1.قىزىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر قىزغىن ئەمما ئاچچىقى يامان كىلىدىكەن . 2.كۆك رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەر جىمجىتلىقنى ،يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدىكەن. 3.يېشىل رەڭنى ياقتۇرىدىغان ئەرلەرئېھتىياتچان سالماق ، پەزىلەتلىك بولۇپ ،ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىدىكەن . 4.ئاق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ئەسەبىي (سەپرا )،ئەمما لىرىكا يارىتىشقا ماھىر كىلىدىكەن . 5.سېرىق رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر ئوچۇق-يورۇق،ئەمما ئازراق بالا مىجەز كېلىدىكەن . 6.چېچىغا ئايالاردەك كۆيىنىدىغان ئەرلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ،پەلپەتىش ،خەقنىڭ رايىغا بېقىشنى خالىمايدىكەن . 7.چوققىسىدا چېچى قالمىغان ئەرلەر ئۆزىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن ، بىراق باشقىلارنى كۆپرەك ئويلايدىكەن . 8.گۆش بىلەن ياڭيۇغا ئامراق ئەرلەر تۇراقلىق ،ئىشەنچىلىك بولىدىكەن .ئەمما تەچەككۈلچىلىكنى خالىمايدىكەن. 9.گۆشسىز تاماققا ئامراق ئەرلەر مۇلايىم ،زىل كېلىدىكەن .باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدىكەن .ھەم بەك سەزگۈر بولىدىكەن . 10.مېۋىگە ئامراق ئەرلەر باشقىلارنى خوشال قىلىشقا ماھىركەن . 11.ھاراققا ئامراق ئەرلەر قۇسۇرچى بولۇپ ، باشقىلارنى خۇش قىلالمايدىكەن ، ھەم ئايالىغا تەلەپنى قاتتىق قويىدىكەن . 12.ماشىنىسى ئىككى سائەت توسۇلۇپ قالسىمۇ مىت قىلماي ئولتۇرىدىغان ئەرلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ ، بۇ خىلدىكى ئەرلەر بىر بولسا غىلجىڭ ، بىربولسا بىكارچى . 13.سورتلۇق ئاياغ كىيىپ ،پاكىز يۈرىدىغان ئەرلەر كۆپىنچىسى غورۇرلۇق ئەرلەر بولىدىكەن . بىرەر ئىشتا پىرىنسىپچان بولىدىكەن . ئانىسىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايدىكەن . 14.جانبازلىق تۈرىدىكى كىنولارنى كۆرۈشكە ئامراق ئەرلەر ئۆزىگە چۈشكەن بېسىمنى يۇمۇر بىلەن بوشاشتۇرالايدىكەن . ئاچچىقىنى باشقىلاردىن چىقارمايدىكەن.بىراق مۇھىمراق ئىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. 15.كىتاب كۆرۈشكە ، ناخشا-مۇزىكىغا ئامراق ئەرلەر ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىكەن ، ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا تەرتىپ بويىچە قىلىدىكەن .سالاپىتىگە ۋە مۇھەببىتىنىڭ سۈپىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن . كۆردىڭىزمۇ ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلاردىن ، خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ، ئۈزىڭىزنىڭ ياكى ئەتراپىڭىدىكىلەرنىڭ مىجەزىنى بىلىۋالالىدىڭىزمۇ ؟؟! <script type="text/javascript"> u_a_client="13"; u_a_width="600"; u_a_height="60"; u_a_zones="65"; u_a_type="0"; script> <script src="#" type="text/javascript">script>(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |