(زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ)ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىدىنزوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، نېمە ئۇچۇندۇر ئۇزاق خىيال سۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم، بۇنى ھەرگىزمۇ كىشىگە يەڭگىللىك ۋە ئازادىلىك ئەكىلىدىغان ھايال دېگىلى بولمايتتى، بەلكى ئۇ، تارىخنىڭ قاتتىق تورغايلىرى، ئاچچىق ساۋاقلىرى، ئۇچ - چېكى يوق نادامەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن ۋىجدان مۇھاكىمىسى ئىدى. شۇ چاغدا مۇئەللىپنىڭ ئۆزى بىلەن راسا مۇڭداشقىم كەلدى. ئەپسۇس، ئۇ مەزگىلدە تارىخ تېپىشماقلىرىغا ئاشىق بوپقالغان زوردۇن سابىر ئاكا يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق ئىستىقامەتلىرىدە ھەل قىلالمىغان تېپىشماقلىرىغا ھەقىقىي جاۋاب تېپىش ئۇچۇن تارىخنى قان بىلەن ياراتقۇچى شاھىدلارنىڭ قېشىغا كەتكەنىدى. دەرۋەقە، تارىخ بەزىدە ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئەرۋاھ تىرىكلەرنىڭ ئارزۇ ئۇزۇن بولغان كۇرەشلىرى ۋە ئىنتىلىشلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ. تىرىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىگە بولغان سېزىكلىكىنى بىلىشكەنلىرىدە، شۇنداقلا ئارزۇ چەمبەرلىرىنى ئەركىن كېڭەيتىشكە مۇمكىنلىك تاپالمىغانلىرىدا ئەجدادلىرىنى يادىغا ئالىدۇ، ئوتمۇش ئۇلارنىڭ پائالىيەت ماكانىغا ئايلىنىدۇ، كىشىلەر تەبىئىي ھالدا بۇرۇن ئۆتكەن ئەزىمەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنىگە باشلاپ كېلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر روھ، بىر تەن بولىدۇ؛ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن دەۋرلەر ھەم شۇ دەۋرلەرنىڭ قەھرىمانلىرى ھازىرقى تىرىكلەرنىڭ قېنى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ئوتمۇشتىكىلەرنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىدا ئۆركەش ياسايدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى ھارارەتلىك، جەڭگىۋار قان بولسا ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى شۇنچە جۇلالىق كۈچ سۈپىتىدە كېلەچەكنىڭ سەرمايىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر بۈگۈنكىلەرنىڭ قېنى سوۋۇغان، سۇس، شالغۇت قان بولسا، ئەجدادلارنىڭ ئەرۋاھى قورۇنغان ھالدا بۈگۈنكىلەرنى تاشلاپ قاچىدۇ. چۈنكى، تارىخ چۈشەنگەنلەر ئۇچۇن ئېيتقاندا، بىر روھتۇركى، ئۇنىڭمۇ تىرىكلەرنىڭ جازالاش ياكى مۇكاپاتلاش قۇدرىتى بولىدۇ. ئوتمۇش شاھىدلىرى ھامان ئۆزىنىڭ قابىل ھەم قۇدرەتلىك ئەۋلادلىرىنىڭ قەدىمىگە مەدەتكار بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق كەلگۈسى تارىخنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. جەڭچىلەرگە خاس جاسارىتى بولمىغان لامزەللە رولچى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ قورقۇنچلۇق جەڭگاھلاردىكى رولىنى ئالغاندا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە، ھېلىقى باھادىر - ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىمۇ لامزەللىلىك دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئىلگىرىلەش مەنىسىدىن ئېيتقاندا، تارىخىي سىمالار ھامان تېخىمۇ جۇشقۇن ۋارىسلارنىڭ مەردانە قەدىمىدىن ئوز ئەكىسىنى تاپىدۇ. قان بىلەن يېزىلغان تارىخ بولمىسا، سىياھ بىلەن يېزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەگەر تارىخنىڭ سىياھ بىلەن يېزىلغان قىسمىغا ھالال ئېتىقاد بىلەن يۇرەك قېنى قوشۇلسا، بۇ ئاخىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان تارىخىي روھ بولۇپ شەكىللىنىدۇ. زوردۇن سابىر ئاكا «ئانا يۇرت»نى ئولىمىغا تاپشۇرۇپ، ئۇزاپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ مەزكۇر تارىخىي روماننىڭ شۆھرىتى بىلەن باغلانغان ھالدا يارقىن بىر تارىخىي شەخسكە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمدى بىز بۇ ئاكىمىزنى ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىدىن، شۇنداقلا زامانداشلىرى خاتىرىسىدىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولىمىز، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك بىر ئارزۇنىڭ ئىگىسىگە ماس ھالدىكى شىجائەتلىك يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئىسپاتلىدى. شۇ تاپتا، مەن ئۇنىڭ تىرىكلىكتە قالدۇرغان بەزى تەسىراتلىرىنى ئېسىمگە ئېلىپ تۇرۇپتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، زوردۇن سابىر ئاكىدەك كۆپ كىتاب كۆرىدىغان، ئۆزىدىن ھەمىشە قانائەت تاپمايدىغان يازغۇچى ئارىمىزدا ئانچە كوپ ئەمەس. بىزدە بىرەر پارچە ئەسەرنى شۆھرىتى بىلەن ئىجتىمائىي دەرىجە ۋە مەئىشەت ئىزدەيدىغان ئەدىبلەر يوق ئەمەس. زوردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىش قىلغانلىقىنى نورمال رەۋىشتە چۈشىنەتتى - ئۆزىنى پەۋقۇلئاددە تالانتنىڭ رويخېتىگە تىزىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى «مەن بىر يازغۇچى، ئۆزۈمدە بار قابىلىيەتنى ئىمكانقەدەر تولۇق ئىشقا سالساملا بولدى.» دەپ قارايتتى. بولۇپمۇ ئۇ «يازغۇچى قانداق بولمىسۇن، كۆپرەك مەھسۇلات يارىتىشى كېرەك.» دەپ تەشەببۇس قىلاتتى. ئاكىمىزنىڭ: «ئۇيغۇرلاردىمۇ ‘تىنچ دون’ بولۇشى كېرەك» دېگەن سوزى ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. «تىنچ دون» دون دەرياسى بويىدىكى كازاكلارنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئېچىنىشلىق بەدەللىرىنى ئاجايىپ چىن تەسۋىرلەپ، ئاپتورنىڭ پۈتكۈل كازاكلارنىڭ ھەرىكىتى، ئارزۇسى ۋە ھەسرىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان يۈرىكىنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى. ساپ مىللىي تۇرمۇش، نازۇك تەسۋىر، ئاپتورنىڭ قويۇق ھېسسىياتى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان پۈتكۈل ئەسەر داۋالغۇپ تۇرغان بىر دېڭىزدۇركى، ئۇنىڭدا كازاكلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئايلانغان، ئۆزىدىن غايەت زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن مىخائىل شولوخوف ئۈزۈپ يۈرىدۇ. «تىنچ دون»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى سىياسىي سۇيىقەست ۋە تېررورلۇق بىلەن قاپلانغان ستالىنىزم دەۋرىدىكى بىر ئىنقىلاب بولغانىدى. ئەگەردە شولوخوفتا قورقماس يۇرەك بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇ ئۆزىدىكى كاتتا ئىستېداتقا تايىنىش بىلەنلا بۇگۈنكى ھەيۋەتلىك شولوخوفقا ئايلىنالمىغان بولاتتى. «ئەگەر يازغۇچى شىجائەتلىك بولمىسا ئىش تامام» دەيدۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى يۇرىي كازاكوف: «ئۇ قانچىلىك تالانتلىق بولسىمۇ، بەرىبىر پايدىسى يوق، ئىقتىدارى ئۇنى ساقلاپ قالالمايدۇ.» تېما ئېىبارىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى بىزنىڭ «تىنچ دون» بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كۇرەشلىرى ساپ ئوز تىلىمىزدا ئەكس ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك، «ئانا يۇرت» رومانى بىز ئۇچۇن «تىنچ دون»" دىنمۇ قىممەتلىك. ئېھتىمال، بەزىلەر «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ بەدىئىي پەللىسىنى «تىنچ دون» غا يەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغاندۇر. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش يۈزەكى سېلىشتۇرمىدىن كەلگەن. بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى نوقۇل ھالدا بەدىئىي نەتىجىلەرنىڭ ئۆزى ئارقىلىق ئىزاھلاش مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە ئىستىتىك قاتلىمىنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق كۆرسىتەلىسىمۇ، لېكىن بۇ، ھەرگىزمۇ مىللىي قەدىرىيەتنى ئەدەبىيات - سەنئەتتە ئەكس ئېتىدىغان، ئەمما ئەدەبىيات - سەنئەتتىن ھالقىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشقا ئاشىدىغان جەريان. قېنى كىم چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى سىياسىي ۋە ھەربىي كۇچ ئۇستۇنلۇكىدە ئايرىپ قارىيالايدۇ؟ ئايتماتوف قىرغىز خەلقىنڭ پەرزەنتى سۈپىتىدە ئوز ئانا تىلى بىلەن خەلقىگە يۈزلەندى، رۇس تىلى بىلەن دۇنياغا يۈزلەندى. ئۇ، ئوز خەلقىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە ئىستەكلىرىنى جاكارلايدىغان ھەمراھسىنى رۇس تىلىنىڭ راكىتاسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |