقى...شوخ كۈلكىلىرى ..يۈرۈكۈمگە ئۇنتۇلماس ئابىدە بولۇپ ئورناپ كەتكەن. ئۇمۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ. پەقەت ئالدىمايدۇ. گۇمانخور قەلبىممۇ ...ئۇنى ھەر خىل ئىمتاھانلار بىلەن سىناپ...ئاخىرى قول قويغان... گەرچە بىز ئىككى مەھەللىدە چوڭ بولغان بولساقمۇ، تام خوشنىدەكلا كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئائىلىمىز بىلەن پەرقى پەقەت بىرلا. ئۇلار كادېرلار ئائىلىسى. بىز ئاددىي دېھقان خالاس. ئەمما ...ئۇنىڭ كىبىرسىز خارەكتېرى ،مېنىڭ نازۇك قەلبىمنى ئاللىبۇرۇن ئۇتىۋالغان. ... بۈگۈن ...ئۇنىڭ بىلەن مەھەللە چېتىدىكى قېرى سۆگەت بويىدا ئۇچراشماقچى بولدۇم. يۈرۈكۈم نىمىشقىدۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك...ئېغىر گۈپۈلدەپ سوقماقتا... -ئەركىن، سىزگە بەك مۇھىم ئىشتىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي،- رەيھان شۇنداق جىددىي تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.. -بۈگۈن ئۆيىمىزگە 6- مەھەللىدىكى تۇرسۇن شۇجىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەكبەر داستخانلىق ئەكىرىپتۇ. دادام بىلەن ئانام شۇنداق خوش بوپ كەتتى. ئانامنى بىر چەتكە تارتىپ بىر سائەت گەپ قىلغان بولساممۇ... سۆزۈمگە پەقەت قۇلاق سالمىدى.. ئېيتىڭە ئەركىن، ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز؟ رەيھاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يەلكەمنى غايەت زور بىر تاغ بېسىۋالغاندەك بولدى. ئاھ...خۇدا، مېنى بۇنداق سىناقلار بىلەن سىنىمساڭ بولاتتى. مۇھەببەت قوينىغا تۇنجى قەدەم تاشلاپلا بۇنداق كۈننىڭ كېلدىغىنىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن. ئەمما قىز چوڭ بولسا ھامان ياتلىق قىلدىغان گەپ. بۇ رېئاللىقتىن يىراق ئەمەس. ئەمما ئانامنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالىتىمىز دەپ، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىم ئۆيىدىكى بارچە ئىقتىسادىنى دوختۇرخانىغا خەجلەپ تۈگىتىۋەتكەن. ھازىر توي قىلمەن دىسەممۇ ..تەتۈر ئۆرۈلگەن يانچۇقۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەيھان ئوبدان بىلىدۇ... -رەيھان، مەن ..مەن ...ئەستا! بۇ..بۇ.... ياق! مەن زادى دادىڭىز بىلەن بىر كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ! ياكى بولمىسا... بىر يىل توي قىلماي تۇرۇڭ، مەن بىر يىلغىچە ئېشەكتەك ئىشلەپ بولسىمۇ ...توي قىلغۇدەك پۇل توپلاي.. ماقۇلمۇ؟ ھەدەمگە دەپ باقامسىز؟ رەيھان بېشىنى ئارانلا لىڭشىتىپ..مۈرەمگە بېشىنى قويغىنىچە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ، تۇرسۇن شۇجىنىڭ ئوغلى..ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگېلىدە.. بىر قىزغا چېقىلىپ قويۇپ..مەكتەپتىن قوغلاندى بوپ كەتكەن ..ئۆيگە قايىتپ كەلگەندىن كيىنمۇ.. ئۆيدىكىلرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي.. قىمارغا ئۆگىنىپ خېلى كۆپ قەرىزگە بوغۇلۇپ قالغان نوچى ئىدى. بۇنىڭغا رەيھان ئەمەس، كوچىدىكى ساراڭمۇ زايە كېتەتتى خالاس.... بېشىم ئاغرىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋاللارنى ئۆيدىكىلەرگە دىگۈم كەلمدى. ئۇلارغا مىڭ چۈشەندۈرسەممۇ ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى: -بالام، ئەڭ ياخشىسى يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنىلى، ياخشى قىزلار دىگەن چىقىپ قالىدۇ... تۇرسۇن شۇجىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويساق، ئەتە-ئۆگۈن كېپەزگە سۇ ئاچىدىغان چاغدا...سۇ بەرمەي جاپا سالىدۇ...- دىيىشتىن باشقا گەپ چىقمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلمەن. ياق...ياق... مەن رەيھاننىڭ ئاپىسى بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈشۈم كېرەك.... رەيھانغا تېلفۇن قىلىپ ..ئاپىسىنى ئېلىپ ..دولان تېز تاماقخانىسغا كېلىشنى ئېيتتتىم. ئالاھەزەل كۈن قايرىلغاندا .. پاتىگۈل ھەدەم ..ناھايتى پۇزۇر ياسنىپ ، رەيھان بىلەن كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى.. تاماقتىن كىيىن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.. - پاتىگۈل ھەدە، ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ئالدىلىرىدا بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى. مەن رەيھان بىلەن توي قىلغۇم ، بەخىتلىك ئائىلە قۇرغۇم بار ئىدى..چۈنكى..چۈنكى.مەن...مەن ئۇنى...ئۇمۇ...مېنى... - گېپىڭىزنى چۈشەندىم ئەركىن ئىنىم. ئەمما بىز قارار قىپ بولدۇق. دادىسى بىلەن تۇرسۇن شۇجى يېقىن ئاغىنە. مەن بۇنىڭغا ئارلىشالمايمەن. يەنە كېلىپ ...سىلەرنىڭ ئائىلە بىلەن بىزنىڭ ئائىلە..بەزى بىر ئىشلاردا تازا دىگەندەك بىرلىككە كېلەلمەمدىكىن دەيمەن... ئۇ شۇنداق دىگىنچە قېرىق دەملەنگەن چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلاپ قويدى. .. مەنچە بولسا...كەلگۈسىدىن ئۈمۈد قالمىغاندەكمۇ قىلاتتى... شۇنداقتىمۇ .. يەنە بەل قويۋەتكۈم كەلمىدى. مەھەللە ئىمامى سېتىنىياز قارىھاجىمنىڭ قېشىغا بېرىپ بۇ ئىشنى ئېيتتىم. ھاجىممۇ ساقىلنى سىيلاپ تۇرۇپ؛ - بالام، گەپ يەيدىغان ئادەم بار، يىمەيدىغان ئادەم بار... مېنىڭچە نىيىتىڭىزدىن يانسىڭىز بولغۇدەك..- دەپلا گەپنى تۈگەتتى. .. -رەيھان ،بىز يىراق بىر يەرگە قېچىپ كېتەيلى! شۇندىلا ..بۇ مۈجمەل تەغدىردىن قۇتۇلالايمىز... -ياق ئەركىن، دادامنىڭ ئەسكىلىكىنى ئوبدان بىلىسىز.. ئۇلار ئۆيدىكىلىرىڭىزنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدۇ.. -ئەمسە قانداق قىلىمىز؟ - مەن شۇ تاپتا ئۆلىۋالايمىكىن دەيمەن.. بۇنداق ياشاپ ھەسرەت چەككەندىن... ئۆلۈپلا قۇتۇلغان ياخشى ئەركىن... كۆز -ياش قىزلارنىڭ بىردىنبىر كۈچلۈك قورالى. بۇ قورال ئارقىلىق.. ئۇلار خېلى بىر نىشانلارغا يېتەلەيدۇ خالاس. ئۇنىڭ يىغىسى بىلەن... مېنىمۇ قاتتىق يىغا تۇتتى. ئۇ ياشىشى كېرەك..... ئارلىقتا خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى...< تۇرسۇن شۇجى مەمەت كوجىنىڭ كەنجى قىزىنىڭ تويلۇقىغا 20 مىڭ كوي بېرىپتۇدەك...> دىگەن گەپلەرمۇ قۇلىقىمغا يەتتى. كاللامغا بىر ئەقىل كەلگەندەك بولۇپ.. بىر قانچە ئاغىنلىرىمدىن قەرىز ئالماقچى بولدۇم. رەيھانمۇ شۇنى قارار تاپقان ئىدى. ئۇمۇ بۇ رەھىمسىز تەغدىردىن قۇتۇلسىلا، تويدىن كىيىن جاپالىق ئىشلەپ بولسىمۇ ..بىرلىكتە قەزىرنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا كۆزى يېتەتتى... -ئاداش.. بۇ يىل مېنى ئۆيدىكىلەر ئۆيلىمەكچى ئىدى. مۇبادا سەن بەختىڭنى تاپىدىغان ئىش بولسىلا.. بۇ پۇلنى ئىشلىتىپ تۇرارسەن... كىيىن قايتۇرۇپ بەرسەڭلا بولدى ..-- ئاغىنەم مەھمۇد شۇنداق دىگىنىچە 9 مىڭ كوينى قولۇمغا تۇتقۇزدى. كىچىك ۋاقتىمدا.. ئۇنى 2 كوي پۇلۇمنى ئوغۇرلىۋالدىڭ دەپ ... ئىككى شاپلاق ئۇرۋالغىنىمنى ئويلاپ.. يۈزلىرىمنى قىزرتقان ھالدا.. ساناپ بولالمىغىدەك رەھمەتلەرنى ئېيتىپ .. پۇلنى ئالدىم. ۋاھ... يەنە 11 مىڭ كوي! 11مىڭ كوي تاپساملا.. ئىش پۈتىدۇ! ... گۆدەكلىك دىگەن ئاجايىپ بولدىغان گەپكەن. مەن مىڭ 20 مىڭ كوي پۇل توپلىساممۇ ...يەنىلا رەيھاننى ماڭا بەرمەيدىغانلىقنى بىلىپ تۇرۇپمۇ.. ھەي.... -ھەي ئەركىن، ئاڭلىسام بۈگۈن رەيھانغا چوڭ داستخان تاشلايدىكەن... بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇچقاندەك مەمەت كوجىنىڭ ئۆيىگە باردىم. تال باراڭلىق كەڭرى ھويلىدا ناھايتى نۇرغۇن كىشىلەر.. داستخان ئۈستىدە پاراڭ سېلىشىپ چاي ئىچىشۋاتاتتى. دەرۋازا ئالىدىدا يەتتە -سەككىز كىچىك ماشىنلار توختۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ... قارىماققا توي يۆتكىگىلى كەلگەندەكلا تەسىر بېرەتتى. قەدەملىرىمنى چوڭ-چوڭ ئېلىپ ھويلىغا كىردىم. مەمەت كوجى داشقازان تۈۋىدە ..ھەدەپ قازانغا گۆش سېلۋاتقان ئىكەن.. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا شۇنچىلىك ئۇرۇنساممۇ ..يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ..نەپەسلىرىم يېتىشمەي.. ھويلا تېمىنىڭ تۈۋىدىن قىمىرلىيالمايۋاتاتتىم.. ھەي...تەغدىر...! سەن ئادەمنى قىلىشىنى خالىمايدىغان ئىشلارغا نىمانچە زورلايدىغانسەن ھە! تۇيۇقسىز رەيھاننى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى. بوينۇمنى ئۇزارتىپ.. ئۆينىڭ راملىرىدىن تارتىپ، ھويلىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە كۆز تاشلىدىم. تېلفۇنىمۇ ئېتىپ قالغان. ئاھ...خۇدا! مەن ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ دادىسىغا نىمە دەرمەن... بۇ پۇلنى...؟ ئاخىرى مىڭ غەيرەتكە كېلىپ مەمەت كوجىنىڭ يېنىغا كەلدىم... -ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! مەمەت ئاكا، ئاڭلىسام ... - ھە، يەنە كونا پاراڭمۇ! مەن ئاپىسىدىن ھەممىنى ئۇقتۇم. سەن ئەڭ ياخشىسى چوتنى باشقا يەرگە سوق! رەيھان نىمىنداق يىغلايدىكىن دىسەم ...سەن سولتەككە تارتىشىپتىكەندە! - مەمەتكا، نىمىنداق گەپ قىلسىز؟ خەق پۇل بەرسە، مانا مەندىمۇ بار ! بەخىت دىگەن يەر جاي ، باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىلمايدىغۇ! سىلەر نىمىشقا بۇنداق قىلسىلەر؟ نامرات بوپ قالغان...ئوقۇمىغان گۇناھمىكەن؟ مېنىڭ ئەكبەردىن زادى نىمەم كامكەن؟ رەيھانغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن... ئۇ ئاشۇ بىرنىمە بىلەن... - ھېي....چىقەۋە ھويلىدىن! تېخى ماڭا دەس ئۆتىۋاتامسەن! ساڭا دەپ قوياي ، سەن مىڭ كاتتا، ۋاپادار بوپ كەتسەڭمۇ..... بۇ توينى بېكىتىپ بولدۇق! توي كۈنى پولۇ يەپ كېتەرسەن...ئىچىڭ پۇشۇپ كەتسە.. دەريا تاشقىندەك نەپرىتىم بىلەن... كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمىگەن غەزەپتە ھويلىدىن چىقتىم... ئەمدى پۈتۈنلەي ئۈمۈدنى ئۈزدۈم. رەيھاننىڭ تېلفۇنى يەنىلا ئېتىك. بەلكىم ئۇنى ئۆيگە سولاپ قويغاندۇ. ... ياكى..... دۈم تاراڭ..دۈم-دۈم تاڭ، دۈم-دۈم .دۈم-دۈم تاڭ.. ------ ----------- توي ئوينايسەن توي ئوينايسەن.. تويچىمىدىڭسەن.... تاغ باغرىدىن چىقالمايسەن.. قويچىمىدىڭسەن.. تويچى بولساڭ تويلارىڭغا بىرگە باقايلى.. يېڭى يانىڭ يۈرەكىگە ئوتلار ياقايلى... ئاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى دەبدەبىلىك توي بولدى. ئۆلىۋالمەن دىگەن رەيھانمۇ .. ھايات ئىكەن. بەلكىم ئۇنىڭمۇ كاللىسى چۆرگىلەپ قالغاندۇ. خىيالىدا ...ئىككىمىزنىڭ تويى بولدى دەپ ئويلاۋاتىدىغاندۇ.... ئەمما .. بۇ يۈرەك دىگەن خۇمپەر نىمىشقا ئېگىز-پەس سوقىدىغاندۇ... ما كۆز دىگەن ئۇششۇقچۇ تېخى! خەپ ...باينىڭ قىزىنىمۇ ياخشى كۆرەمدىغان! ئانام دەۋېتاتتى .. <ھەرىنىڭ قوڭىنى كوچىلما >دەپ... زادى ۋاپا كەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ... توي كۈنى شەھەرگە كىرىپ راسا ئويناپ پۇخادىن چىقماقچى بولوپ شەھەرگە باردىم. بۇ جەرياندا بىر ياغاچچى بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ ئۇنىڭدىن ھۆنەرمۇ ئۆگەنمەكچى بولۇپ شەھەردە قېپ قالدىم. ئالاھەزەل بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئۆزۈممۇ ھۆنەر دىگەننى قاتۇرۋېتىمەندە ! ئۇستامدىن دۇئالىق ئېلىپ يۇرتقا قايتتىم. بىر نەچچە كۈن ئۆتمەي نامازشام بىلەن... رەيھاننىڭ ئېرى ھېلىقى ئەكبەر ... ئۆيىنى بېزەتمەكچى بولۇپ ..مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. گەرچە ، ئىچ-ئىچىمدىن ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىك ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ... بىر ھۆنەرۋەن ئۈچۈن، بۇ قائىدىگە خىلاپ ۋە ھۆنەرنى خارلىغانلىق ھېساپلىندۇ خالاس. - چولۇم تېگىدۇ، ئەتە بېرىپ كۆرۈپ باقاي... تۇرۇپ كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى. بەلكىم مەھەللىدە باشقا ئۇستاملار يوقتۇ. ئەمما ئۇ بۇرۇنقى ئىشلاردىن قىلچە خەۋەرسىزمىدۇ؟ رەيھان ئېۋەتمىگەندۇ؟ مەن يەنە نىمىشقا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشلىگۈدەكمەن... ياق..ياق... بۇنىڭدا بىر ئويۇن بار... سەھەر ئەكبەرنىڭ ئۆيىگە باردىم. دەرۋازىدىن كىرىشىمگە .. كىر-قات يېيىۋاتقان رەيھان قولىدىكى تەلەڭگىنى يەرگە تاشلىۋەتتى. تولىمۇ ئەپسۇس... ئۇ تەلەڭگە ئىككى پارچە بولۇپ .. يۇيۇلغان كىيىملەر توپىغا مىلىنىپ كەتتى. بۇ ھالنى كۆرگەن ئەكبەر...يۈگرەپ كەلگەن پېتى... رەيھاننى ئىككى كاچات سالدى. بۇ شاپلاق شۇنداق بىر تەگدىكى... گويا يۈرىكىمگە تەگكەندەك... ياكى مېنىڭ ئېڭىكىمگە تەگكەندەك... رەيھان < ۋايجان!> دەپ چىرقىرۋەتتى... -ئانناڭنى پاسكىنا! قارا كىچىككىنە ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالماي! ھېي ئۆي تۇتقۇڭ كەلسە تۈزۈك تۇت! بولمىسا ئانناڭنىڭ يېنىغا يوقۇلە ئاداش! جوھۇت پاسكىنا! رەيھان يۈزىنى قاماللىغان پېتى ئۆيگە كرىپ كەتتى. قارىماققا ...ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل رۇخسارى ئاللىبۇرۇن كەتكەن... چىرايىمۇ جۈدەپ كىچىككىنە بوپ قالغان... ئۇ نىمىنى خاتا قىلدى؟ بىر تەلەڭگىگە مۇشۇنچىۋالا ھاقارەتلەش ...تەستەك بېرىش كېتەمدۇ؟ ... تېخى مېنىڭ ئالدىمدا... ئاھ... بىچارە رەيھېنىم! بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بولدى. كۆزۈمدىن سىرغىزغان ئىككى تامچە ياش ...چاناقلىرىمنى ئېچىشتۈرۋەتتى...مەن مېتىر تۇتۇپ پېشايۋاننى ئۆلچەۋاتسام..رەيھان بىر چاماداننى كۆتۈرگىنىچە .. ياندىكى ئۆيدىن چىقتى. قارىغاندا ئۇ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭغاندەك قىلاتتى. ئەكبەرنىڭ قاپقارا چىرايى تېخىمۇ قارداشقا باشلىدى. تاماكىسىنى كۈچلۈك شوراپ يەرگە زەردە بىلەن تاشلىدى-دە.. رەيھاننىڭ ئالدىنى توستى.. -ھە ، نەگە ماڭدىڭ! ئېيتە ھېي ھارىمى! كىرە ماڭە ئۆيگە! -نى نىمشى...قا..م..مېنى ئۇ...ئۇراتتىڭ؟ ..ب..بايا،،،كەت دېدىڭغۇ.. كى...كىم...ھارىمىكەن؟ - مانا ئەمسە! ئېي!!! ئەكبەر رەيھاننىڭ ئېڭىكىگە كۈچەپ بىر تەستەك سالدى... بۇ ھاللاردىن غورۇرۇم پەقەت جىم تۇرالمدى. يۈگرەپ بېرىپ ئەكبەرنى تۇتىۋالدىم. -نېرى تۇر...! بۇ پاسكىنىنى ئۆيدىكىلەر بىكار ئەپ بېرىپ، قويپېردىغان چېغىمۇ بوپ قالدى... باشقا مابەتمۇ تېپىپ بولدۇم، بۇنداق گۇينى دەسسەپ ...چەيلېۋېتىپ ماڭغۇزۋېتىمەن تېخى... مېنى قويىۋەت! جۇدۇنۇم نەچچە گەز ئۆرلىدى. مۇشۇ تاپتا ئۆزۈمنى يەنىلا رەيھاننىڭ بۇرۇنقى مابىتى دەپ ئويلاپ قالغان چېغىم... ۋۇجۇدۇمنى ...ئېغىزىمنى... پۇت-قولۇمنى باشقۇرالمدىم.. -نىمە! رەيھاننى پاسكىنا دەۋېتامسەن! تېخى دەسسەپ ...ئۇرۇپ-سوقۇپ قويۇپ بېرەمسەن ھېي ھېجىقىز! ئۇ يىگەن تاياقنى سەنمۇ يەپ باق!!! مانا ئەمسە...ئېي...!!! ئېي!!! مانا ھارىمى!!! ئۆلە!!! - ئەركىن!!!! ئۇنداق قىلماڭ... ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ... ئۆزىڭزگە ئىش تاپىسىز... ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسىز.. سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئەركىن.. جېنىم ..سىزدىن ئۆتۈنەي.. رەيھان يەرگە يىقىلدى. ئەكبەرنى قانچىلىك تېپىۋاتقىنىم...قانچە مۇش ئېتىۋاتقىنىم...قانچىلىك تىزلىنۋاتقىنىم يادىمدا يوق... بىر چاغدا ساقچى ماشىنسى ئۆيۈمگە ئىزدەپ كەلدى. مەنمۇ گۇناھىمنى تونۇپ... قولۇمنى سۇنۇپ بەردىم. ...ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە... مۇددىتم توشۇپ قويۇپ بېرىلدىم... ئاڭلىسام رەيھان بىلەن ئەكبەر ئاجىرشىپ كېتىپتۇ... ئۇنى ئىزدىمەكچى بولۇپ.. خەت ئېۋەتتىم ۋە كونا جايدا كۆرۈشۈشكە دېيىشتىم. كۈن تاغ ئارقىغا ئۆتكەندە ئۇنىڭ قارىسى يىراقتىن كۆرۈندى... شۇنچىلىك غۇۋا...شۇنچىلىك.. ۋىجىك... قەدەملەر يېقىنلاشقانسىرى يۈرەكلەر گۈپۈلدەشكە باشلىدى... ئۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ...بۇرۇنقى ئەتلەس كۆينىكىنى كىيۋالغاندەك قىلاتتى.... <تۈگىدى> 2010-يىلى . ماي . كورلا. ئابدۇۋارىس غوپۇر (ئۆرۈكجان) (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |