سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ھوقۇش(ھېكايە)

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-09 18:46مەنبە: يازغۇچى:تۇرغۇن پەيزۇ زىيارەت سانى: قېتىم

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن

ھۇقۇش

 

(ھېكايە)

 

ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى.ئەتىراپنى قورقۇنىچ، ۋەسۋەسە،ئەندىشە قاپلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى بىر شۇملىىقنى ئالدىئالا ھېس قىلغاندەك ئەنسىز ئاغاتتى. كۆڭلى ئۆڭدى،تىنى تىكەن ئۈستىدە ياتقاندەك سانچىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى.مېىڭسى ھىلىلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك قاتتىق زىڭىلداپ ئاغرىيتى، غەشلىك چىرمىۋلغان قەلبى سۇدەك داۋالغۇپ توختىمايتى، ئۇ ھەر قېتىم ھۇقۇش ھۇۋلىغاندا قاتتىق قىينىلاتتى، ئۆلگەندىن بەتتار ئازاپلىناتتى، ھۇقۇشنىڭ سۈزۈپ-سۈزۈپ ھۇۋلىشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەستى،يۈز بىرىدىغان پاجىئەدىن ئلدىنئالا دىرەك بىرەتتى.

-ھۇقۇش ھۇۋلىغان ماكان ھامان ۋەيران بۇلىدۇ، ئۇ يەردىكى ئادەملەر پالاكەتكە يۇلىقىدۇ،شۇڭا، يۇرت- ماكانغا ھۇقۇشنى يۇلاتماسلىق كېرەك. ئەگەر ھۇقۇش پەيدا بولۇپ قالسا، ئۆلتۈرۈۋەتمىگىچە ياكى كەلمەسكە قوغلىۋەتمىگىچە ئارام تاپماسلىق لازىم.

ئۇ بوۋىسىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئېغىر ئوھ تارتىپ قويدى، ئەلەم بىلەن تولغاندى. ھۇقۇشنىڭ بۇ ئەتىراپتا ھۇلاپ يۈرگىنىگە خېلى ئۇزاق بولغانتى، مىڭ تەسلىكتە ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلقىدىن قاتتىق ئازاپلاندى، قېرىنداشلىرىنىڭ بىخۇتلىقىدىن ئۆكۈندى. ئۇ تەكىردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا قارىدى، لىكىن دەمالىلىققا ھېچ نەرسىنى پەرق ئىتەلمىدى. ئۇنىڭ خۇنۈكلىك ئىچىدە پالدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى دەرىزە سىرتىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن نىمىنىدۇر بىر نەرسىنى ئاختۇرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئىزدەۋاتقىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. لېكىن ئۇ,

 

 ئۇنى زادىلا كۆرەلمىدى، كۆرەلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستى.

ئۇ ئەمدىلا ياستۇققا بېشىنى قويۇشىغا ھۇقۇشنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى تىقىلغاندەك بولۇپ، تىنى تىتىرەپ كەتتى، پىشانىسىدىن سوغوق تەر قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇ نەس باسقان ئاۋازنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن، يوتقانغا بېشىنى مەھكەم چۈڭكەپ يېتىۋالدى. ئىككى قۇلىقىنى چىڭ ئەتتى، لىكىن ھۇقۇشنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۈلدى. ئۇ، ئۇيان-بۇيانغا ئۆرىلەتتى، ھۇقۇش تىنىمسىز ھۇۋلايتى، ئۇ ئەمدى چىداپ تۇرالماي ئۆي ئىچىدە ئەسەبىيلەرچە دۇمىلاشقا باشلىدى...

-... قەيەردە ھۇقۇش پەيدا بولسا شۇ يەر ۋەيران بولۇپ كىتىدۇ...

ئۇ ئۆي ئىچىدە چاقپىلەكتەك پىقىرايتى،تامدىن-تامغا ئۈسەتتى، ساراڭلاردەك ۋاقىرايتى.ئاھ ئىسىت بۇ نىمە كۆرگىلىك؟بۇ نىمە تارقۇلۇق؟؟...                   

ئۇنىڭ باش- كۆزى ھۈررەك-ھۈررەك ئىشىپ ئېغىز بۇرنى قاناپ كەتتى، ھۇقۇش يېقىمسز ھۇۋلايتى، ئۇ چاقپىلەكتەك پىقىرايتى...

ئۇ بۇنىڭدىن بىرەر ئىلگىرى بوغۇسى خوتۇنى بىلەن خىيالىدا ئۇزاق سىردىشىپ، ئەمدىلا ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى باشلىۋىدى، ئۆلمىگۈر ھۇقۇش يېقىمسىز ھۇۋلاپ ئۇنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى،كىكىردىكىدىن سىقىپ نەپەش ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. ئۇ ھىچقاچان شۇ چاغدىكىدەك قوقۇپ، ئۆڭۈپ باقمىغانتى. نەدىن پەيدا بولدى بۇ نىجس؟ ... نىمىلا بولمسۇن ئۆزۈمگە پەخەس بولۇپ يۈرمىسەم بولمىغۈدەك... تېخى ئون گۈلۈمنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىدى مىنىڭ...ماشىنىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئاۋاز ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. بۇ كېچىدە ماشىنا بۇ يەرگە نىمىشقا كىلىدىغاندۇ؟ ساقچى ماشىنىسىمىدۇ-يا؟... ئۇ شۇلارنى خىيالىدىن لەپپىدە ئۆتكۈزۈپ، قانۇنغا خىلاپ بىرەر ئىشنى قىلىپ قويمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن سەل خاتىرخەم بولغاندەك قىلدى. ماشىنا ئاۋازى بارغانچە يېقىنلىشپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەستىن

دەھشەتلىك بىر ۋەھىمىدىن تىتىرەشكە باشلىدى.«چۇقۇم ساقچى ماشىنىسى... لۇتپۇللا مۇتەللىپمۇ مۇشۇندان بىر كەچتە تۇتقۇن قىلىنغان ئەمەسمىدى؟...» ئۇنىڭ يۈرىكى تولىمۇ ئەنسىز ئېغىپ كەتتى، ئاھ خۇدا بۇ نىمە كۆرگۈلۈك؟ مەن ئەمدى ئايالىم بىلەن خوشلىشالمايلا تۈرمىگە تاشلىنىپ كىتەرمەنمۇ؟... ئەنە ساقچىلار ئۇنى بىر جۈپ باش بارمىقىدن تورىسىغا ئېسىپ قويۇپ ئاۋال تاسما بىلەن ئاندىن سىم قامچا بىلەن ئۇرماقتا... بېشىنى ئاللا قانداق بىر نەرسە قىسىپ قىينىماقتا.. سوراق قىلماقتا...

-        ئىسمىڭ نىمە؟

-        غېرىپ.

-        مىللىتىڭ نىمە؟

-        ئۇيغۇر.

-        گۇناھىڭنى بىلەمسەن؟

-        ياق.

-        ئۇر بۇ ھاماقەتنى- يوغان قۇرساق سوراقچى يەڭلىرىنى شىمايلاپ، كۆزلىرىنى قان تامدۇرۇپ تۇرغانلارغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن تەككەن  تاياق زەربىسىدىن ھۇشىدىن كەتتى. ساقچىلار ئۇنىڭ يۈز-كۆزىگە سوغوق سۇ چېچىپ ھۇشىغا كەلتۈردى.

-گۇناھىڭنى بىلەمسەن، يۇشۇرماي ئېيىت، بىزنىڭ قانۇن ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىدۇ.

-        قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش قانۇنغا خىلاپ، قانۇ...ن...ىغا خى...لاپ...- ماشىنا ئاۋازى شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ يۈرىكى ۋەھىمىدىن پۇلوڭلاپ كەتتى. ئاۋازنى زەڭ سېلىپ تىڭشىدى، ئۇ نەدىمۇ ماشىنا ئاۋازى بولسۇن، بوراننىڭ گۈكىرىشى بىلەن گۈلدۈمامىنىڭ گۈلدۇرلىشىگە ئوخشاپ كىتىدىغان ۋەھىمىلىك بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كىلىۋاتاتتى... بىردىنلا يانار تاغ پارتىلىغاندەك دەھشەتلىك بىر گۈلدۈرلەش

بىلەن تەڭ يەر-زېمىن قاتتىق سىلكىندى، قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ زەربىسىدىن تەبىئەت تەۋرىنشكە باشلىدى، تەرەپ- تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان قۇشلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، ئادەملەرنىڭ ئەنسىز ئاۋازلىرى، نالە- پەرياتلىرى قىيامەت قايىم بولۇۋاتقاندەك تەسىر بىرەتتى. گۈلدۈر-قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ يەرگە چاپلىشىپ قالدى،ئىچ- باغرى سۇغۇرۇلۇپ چقىۋاتقاندەك كۆڭلى ئېلىشىپ، نەپەس ئېىلىشى قىيىنلىشىپ، بارا-بارا ھۇشىدىن كەتتى...

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ھۇشىغا كىلىپ بارا قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكىنى، ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئۆزىنى بېسىۋالغانلىقىنى پەرەز قىلدى، لېىكىن ئۆزىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىدن گۇمانلاندى. پۇت- قوللىرى سىقىراپ ئاغرىپ ئۇنىڭغا ھاياتلىقنى ھىس قىلدۇرىۋاتاتتى. ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ھىچنەرسىنى كۆرەلمىدى. بۇ ھال ئۆزىنىڭ ھايات قالغانلىقىغا نارازى بولغاندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا قىلدى. ئۇ ئۆلۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى تۈنجى قېتىم ھېس قىلدى. ئەزرائىلنى نەچچىنى قاغىۋەتتى. ھۇقۇشقا بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ كىچىك چېغىدىمۇ بىر قېتىم مەھەللىدە ھۇقۇش ھۇۋلاپ بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ كىتىپ نەچچە مىڭ مو بۇغداي،نەچچە مىڭ مو  كېۋەز، نەچچە مىڭ مو قوغۇن نابۇت بولغانتى، ئۇ شۇلارنى ئەسلەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى...

-            مەن راستىنلا ئۆلمىدىممۇ؟ مەن راستىنلا ھاياتمۇ؟بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇرۇنلا ئۆلگەن ئادەم...

       ئۇ يىراقتىن تۇلىمۇ يىراقتىن ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ يەر قاتتىق بىر سىلكىندى، ئۇنىڭ يۈرۈكى قاتتىق ئاغدى. ئۇ

 

تېخىچىلا ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدن گۇمان قىلىىۋاتاتتى. شۇڭا ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تىلىنىڭ ئۇچىنى قاتتىق بىر چىشلىدى، تىلى ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى...

-مەن راستىنلا ھايات ئىكەنمەن، مەن ئۆلمەپتىمەن...

ئادەملەر ئۇنى كولاپ تارتىپ چىقتى، ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئەتىراپقا قارىدى، مەھەللە پۈتۈنلەي خارابىيلىققا ئايلىنپ قالغان ئىدى. تەرەپ-تەرەپتىن يىغا-زارە، دات-پەرياد، نالە-زار ئاڭلىنىۋاتاتتى.

-        قەيەردە ھۇقۇش پەيدا بولسا شۇ يەر ۋەيران بولىدۇ...

-        قەيەردە ھۇقۇش پەيدا بولسا شۇ يەر ۋەيران بولىدۇ...

-        قەيەردە ھۇقۇش پەيدا بولسا شۇ يەر ۋەيران بولىدۇ...ھا،ھا،ھا...

ئۇ گاھ قاقاقلاپ كۈلەتتى، گاھ بۇقۇلداپ يىغلايتى، ئەسەبىيلەرچە ۋاقىرايتى. سۆيگەن يارىنىڭ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەس-ھۇشۇنى پۈتۈنلەي يۇقاتتى... ئۇ بىر نەچچە كۈن گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلاپ مەھەللىنى ئارلاپ چىقتى... ئۇ ئەمدى خاتىرسىنى پۈتۈنلەي يۇقاتقان ئىدى. لېكىن ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغىنىنى ئاڭلىغىنىدا بولسا يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كىتەتتى، ئېچىنىشلىق نالە قىلاتتى، ئەلەملىك يىغلايتى...

بۇ جاھاننى كەڭ دەيدۇ،

كەڭلىكىنى بىلمىدىم.

خۇدايىمغا ئەرزىم بار،

مۇرادىمغا يەتمىدىم.

ئۇ ھەسرەتلىك، قايغۇلۇق، ئەلەملىك، نادامەتلىك ئاۋازسا ناخشا ئېيىتقىنىچە

 قەبرىستانلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئادەملەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراشقىنىچە ياقىلىرىنى چىشلەشتى...

ھۇقۇش ئۇنىڭ بىلەن قېيىشقاندەك توختىماي ھۇۋلايتى. بۇ يېقىمسىز، نەپرەتلىك ئاۋازدىن بارا-بارا ئۇنىڭ خاتىرسى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى...

ئۇ ئاۋال بىر نەچچە كۈن ھۇقۇشنىڭ توختىماي ھۇۋلىغىنىنى، ئاندىن كېيىن قاتتىق يەر تەۋرەپ ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ... ئېسىگە ئېلىپ ھۆكۈرەپ يىغلاپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا ھۇقۇش يەنە ھۇۋلىدى، ئۇ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كەتتى، يۈرىكى قاتتىق سىقىلىپ، كۆڭلى ئاينىدى، مېڭىسى قۇچۇلدەكدەك بولدى. ھۇقۇشنىڭ قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان ئاۋازى ئەتىراپقا بوراندەك تېز تارقىلاتتى...

بۇلۇتلۇق تۈن. ئەتىراپ قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ، شىپ-شىپ قىلغان ئاۋاز ئادەمنىڭ يۈرىكىگە دەھشەتلىك ۋەھىمە سالىدۇ. زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان خەنجەردەك سانچىلىدۇ. ئۇ بۇرۇقتۇمىلىققا چىدىيالماي كىگىز-پالاسلار بىلەن ياسىۋالغان پاناھلىنىش ئۆيىدىن سىرىتقا چىقتى. ھۇقۇشنىڭ ئۈنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قۇلاق مېڭىسى بۇ نەس باسقان ئاۋازدىن قۇچۇلۇپ كەتتى. قەلبىنى تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىر خىل ئازاپ، ئەلەم، ۋەھىمە چىرمىۋالدى، كۆڭلى تولىمۇ غەش بولدى، ئۇ بىردەم بولسىمۇ ئۆلمىگۈر ئاۋازدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بارلىق چارە-ئاماللارنى قوللاندى. لېكىن نەتىجىگە ئىرشەلمىدى، ھەممە ئۇرۇنۇشلىرى بىكار كەتتى.

ئۇ ئاخىرى ھۇقۇشنى تېپىپ ئۆتۈرۈۋىتىش قارارىغا كەلدى، بىراق بىر نەچچە كۈن ھۇقۇشنى ئىزدەپ تاپالمىدى، ئۇ ئىزدىمىگەن ئورمانلىق، ئەسكى تاملىق قالمىدى. ئۇ پۈتۈن دىقىتىنى يىغىپ ئاۋاز كەلگەن تەرەپنى نىشان قىلىپ ماڭاتتى. لېكىن ئازراق ماڭغاندىن كىيىنلا ھېلىقى نېجىس ئاۋاز ئۇنىڭ ئارقىسىدن ئاڭلىناتتى. بۇنداق ئىشلار قانچە قېتىم تەكرارلاندى بۇنى بىر  تەڭرى ئۆزى بىلىدۇ، بۇنداق چاغدا ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كىتەتتى. شۇڭا «ھۇقۇشنى تۇتۇۋالسام تىرىك كۆيدۈرۈۋەتمىسەم دادامنىڭ

بالىسى بولماي كىتەي» دەپ قەسەم ئىچتى.

... ھۇقۇش ئىزدەپ يۈرگەن مەھەللىنىڭ ئىمامى باشلىق بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار چىرايلىرىدىكى ئالامەتلەردىن تۈن يېرىمىدىمۇ ئورمانلىق، كوچا، ئەسكى تاملىقنى ئايلىنىپ يۈرۈشتىكى مەخسەتنى چۈشۈنۈشتى بولغاي ئەلەم بىلەن باشلىرنى چايقاشتى. دەل شۇ چاغدا ھۇقۇش قاباھەتلەك ھۇۋلۇشقا باشلىدى.

-           سەن بىلمەيسەن ئىلگىرىمۇ بىزگە قوشنا بىر يېزىدا ھۇقۇش ھۇۋلاپ ئۇزاققا بارماي شۇ يەر ۋەيران بولۇپ كەتكەن، قەھەتچىلىك ئۈستىگە قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق ئۈستىگە ئاچارچىلىق بولۇپ كىتىپ ھايۋانلار بىر-بىرىنى يەپ، ئادەملەر سېغىز چالمىدا، دەرەخلەرنىڭ قوۋزاقلىرىدا، كۆۋرۈك، زاغزاق... قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىدا ناشتىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزگەن، بۇنى مەن ئويدۇرىۋاتقىنىم يوق، بىلەمسەن ئۇزاقى يىلى يېنىڭ سانائەت ئىدارىسدا ھۇقۇش پەيدا بولۇپ شۇ ئورۇنمۇ ۋەيران بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ ئاز ئىشلار بولمىدى، يەنە نىمە ئىشلار بولاركىن-تاڭ؟ ئۇ ئۆلمىگۈر داۋاملىق ھۇۋلاۋاتىدۇ...- بوۋاي كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىككى تامچە ياشنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتىۋەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى.

-        مەن ئەنسىرەپ قالدىم.

-        نىمىدىن؟

-        ھۇقۇش نۇرغۇن ھەراھلىرىنى باشلاپ كىلەمدىكىن دەپ.

-        بىلىپ بولمايدۇ.

بوۋاينىڭ ھەمراھلىرى ھەم ئۇ تاڭ سۈزۈلگىچە قەتئىي ئىرادە بىلەن ھۇقۇشنى ئىزلەپ تاپالمىدى، تاڭ سۈزۈلگىچە ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشى جىمىپ ئۇنىڭ ئورنىنى خورازلارنىڭ جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋازلىرى، يىراق-يېقىندىن ئاڭلانغان سىھرى كۈچى چەكسىز

 

قۇدۇرەتلىك سۈرلۈك ئەزەن ئاۋازلىرى ئىگىلىدى...

-قى-قى قىق! –تاڭ ئەلچىسى قىچقىرىشقا باشلىدى.

-ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر!...

... ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ سىقتى، سىقتى، لېكىن بىر تېمىممۇ قان ئاقمىدى ئەمما ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن بۇقۇلداپ قان تۆكۈلدى... ئۇ قان دەرياسى ئىچىدە بىر لەيلەپ بىر چۆكۈپ ئېقشقا باشلىدى... ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشى يەنە ئاڭلاندى.ئۇ ئەندىشە ئىچىدە چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى. ھۇۋلىغان ئاۋاز ئۆي ئىچىدىلا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ۋەھىمىدىن يۈرىكى گېلىغا تىقىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى. ئۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە كىچىك چېغىدا مومىسىدىن ئۈگىنىۋالغان قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى «لائىلاھەئىلەللا، لائىلاھەئىلەللا...» ئۇ قورققىنىدىن توختىماي شىۋىرلايتى... ئۇنىڭچە بولغاندا جىن ھۇقۇش سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۆيى ئىچىدە ھۇۋلاۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك،يىڭنە يۈتىۋالغاندەك ئېچىشىشقا باشلىدى.ھوقۇش ئۇنۇڭ بىلەن قېرشىۋاتقاندەك توختىماي ھۇۋلايتتى.ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تەكىنىڭ بىقىنىدا قويغان گۇگۇتنى سىيلاشتۇرۇپ تېپىپ،خېلى تەستە چىراقنى ياندۇردى.ئۆي ئىچى بىردەملىك سۈكۈتكە چۈمدى.جىن چىراقنىڭ يۇرۇقىدا ئۆي ئىچى غۇۋا يۇرۇپ تۇراتتى.ھوقۇشلار يەنە ھوۋلاشقا باشلىدى.ئۇ چۇچۇپ كەتتى،ئاۋاز كېلىۋاتقان تارەپكە قاراپ، كۆزلىرى چەكچەيدى.ئۇنىڭ قوزۇققا ئېسىپ قويغان تۇمىقى ھوقۇشتەك ھۇۋلاۋاتاتتى.ئۇ پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ،كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ زەڭ سېلىپ قارىۋىدى ،قوزۇقتىكى تۇماق ئەمەس ھوقۇش بولۇپ چىقتى. ھۇقۇش قۇزۇقتا ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر ھۇۋلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ قۇيۇق چېچى تىك تۇردى، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. ئورنىدىن پەم بىلەن تۇرۇپ، ئېتىلىپ بېرىپ قۇزۇقتىكى ھۇقۇشنى كاپپىدە تۇتىۋالدى.

 

-           ئاخىرى قولۇمغا چۈشتىڭغۇ، ئانا- ماناڭنىڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ، جەھەننەمگە ئۇزاتماايدىغان بولسام، كۆيدۈرۈپ كۈلىڭنى كۆككە سورىمايدىغان بولسام... ئۇ ھەيران قالغانلىقىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قولىدا ھۇقۇش ئەمەس شەپكىسى تۇراتتى، زەڭ سېلىپ قارىۋىدى شەپكە ئەمەس ھۇقۇش بولۇپ چىقتى، ئۇ ھەيران بولغىنىدىن يەنە زەڭ سېلىپ قارىۋىدى ھۇقۇش ئەمەس شەپكە بولۇپ چىقتى. ئۆي ئىچىدە قورقۇنىچلىق، جىمجىتلىق پەيدا بولغانتى، توساتتىن ھۇقۇش يەنە ھۇۋلىدى، دەل شۇ چاغدا گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە، بوراننىڭ گۈكىرىشىگە ئوخشاپ كىتىدىغان قورقۇنىچلىق بىر ئاۋاز ئۆي ئىچىنى قاپلاپ تۇرغان ۋەھىمىلىك سۈكۈت، ئۆلۈك بوشلۇق ئىچىگە سىڭىپ كىردى-دە، دەھشەتلىك گۈلدۈرلەش بىلەن تەڭ يەر-زىمىن تىتىرەپ، كائىنات تەۋرىنىشكە باشلىدى... ئۇ قورقۇنىچتىن لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى، تەرەپ-تەرەپتىن قىيا-چىيا ئاڭلاندى، ھۇقۇش تېخىچىلا يېقىمسىز ھۇۋلاۋاتاتتى، ئۇ بەزگەك بولغان ئادەمدەك تىتىرەيتى، جالاقلاپ تىتىرەيتى...

... ئۇ شەپكىسىنى بېشىغا كىيىۋالدى. توۋا، شەپكە ھۇقۇشتەك ھۇۋلاۋاتاتتى، ئۇ شەپكىنى ئېلىپ يىرتىپ تىتماتالاڭ قىلىپ كۆيدۈرىۋىتىش نىيىتىگە كىلىپ، دەرھال بېشىغا قول سوزدى، ئەپسۇس، قولىغا بىر تۇتام چاچ چىقتى، ئۇ تامدىكى قوزۇقتا ئولتۇرۇپ بەھۇزۇر ھۇقۇشتەك ھۇۋلىغان شەپكىسىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى...

ئۇ شەپكىنى ئېلىپ بېشىغا كەيدى، شەپكە ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك يەنە قوزۇققا چىقىۋالدى، كەيدى، چىقىۋالدى،چىقىۋالدى كەيدى... ئۆي ئىچىدە ئاۋال بىر ئاندىن ئون... يۈز...مېڭ...ھۇقۇش پەيدا بولدى، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بەسىلەشكەندەك زوق-شوخ بىلەن ھۇۋلاشتى، ئۆي ئىچىدىكى ھەممە نەرسە، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرمۇ ھۇقۇشنى دوراپ ھۇۋلايتى...

 

ئۇ ئاخىرى ئۆينى ھۇقۇشقا تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئۇچىسىدىكى كىيىملىرىنىڭمۇ ھۇقۇشلاردەك ھۇۋلىغىنى بولدى. ئۇ خورلۇققا چىدىيالماي ئۇچىسىدىكى بارلىق كىيىم-كىچەكلىرىنى سېلىپ تاشلاپ ئانىسىدىن تۇغما بولدى...

ئۇ سىرىتقا چىقىپ تەرەپ-تەرەپتىن كىلىۋاتقان ھۇقۇشلارنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەينەك پارچىلىرىنى يۈتۈۋالغاندىنىمۇ بەتتار قىينالدى. كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، دۇنيا ئاۋال تۇمان ئىچىگە ئاندىن كىيىن قاپ-قاراڭغۇلۇق ئىچىگە يىقىلدى...

ئۇ نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۇچىراتتى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا قىپيالىڭاچ ئىدى. لىكىن قوللىرىدا ئارا، كەتمەن، كەكە-پالتا، ئوغاق-بولقا، قىڭراق، تاياق-توقماق،ئوۋ مىلتىقى، ئوقيا، قىلىچ-نەيزە...دىگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. ئۇمۇ ئىككىلەنمەستىن كىمنىڭدۇر تونور بېشىدا تۇرغان كۆسەينى ئېلىپ ئادەملەر توپىغا قوشۇلدى...

... سانسىز ھۇقۇشلار ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا، بېشى ئۈستىدىلا ئۇچۇشۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى، ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىرىدىكى قۇراللىرىنى ھەريان شىلتىشاتتى... ئۇ ئىلاجى بار بىر ھۇقۇشنى تىرىك تۇتىۋېلىپ، تىرىك كۆيدۈرۈۋىتىش مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلاتتى... قاس-قۇس، جاراڭ-جۇرۇڭ، پاڭ-پۇڭ... قىلغان ئاۋازلار ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغۇتىۋىتەتتى، ئويغاقلارنىڭ يۈرىكىگە ئەندىشە، ۋەھىمە سالدى... ئۆلۈم ۋەھىمىسى...ئۆلۈم ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىغانتى...

ئادەملەر ئۆز-ئارا دەھشەتلىك سوقۇشۇپ كەتتى، قىيا-چىيا ئەتىراپنى بىر ئالدى، قان دەرياسى دولقۇنلاپ ئاقتى، دولقۇنلار ئىچىدە شىھىت كەتكەن جەسەتلەر بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ كىتىپ باراتتى، بىر چەتتە ھۇقۇشلانىڭ ئۆلىكى چاراسلاپ كۆيەۋاتاتتى...

 ھۇقۇشلار ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمىغاندەك، ئۇلارغا قاراپ مەسخىرە بىلەن قانات سىلكىپ،

 

خۇشاللىق بىلەن ھۇۋلايتى. ھىچ ئىش بولمىغاندەك ھەر تەرەپكە ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى، ئادەملەر ئىككى تەرەپ بولۇپ دەھشەتلىك ئېلىشىۋاتاتتى، بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگۈتىشىۋاتاتتى، ھۇقۇشلار قىن- قېنىغا پاتماي بەس-بەس بىلەن ئۇۋلايتى...

ئۇنىڭ ئىچى سىقىلدى. ھەممىلا نەرسە ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقاندەك، ئۆچەكىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ قاتتىق ھەسرەتلەندى...

سەھەردە بوران چىقىپ،

تۇمان باستى ئالەمنى.

پەلەكنىڭ چاقى تۆگمەنمۇ،

ئۇن تارتامدۇ، ئادەمنى?!

ئۇ ھەسرەتلىك ئاھاڭدا ناخشا ئوقۇغاچ قولۇدىكى كۆسەينى ھەر تەرەپكە شىلتىيتى، باش-كۆزى يېرىلغانتى، يۈز-كۆزلىرى قىپقىزىل قانغا بويالغانتى...

... يوللار، سۇلار، دەل-دەرەخلەر، قۇشلار... ھەممىلا نەرسە ھۇقۇشتەك ھۇۋلاۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ھىچ توختايدىغاندىك ئەمەستى. ھۇقۇشلار ھۇۋلىماقتا، ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشماقتا، بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتمەكتە... ھەممە ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشىدىن بىزار بولغانتى. ئەتىراپتىن ھۇقۇشلارنىڭ ھۇۋلىشىدن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتى.

نۇرغۇن جەسەتلەر، ئېچىنىشلىق ياردارلار كوچا-كوچىلارنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.

ئويلىسا ئادەمنىڭ سىرىلار ئىچى،

بىر مەيدان جەڭ بولدى دەھشەتلىك.

جەسەتكە لىق تولغان كوچىلار، يوللار،

نەچچە يۈز ئاپتوموبىل قىلدى بىر ياقىلىق...

 

نەگىدۇ يوقالدى نۇرغۇن جەسەتلەر،

مازارغا بارساڭمۇ قەبرىسى يوقتۇر.

بىر مەيدان جەڭ قىلىپ قۇربان بولغانلار،

نىمىشقا قان تۆكتى!؟ ئويلاپ باق چوڭقۇر.

ئۇ بار كۈچى بىلەن ۋاقىراپ ناخشا ئوقۇيتى، ھۆكۈرەپ يىغلايتى، ئېچىنىشلىق نالە قىلاتتى...

ئۇ بىردىنلا ئوغوزخاننىڭ ئۇيقىدىن ئويغۇنۇپ ساناقسىز قوشۇن تارتىپ كىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھۇقۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بىرىشىنى ئۆمۈد قىلىپ، روھى جانلانغاندەك بولدى. ئاران-ئاران كىتىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ قولىدىكى ئوۋ مىلتىقىنى ئېلىپ، ئالغا قاراپ ئۇچقاندەك چاپتى...

...              ...             ...          ...                ...                                 

ھۇقۇشلارنىڭ تولىلىقىدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايتى. ھۇقۇشلار ئۇنىڭ ئەتىراپىدا، بېشى ئۈستىدە مىغىلدايتى، قاناتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈز-كۆزىگە شاپىلاقلايتى، ۋەھىمىلىك ئاۋازدا ھۇۋلايتى...

-        ھۇقۇش ھۇۋلىغان ماكان ھامان ۋەيران بولىدۇ...

ئۇ ئەسەبىيلەرچە ۋاقىرايتى... ئەتىراپىدىكى جەسەتلەرگە قاراپ ئېچىنىشلىق نالە قىلاتتى... ئىسىت قېرىنداشلىرىم، شورپىشانە تۇققانلىرىم... بۇ بىزگە نىمە كۆرگۈلۈك. شۈكىرى دىدىم مېڭ شۈكىرى دەپ يۈرگەننىڭ جازاسىنى تارتىمىزمۇ ئەمدى! ئىست، ۋاي ئىسىت، ئاھ ئىسىت...

بەزىلەر يىغلايدۇ باغرىغا بېسپ،

قان بىلەن بويالغان كىيىم-كېچەكنى.

