«قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى ،ھاراق دىگەننىچۇ بىزدەك مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بارلار ئىچىدۇ»دىدى ئالىم كۆرەڭلىگەن قىياپەتتە.
-شۇنى دىمەمدىغان تېخى ئىچەلمەيدىغان نىمىسىگە بەستلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالغىنى نىمىسى ،توۋا« ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى چوڭ»دىگەن شۇدە،قوشۇپ قويدى تۇرغان كۆككۆز ئالىمنىڭ سۆزى ئاخىرلىشا ئاخىرلاشمايلا.
-كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىۋاتىسەلە؟سورىدى ئەجەپلەنگەن ھالدا تۇرسۇن چوڭ.
-«كىمنىڭ بولاتتى ھېلىقى ئەخمەت جاياتۇنىڭ گېپى بولمامدۇ ،غەيۋەت ئەمەس خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار »دىگىنىچە كۆرەڭلىگەن ھالدا ئاغزى -ئاغزىغا يەتمەي سۆزلەشكە باشلىدى ئالىم ئاخشام ئىشتىن قايتىپ ئەمدىلا ياتاققا كىرىشىمگە تېلىفونۇم سايراپ كەتتى دىمەمسىلە قايسى تومۇچۇقكىن دەپ ئالسام شۇ جاياتۇ ئىكەن.ئۇ تېلىفوندا« ئاداش نەچچە كۈن بولدى بازاردىن بىر نەچچە ئاغىنەم چىققاندى،ساڭا كۆڭلۈم تارتىپ تېلىفون قىلدىم كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسەڭ»دىدى ياق دىيەلمىدىم شۇنۇڭ بىلەن گىتتارنى قولتۇقلىغىنىمچە ئۇنىڭكىگە باردىم دەرۋەقە ئىككى ئاغىنىسى چىقىپتۇ ،سورۇندا يەنە تۇرغان كۆككۆز بىلەن قۇربان تازمۇ بار ئىكەن.شۇنداق قىلىپ سورۇنمۇ باشلاندى،جاياتۇمۇ خېلى مەرد نەرسە ئىكەن تەييارلىقنىمىغۇ ئوبدان قىلىپتۇ بىراق- زە ،بىرلا ئىش كەم قاپتۇ؟
-نىمە كەم قاپتۇ؟سورىدى ھەيرانلىق بىلەن ياقۇپ .
-«نىمە بولاتتى قىزلار بولمامدۇ»دىدى تۇرغان كۆككۆز .ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشا ئاخىرلاشماستىن سۆز باشلىدى ئالىم .قانداق بولدى دىمەمسىلە شۇنداق قىلىپ گەرچە رەڭلىك سورۇن بولمىسىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى بازاردىن چىققانلارمۇ تازا گەپچى بالىلار ئىكەن تاسلا قالدى كۆككۆز بىلەن ئىككىيلەننى چوقۇپ ئالغىلى .ئارىدا بىرى يا ئاللا مەن بۇيەرگە چىققاندىن بۇيان بۈگۈن ئاينى كۆردۈم دىۋىدى كۆككۆزنىڭ ئاغزى ئېچىلدى-دە،پات -پات چىقىپ تۇرۇڭلار بۇيەرگە چىقساڭلار ئاي كۆرۈسىلەر دىۋىدى ھېلىقى ئاداش گەپ تاپالماي بوينىغىچە قىزىرىپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ ئىلىشات ئىسىملىك بالا تەرلەپ كەتتىمۇ قانداق چاپىنىنى سېلىۋەتتى قارىسام قىزىل مايكا كىيۋاپتۇ مايكىدا ئەنگىلىزچە لوندون دىگەن خەت بار ئىكەن .يەنە بىر كەلتۈرەي دىگەن مەقسەتتە :
-ۋوي ئاغىنەم مايكاڭدىكى نىمە دىگەن خەت دىۋىدىم.ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا:
-تاغلىق دىگەن تولىمۇ دۆت بولىدۇ-دە،لوندون دىگەن خەتنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ موشۇنداق دىگىنىچە كۈلۈشكە باشلىدى.مەن چاندۇرماستىن.
-ئاداش لوندون دىگەن نەنىڭ نامى ئۇ دىيىشىمگىلا.
-كۆرەڭلىگەن ھالدا ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى بولمامدۇ؟ھەي تاغلىق دىگىنىچە خۇددى ئۆچكىلەردەك مەرەشكە باشلىدى.
-شۇنۇڭ بىلەن مەن ئۇلاپلا ئاداش ساچىر خانىم ئاي كۆرۈپ قالدىمۇ قانداق دىۋىدىم ئاللا كارامەت ھېلىقى ئاداش گەپ قىلغىنىغىمۇ پۇشايمان قىلىپ كەتتىغۇ دەيمەن نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى.شۇ ئارىدا جاياتۇنىڭ ئاغىنىلىرىگە ئىچى ئاغىرىپ قالدى بولغاي.
-بولدى قىلايلى ئەمدى بىر ئاز ساز چالساڭ قانداق دىۋىدى سايىپخاننىڭ كۆڭلىنى ئاياپ چاقچاقنى توختاتتىم-دە،گىتتار چېلىپ بەردىم. قىززىقچىلىقتا راسا ئىچىپتۇق قارىسام ھەش-پەش دىگۈچە 6بوتۇلكا ئىچىۋېتىپتۇق بازارلىقلارمۇ ھاراقتىن يانمايدىغانلار ئىكەن يەنە ئىچىمىز دەپ تۇرۇۋالدى.بىر چاغدا جاياتۇنى ھاراق تۇتتى بولغاي مەن بىلەن ھاراقتا بەستلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالدى .ئۆي ئىگىسى مەست بولۇپ قالسا بولماس دىگەنلەرنى ئويلاپ بەستلەشكىلى ئۇنۇمۇدۇم. تۈن نىسبى بىلەن سورۇنمۇ ئاخىرلاشتى خۇددى ھېچ نەرسە ئىچمىگەندەك قايتىپ كېلىپ ئارام ئالدىم.ئىشتىن چۈشۈپ قانداقلا بولمىسۇن ئەھۋال سوراپ قوياي دەپ تېلىفون قىلغاندىم.ئاشقازىنى ئاغىرىپ كېتىپ يېتىپ قاپتۇ شۇنى دەۋاتىمەن.ھەرقايسىڭلارنىڭ بۇنى غەيۋەت دەپ چۈشەن مەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.دىگىنىچە سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەتىراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى ئالىم.
-بولدى يوق ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىشماي سورۇنىمىزغا كېلەيلى»دىگىنىچە ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى ئەتىدىن ئۈندىمەستىن ئولتۇرغان ئوسمان.شۇنداق قىلىپ سورۇندا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى پەقەت رومكىلارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشى بىلەن«خۇشە »دىگەن ئاۋازلاردىن باشقا ئاۋاز يوق رومكىلار ئالدىراشلىق بىلەن ئۇيان-بۇيان ئايلانماقتا.بىر ھازادىن كېيىن ئوسمان
كۆپچىلىككە :
-ئاغىنىلەر ھەجەپمۇ شۈكلەپ كەتتىڭلار خۇددى مەسجىتكە كىرگەندەك قېنى قىززىقچىلىق قىلىشمامدۇق.دىدى كۆپچىلىككە .
-گەپ قىلساق غەيۋەت دەيدىكەنسىلە ئەمىسە نىمە دەيمىز ؟دىدى تۇرغان كۆككۆزسەل نارازى بولغان ھالدا.
-گەپ قىلدۇق دەپ سورۇندا يوقلارنىڭ گېپىنى قىلماي سورۇنىمىزنىڭ گېپىنى قىلايلى دىمەكچى بىز.دىدى تۇرسۇن چوڭ قىستۇرۇپ:
-مۇنداق قىلايلى ھاراق كىمگە كەلسە شۇ بىر قىززىقچىلىق قىلىپ بەرسۇن بولامدۇ؟دىدى ئوسمان.ھەممە بىردەك ئۇنىڭ گېپىگە قوشۇلدى .ئەمىسە نۆۋەت مەندە شۇنداق بولغاچقا مەن بىر نىمە دەپ بېرەي گەرچە بۇ كونا يۇمۇر بولسىمۇ ھەرقايسىڭلارنىڭ دىققەت قىلىپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن دىگىنىچە باشلىۋەتتى ئۇ.
بىر كۈنى ئاغىنەم خىز مەتتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپتۇ دە، ئىشىكتىن كىرىشىگىلا ئايالىنىڭ بەنشىر(تۈگۈر،جۇۋاۋا)غا ئىشپىرس سانجىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ ھەيرانلىق بىلەن:
- ئايالىدىن بۇ نىمە ئىش دەپ سوراپتىكەن ئايالى.قىيمىغا تۇز سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
-شۇنۇڭ بىلەن ئۇ يا ئاللا ئەقىللىق خوتۇن جۇمۇ بۇ بەنشىرگە ئۇكۇل سالىدىغان .ئەگەر مانتا ئەتكەن بولساڭلار ئاسما ئۇكۇل سالامتىڭلار دەپتۇ»كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن بولىدىغان يۇمۇر ئىكەن دىيىشتى شۇنداق قىلىپ سورۇن تازا ئەھجىگە چىقتى.نۆۋەت ئالىمغا كەلدى ئۇ قولىغا گىتتارنى ئالدى-دە،ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.
ئىگىز-ئىگىز تاغ بېشىدا،
قاتار-قاتار تال تېرەك .
ھايات يولى مۈشكۈل سەپەر ،
كۆپ سىناشقا دوستلار كېرەك.
دوستۇم دىمە سەن ئالدىراپ،
دوستۇڭ بولاي دىگەنلەرنى.
سۆزى شىكەر دىلى زەھەر،
ۋىزدانى پەس نامەردلەرنى.
مانا شۇنداق قىلىپ سورۇن بارغانچە جانلىنىپ ناخشا ئاۋازى بىلەن كۈلكە -چاقچاق ئاۋازى گويا ئىتنىڭ ئۈچۈيىدەك تار كەتكەن بۇ جىلغىنىڭ تۈندىكى جىمجىتلىقىنى بۇزىۋەتتى.ھەر كىم ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى .ئەتىدىن بېرى كۈلۈشتىن باشقىنى بىلمەي ئولتۇرغان تۇرسۇن چوڭ تۇيۇقسىزلا:
-كۆپ چىلىك ئەتىدىن بېرى ناخشىمۇ ئېيتتۇق،يۇمۇرمۇ سۆزلىدۇق.ئالىم بىزگە بىر شېئر ئوقۇپ بەرسە قانداق ؟دەپ سۆز باشلىدى.ھەممە بىردەك قوشۇلدى.ئالىم سەل مەغرۇر قىياپەتتە رومكىنى تۇتۇقىنىچە كۆپ چىلىككە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن شېئرنى باشلىدى:
مەسجىتلەر ئاۋاتتۇر مەيزىنى بىلەن،
چىرلايدۇ بارچىنى ئەزىنى بىلەن.
مەيزىنغۇ ئەزەلدىن زىناخور نەسە،
ئوۇنايدۇ جالاپنىڭ ئەرزىنى بىلەن.
ۋەيت ھەممە كۈلۈشتى ۋە مانا شېئىر دىگەن موشۇنداق بولمامدۇ ؟دىيىشتى بىر ئېغىزدىن .شۇ ئەسنادا سايرىغان تېلىفون ھەممىنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرۇۋەتتى.ئالىم تېلىفونىدىكى نومۇرغا كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيى گۈل قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى-دە،ئورنىدىن تۇرۇپ:
-ھۆرمەتلىك ساقى بىر مىنۇت رۇخسەت تېلىفون ئېلىۋالاي دىگىنىچە سىرتقا قاراپ چاپتى:
- ۋە ھە تومۇچۇقۇم بارمۇ سەن دىگىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى.قارشى تەرەپتىن بولسا بار ئۆزىڭىز كۆرۈنمەيسىزغۇ؟دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئۇ ياتاق ئىشىكى ئالدىدا سۆزلۈشۈشكە باشلىدى.
-ھە يوقاپلا كەتتىڭغۇ سېغىنمىدىڭمۇ؟
-سېغىنمامدىغان شۇڭلاشقا تېلىفون قىلىۋاتىمەنغۇ.سىزنىڭ خىيالىڭىزغىغۇ كىرىپ چىقمايدىغان ئوخشايمەن بىرەر قېتىممۇ تېلىفون قىلمايسىز.
-ئۆيۈڭدە ئېرىڭ بارمىكىن دەپ قىلالمىدىم .
-شۇنداقمۇ جېنىپ ئەمىسە كەلمەمسىز؟ئېرم بۈگۈن يۇرتقا كەتتى بىر ئايدىن كېيىن كېلىدۇ.
-ئەجەپمۇ ياخشى ئەمدىزە-تازا قانغۇدەك...ھى...ھى
-ساراڭ.تېزراق كېلىڭ.
-ھازىر ياتىقىمدا ئادەم بار بىر ئازدىن كېيىن باراي .
-قايسى سەتەڭ بار ئىدى؟
-نەدىكى سەتەڭ بولاتتى مەھەللىدىكى بالىلار قىلىدىغان ئىش يوق ھاراق ئىچىۋاقتاندۇق.
-ئەمىسە بالدۇرراق كېلىڭ سىزنى ساقلايمەن.ھە راست قانداق تاماق يەيسىز ؟
-تاماق ئەمەس سىنى يەيمەن.
-ساراڭ ئەمىسە ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالماڭ ھېلقى كۈنىدىكدەك« گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق» ئىش بولۇپ قالمىسۇن.خوش يولىڭىزغا قارايمەن.
ئۇ ئەمدىلا ياتاققا قايتىپ كېرىشىگە ھەممە بىردەك ئەيىپلەشكە باشلىدى ۋە جازا ھارىقىنى ئىچكۈزۈشتى.شۇنداق قىلىپ سورۇنمۇ ئاخىرلاشتى ھەممە ئەس-ھوشۇنى يوقۇتۇشقان ھالدا ئىگىز-پەس دەسسىشىپ قايتىشتى.ئەتىدىن كۆپچىلىكنىڭ تېزرەك قايتىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئالىم خۇددى ئەمدىلا ئايىقى چىققان بالىدەك قازاق مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرىق پەقەت ئۇلا شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ غېمىدە تېمىسقىلاپ يۈرمەكتە.دەرۋازىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشى مەھەللىنى بىر ئالدى ئىتلار قاۋاشقا باشلىدى.
-ئاچە ئىشىكنى ھوي تومۇچۇقۇم...بىر ھازادىن كېيىن ئۆي تەرەپتىن كىم دىگەن زىل ئاۋاز ئاڭلاندى .
-مەن بولمامدىمەن نىمانچە ئۇزۇنغىچە ئاچمايسەن؟ يا باشقا بىرى بارمىدى؟
-ۋويەي نىمە دەيدىغانسىز جېنىم سىزنى چاقىرىپ قويۇپ يەنە باشقىلارنىمۇ چاقىرىپ يۈرمەسمەن ئەمدى ھەر قانچە بولساممۇ...ئىشىك ئېچىلدى.پەرىدە دەلدڭشىپ ئارانلا تۇرغان ئالىمنى قۇچاقلىغىنىچە خۇددى مۈشۈكتەك يالاشقا باشلىدى ۋە دەرۋازىنى قۇلۇپلىغاندىن كېيىن يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى ۋە كىرىسلودا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ بىر لېگەن پىشۇرۇلغان گۆش بىلەن بىر پىيالە شورپىنى شىرە ئۈستىگە قويغىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى.
-جېنىم ئازراق ئىچىڭ ئۆيدىمۇ بار دىگەندىمغۇ؟ئۆتكەن نۆۋەتمۇ بەك مەست بولۇپ كېتىپ ھېچ ئىش قىلالماي ئادەمنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلدىڭىز.ئۇنى ئاز دەپ ھاقارەتلىدىڭىز.بۈگۈنمۇ يەنە مەست بولۇپ كېتىپسىز.
-كىم مىنى مەست دەيدۇ مەست بولمۇدۇم بۈگۈن سېنى تازا بىر قادۇرۇپ قويمىغىمىننى كۆر مانا قاراپ باقە موللاھاشىم ياتمايۋاتىدۇ .
-ئەمىسە شورپىنى ئىچىڭ مەستلىكىڭز يېشىلىدۇ .
-ھاراق ئەكەل ھاراق مەن يەنە ئىچىمەن.
ئامال قىلالمىغان پەرىدە ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى-دە،بىر ئىستاكانغا تولدۇرۇپ قويۇپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ،ئازراق قۇيۇپ ئالىمغا تۇتتى.شۇنداق قىلىپ يەنە ھاراق باشلاندى .بىر ھازادىن كېيىن پەرىدە ئالىمنى يۆلىگىنىچە كارىۋات يېنىغا ئېلىپ باردى-دە،يىشىندۈرۈپ يوتقان يېپىپ قويۇپ تەييار بولۇپ يوتقانغا كىردى بىراق ئالىم ھېچ ئىش بولمىغاندەك خورەككە چۈشتى .ئۇ بىر دەم ئۇ يەرنى سىللىسا بىردەم ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە خۇددى ئاچ قالغان بۆرىلەردەك سۆيۈشكە باشلىدى بىراق ھېچقايسىسى كارغا كەلمىدى ئامال قىلالمىغان پەرىدە يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىققىنىچە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە كىرىسلودا ئولتۇرۇپ تەنھا ئىچىشكە باشلىدى ئۇ ئۆز -ئۆزىگە نىمىلەرنىدۇر پىچىرلايتى ،ئۈمىد سىزلىنەتتى.
مانا ئۇ بىر تەرەپتىن ھاراق ئىچكەچ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى:
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈب كەل يايرىم،
تاڭنا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق.
تەنھالىققا كۆنمەيمەن ئەمدى،
جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاغزىغا كەلگىنىچە توۋلاپ بوتۇلكىنىمۇ قۇرۇغداپ قويدى.ئۇ ئەمدى بىر پارچە گۆشنى كېسىپ ئاغزىغا سېلىشىغا .
-كىم بۇ ساراڭدەك توۋلاپ ئادەمنى ئۇخلاتمىغان .چىقە ياتاقتىن ئۆيۈڭگە بېرىپ چالۋاقا!»دىدى ئالىم مەستچىلىكتە .
-ھەي ساراڭ بۇ سىنىڭ ياتىقىڭ ئەمەس مىنىڭ ئۆيۈم ،دىگىەنىچە خۇشاللىقىدىن ئالىمنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى-دە،يەنە ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سۆيۈشكە باشلىدى.ئالىم سەل يېشىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ خېلى ئۇزۇن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئىش ھۇجۇتقا چىقمىدى.پەرىدە گويا ئاچ قالغان بۆرىدەك ھەر خىل ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا نا ئۈمىدتە قالدى شۇنۇڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن :
-«ھوي كارغا كەلمەس لاتا »دىگەن گەپ چىقىشقا باشلىدى.
-نىمە دىدىڭ ھېلى بىكار ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
-نوچى بولساڭ شۇنداق قىلىپ باقە مەن رازى دىگىنىچە ئۈستەلدىكى گۆشكە سانجىقلىق تۇرغان پىچاقنى ئالىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزد-دە،مانا مايەرگە دىگىنىچە كۆك سىنى تەڭلىدى:
ئالىم مەستچىلىكتە پىچاقنى شۇنداق بىر ئىتتىرىۋىدى.
-ۋايجان دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ پەرىدە ئالىمنىڭ قۇچىقىغا يېقىلدى.نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ئالىم قۇپە دىگىنىچە بىرنى ئىتتىرىۋىدى ئۇ ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتى .ۋە سول كۆكسىدىن بۇقۇلداپ قان چىقىشقا باشلىدى.ئىشنىڭ چاتاقلقىنى سەزگەن ئالىم كىيىنىپ بولۇپ يوتقاننى ئۇنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغاندىن كېيىن ئاسىتىغىنە ئۆيدىن غايىپ بولدى.
007