لەخمەندىن چىققان سېرىق چاچ
ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم «ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ» دەپ، تاماققا ئېغىز تېگىپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن قاتتىق خىجىل بولدۇم. بۇنداق قىلسا، ساھىبخانلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يالغان سۆزلەۋاتاتتى. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىن ئالىيىپ قاراپ قويدۇم. دەل شۇ چاغدا مەن يەۋاتقان لەڭمەننىڭ ئارىسىدىن بىر تال سېرىق چاچ چىقىپ قالدى! شۇنىڭ بىلەن «تېخى ھېلىلا ئىككى چىنە چۆچۈرە ئىچىۋاپتىكەنمەن» دەپ گەپ ياساپ، تاماق يېيىشتىن مەنمۇ توختىۋالدىم. چۈنكى، لەڭمەندىن چىققان ھېلىقى سېرىق چاچ كۆز ئالدىمغا كەلسىلا، كۆڭلۈم ئېلىشقاندەك بولاتتى … |