 

بەزىلەر كەتكەن ھەم ئەقلىدىن ئېزىپ،

بەزىلەر يۇقاتقان خاتىرسىنى.

ئۇ قاقاقلاپ كۈلەتتى، بۇقۇلداپ يىغلايتى، ئەسەبىيلەرچە ۋاقىرايتى، ئەلەملىك ئاۋازدا ناخشا توۋلايتى...

ئۇ سانجىلىپ ئاغرىۋاتقان يۈرىكىنى مەھكەم باسىقىنىچە يېزا مەركىزىدە پەيدا بولدى. سۇ مۇنارى ئۈستىدە نۇرغۇن ھۇقۇش ھۇۋلاۋاتاتتى، بىر توپ ئادەملەر ئۇلارغا قاراپ تاش-چالما ئېتىۋاتاتتى، ھۇقۇشلار ھىچ ئىش بولمىغاندەك بەھۇزۇر ھۇۋلىشىۋاتاتتى. بىر نەچچە ئادەم مۈشۈكلەردەك ئانتىنىغا يامىشىپ چىقىۋېلىپ، ھۇقۇشلارغا قاراپ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ھۇۋلاشنى ئۈگىنىۋاتاتتى، ھۇۋلاشنى قاملاشتۇرالمىغانلىرى بولسا بۇقۇلداپ يىغلىشىۋاتاتتى، ھۇۋلاپ بېقىشاتتى، يەنە قاملاشتۇرالماي يىغلىشاتتى. ھۇۋلايتى...

ئۇ سۇ مۇنارى ئۈستىدە ھۇۋلىشىۋاتقان ھۇقۇشلارغا، ئانتىنىغا يامىشىۋېلىپ، ھۇۋلاشنى ئۈگىنىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ يۈرىكىنى سىقىمدىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ھۇقۇشلار ھۇۋلايتى، ئۇنىڭ يۈرىكى تىقىلىپ-تىقىلىپ ئاغرىيتى، ئۇ چۈچىدى،غەزەپتىن قويۇق چېچى تىك تۇرۇپ، ئىمانى قىرىق  گەز ئۇچتى. ئۇ ساناقسىز ھۇقۇشلارنى كۆردى، ھۇقۇش ئىچىدىكى ھۇقۇش... سانسىز ھۇقۇشلار... قىستاڭچىلىق...

ھۇقۇشلار بەسىلەشكەندەك ھۇۋلايتى، گۈكىرەپ بوران چىقاتتى، قۇملۇق تىتىرەيتى، قۇملار كۆچەتتى. گۈكىرەپ بوران چىقاتتى، ھۇقۇشلار بەس-بەستە ھۇۋلايتى، تامدىدن-تامغا ئۆرۈلۈپ ئاسمان بوشلىقىدا پەرۋاز قىلاتتى. قۇم دۆۋىللىرىدىن، ئۆيلەردىن، كوچىلاردىن، دەل-دەرەخلەردىن ھۇۋلىغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى، ئۇ بۇنداق ئۇززۇنغا سوزۇلغان ھۇۋلاشنى ئاڭلاپ باقمىغانتى.

... ئۇ مەشۇقىنىڭ قەبرىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ، كولاپ كۆك توپا چىقىرىپ، كۆكرىكىنى

 

چاپلاپ ياتتى... توساتتىن ئەتىراپتىكى قەبرىلەردىن ھۇقۇشنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇنى ۋەھىمە، سۈر باستى، ئاغرىۋاتقان كۆكسىنى كۆك توپىغا تېخىمۇ چىڭ چاپلىدى، ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى بارا-بارا قىينىلىشقا باشلىدى...

ھۇقۇشلار تولا ھۇۋلاپ،

يۈرىكىمنى زىدە قىلدىڭ،

ئۆيۈمدىن مېنى قوغلاپ،

ئۆزۈڭگە ئۇۋا قىلدىڭ.

ئۇ بارلىق كۈچىنى يىغىپ، بار ئاۋازى بىلەن ناخشا توۋلايتى، يەرنى كولايتى-كولايتى، بەلكىم ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ يەرلىكىنى كولاۋاتقاندۇ ياكى بولمىسا...

ھۇقۇشلار ئەنسىز ھۇۋلايتى...ئۇ تىنىم تاپماي قوللىرى بىلەن يەرنى كولايتى...

 

 

 

ئاتۇش شەھەر كاتتايلاق يېزا رادئىو-تېلىۋىزىيە پونكىتى

 

13779601267

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !