سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

بۇ بەش جۈملە سۆز ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ!

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:45مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بىرىنچى جۈملە: ئەلالىق بىر خىل ئادەت.

بۇ قەدىمكى گرېتسىيە پەيلاسوپى ئارستوتىلنىڭ سۆزى. ئەگەر خاتالىقنى بىر خىل ئادەت دېسەك ئۇنداقتا ھورۇنلۇقمۇ بىر خىل ئادەت. ئىنسان تۇغۇلغان چىغىدا ئىرسىيەت سەۋەبلىك مىجەزى ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلىق بولغاندىن تاشقىرى بارلىق نەرسىلەر ئاساسەن دېگۈدەك كېيىن ئائىلە ۋە مائارىپ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمىزمۇ مۇشۇنداق ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ. بەزىلىرىمىز ياخشى ئادەتلەرنى يېتىشتۈرىمىز، بەزىلىرىمىز يامان ئادەتلەرنى يېتىشتۈرىمىز. شۇڭلاشقا بىز ھازىردىن باشلاپ ئەلالىقىمىزنى بىرخىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز، ياخشى ئىش-ھەركەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككىنچى ئىرسىيىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. بۇندىن كىيىن يېڭىلىق يارىتىشنى، ئەستايىدىل ئىش بېجىرىشنى، باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشنى، تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى.
ئەسكەرتمە: بۇنىڭ ئۈچۈن دوراشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئۈزلۈكسىز، توختىماي دوراش كېرەك. دوراۋەرسەك راستقا، ئادەتكە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: داۋاملىق يىغىنلارغا ۋاقتىدا كېلىڭ، ھەرقىتىم ۋاقتىدا كېلىڭ. كېلەلمىسىڭىز كىلەلەيدىغانلارنى دوراڭ. 30 يىل دوراپ بېقىڭ، دوراۋەرسىڭىز ئادەتكە ئايلانماي قالمايدۇ.

ئىككىنجى جۈملە: ھاياتلىق بىر خىل جەريان.
ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە مۇھىم، شۇ ئىشلارنىڭ قىلىنىش جەريانى تېخىمۇ مۇھىم. ئەلۋەتتە، ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولسا بىز ئەلۋەتتە تولىمۇ مەمنۇن بولىمىز. لېكىن ئۇ ئىشنىڭ جەريانى بىزنى ھاياتىمىزنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ.
ھاياتنىڭ نەتىجىسى مۇقەررەر ئۆلۈم، لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەنلا ياشىغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق دىيەلمەيمەيمىز. ھاياتتا مەڭگۈلۈك نەرسىلەر بەكلا ئاز. مەسىلەن ئىلىپ ئېيتساق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھەببەتلەشكەندە ھەر كۈنى دېگۈدەك "مەن سىزنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن."دەپ قەسەملەر بېرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ يالغانچىلىق. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشكەنلەرنىڭ %90 ئەڭ ئاخىردا ئايرىلىپ كېتىدۇ. تۇرمۇش قۇرالىغانلارنىڭمۇ يېرىمى ئاجرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭچە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولامدىكەن؟ شۇڭلاشقا راستىنى دېگەندە "مەن مۇشۇ مىنۇت-سىكىنۇتلاردا سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىۋاتىمەن." دېيىش كېرەك. يۇرىۋاتقان بولسىڭىز ئەتىلا ئايرىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن مۇھەببەت ئازابىنىڭ تەمىنى تېتىيسىز. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ھاياتىڭىزغا مەزمۇن قوشىدىغان بىر جەريان.
ئەسكەرتمە: مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھاياتنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. پەقەت سىز ھاياتىڭىزغا ئارزۇلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق مەنە قوشالىسىڭىز ھاياتىڭىز ئاندىن ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى جۈملە: ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەڭ قىسقا ئارىلىق تۈز سىزىق بولۇشى ناتايىن.
ئادەمگەرچىلىك قىلغان ۋە ئىش بېجىرگەن چاغدا بىز بىراقلا ياخشى قىلىپ كېتەلىشىمىز ناتايىن. بەزىدە كۈتۈشىمىزگە، بەزىدە ھەمكارلىشىشىمىزغا، يەنە بەزىدە ئەپ شلىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلغان چىغىمىزدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرايمىز. بەزى چاغلاردا چوقۇم ئۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىز ۋە توسالغۇلارنى تازىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بەزىدە ئۇلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتسەك ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالىشىمىز مۇمكىن.
كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار، ئاددىيسى بىز ئادەتتە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتتىمۇ قايسى سۆزنى ئېيتساق يېقىملىقراق ئاڭلانسا ئويىمىزنى شۇ سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشىمىز. جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ جەمئىيەتتە ئامالنىڭ بارىچە باشقىلارنى توغرا چۈشىنىش، ئەپۇ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلىگەندىلا ئاندىن ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز.
ئەسكەرتمە: ئەگەر ماتېماتىكىدىن ئىمتىھان بېرىۋاتقان بولسىڭىز چوقۇم ئىككى نۇقتا ئارىسىدا تۈز سىزىڭ ئەڭ قىسقا دەپ جاۋاب بىرىڭ. ئەگەردە يول مېڭىۋاتقان بولۇپ A جايدىن B جايغا بارماقچى بولغاندا، تۈزلا ماڭغاندا بارغىلى بولىدىغان يولدا باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماڭمىغان بولسا ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ ماڭماڭ، چۈنكى بۇ يولدا قىلتاق بار. جۇڭگودا ئىش بېجىرىشتە تۈز سىزىقلىق ئىدىيە نۇرغۇن چاغ ۋە جايلاردا ئاقمايدۇ. بۇنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىش بېجىرىش دەمدۇق؟

تۆتىنچى جۈملە: پەقەت قانداق توختىتىشنى بىلگەن ئادەملا قانداق سۈرئەت ئاشۇرۇشنى بىلىدۇ.
مەن قار تېپىلغان چاغدا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق بولسا توختىيالماسلىق. مەن ئەڭ بۇرۇن قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن چىغىمدا ئۇستاز تۇتماي باشقىلارنىڭ تىيىلغىنىنى كۆرۈپ بەكلا ئاددىيدەك ھېس قىلغان. ناھايىتى بىر تاغ چوقىسىدىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈشقۇ شۇ؟! دەپ ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن تىيىلىش ئايىغىنى كىيىپ سىيرىلىشنى باشلىۋەتكەن. نەتىجىدە مەن پەسكە سىيرىلىپ چۈشكىچە، توغرىراقىنى دېگەندە يۇمىلاپ چۈشكىچە نەچچىنى موللاق ئاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ يانتۇلۇقتا قانداق توختاشنى، تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاشنى ئازراقمۇ بىلمەيدىغىنى ھېس قىلغان. ئاخىرى مەن يانتۇلۇقتا توختاشنى قايتا-قايتا مەشىق قىلدىم. بىر ھەپتە مەشىق قىلىپ توختاشنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇ ۋاقىتتا  ئۆزۈمنىڭ قار تېيىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ۋە تاغ چوقىسىدىن يۇقىرى سۈرئەتتە سىيرىلىشقا جۈرئەت قىلالىدىم. چۈنكى مەن توختاي دېسەملا توختىيالايتتىم. بىز پەقەت توختاشنى بىلگەندىلا ئاندىن دەرەخ، تاش ۋە باشقا تېيىلغۇچىلارغا سوقۇلۇپ كەتمەيمىز، سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتمەيمىز. شۇڭا دەيمىزكى، پەقەت قانداق توختاشنى بىلگەن ئادەملا قانداق سۈرئەت ئاشۇرۇشنى بىلىدۇ.
ئەسكەرتمە: ماشىنىنى ئىلىپ ئېيتساق باۋما ماشىنىلار سائىتىگە 200 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۈرەلەيدۇ. شالى ماشىنىلار بولسا 120كىلومېتىرلىق سۈرئەتتىن ئاشالمايدۇ. نېمىشقا؟ پەرق ماتوردا ئەمەس،تورمۇز سىستېمىسىدا. سائىتىگە 200كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتىۋېتىپ تورمۇز ياخشى ئىشلىمىسە؟!ۋاي ئانامەي!،،،

بەشىنچى جۈملە: ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل پاراسەت، كەمچىلىكمۇ بىر خىل ئىلتىپات.
ئالتە دانە ئالمىڭىز بار چاغدا ھەرگىزمۇ ھەممىنى ئۆزىڭىز يەۋەتمەڭ. چۈنكى ھەممىنى يەۋەتسىڭىز پەقەت ئالتە دانە ئالما يەيسىز، بىر خىللا تەم تېتىيسىز، يەنى ئالمىنىڭ تەمىنى. ئەگەر بىرىنى ئۆزىڭىز يەپ بەشىنى باشقىلارغا بەرسىڭىز، قارىماققا سىز بەش دانە ئالمىنى بىكاردىن بىكار يوقاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە سىز بە ئادەمنىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشەلەيسىز ۋە ئۇلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرالايسىز.
بۇنىڭلىق بىلەن تېخى تۈگىمەيدۇ، سىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز. ئۇلارنىڭ باشقا مېۋىلىرى بولغان چاغدا چوقۇم سىز بىلەن بىللە بەھرىمەن بولىدۇ. بىرەيلەندىن بىر تال ئاپېلسىنغا، بىرەيلەندىن بىر تال نەشپۈتكە ئىگە بولىسىز. ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز بولسا ئالتە خىل مېۋە، ئالتە خىل تەم، ئالتە خىل رەڭ ۋە ئالتە كىشىنىڭ دوستلۇقى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزدە بار نەرسىلەر ئارقىلىق سىزدە بولمىغان، لېكىن سىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. شۇڭا دەيمىز، ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل پاراسەت.
ئەسكەرتمە: ئەگەر بىز ھەركۈنى ئەتىگەن ئويغانغان چىغىمىزدا ئۆزىمىزدە ئازراق بىر نەرسە كەملىكىنى، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىملىقىنى ھېس قىلالىساق، ئۆزىمىزنىڭ يەنە ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىساق ئۇنداقتا ناھايىتى خۇشال بولۇشقا ئەرزىگۈدەك بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(15)
88.2%
دەسسەش
(2)
11.8%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !