سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-05-22 17:20مەنبە: يازغۇچى:ياخشىلىق زىيارەت سانى: قېتىم

 

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە

 

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

 

  دۇنيادا مۇئەييەن تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىنىڭ بارلىقى بىلەن مەۋجۇد. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمنى ئالەم قىلغان ئاشۇ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىدىن ئىبارەت ئۈچ قېرىنداش. پاكىت شۇكى، تۈنۈگۈن ــ بۈگۈننىڭ ئانىسى، بۈگۈن بولسا، ئەرتىنى تۇغىدۇ. شۇڭا بۈگۈننىلا تونۇپ، ھازىرنىلا ئويلاپ، تۈنۈگۈننى قارىلاش، ئەرتىنى قارغاش ئاقىللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  بەزىلەر: «تۈنۈگۈن ــ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ئۇنتۇپ كېتىڭ» دەيدۇ. بىراق ئالدىڭغا قاراپ باق، ئەنە ئاشۇ سەن سۈپسۈزۈك سۈيىنى ئىچىۋاتقان قۇدۇق بۈگۈنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنى دەسلەپ سېنىڭ بوۋاڭ كورلىغان. كېيىن داداڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىرىنى ئېلىپ، كۆزىنى قايتىدىن ئاچقان. ھالبۇكى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېلىپلا مەزكۇر قۇدۇقنى كورلىغۇچىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولامدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟! دۇرۇس، سەن دېگەندەك بوۋاڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشىغان، ئەجدادىڭ بۈگۈن سەن ئېرىشكەندەك ئوچۇقچىلىققا، يورۇقلۇققا مۇيەسسەر بولالمىغان بولغىيدى. بىراق، ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ بوۋاڭ، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە نىشانسىزلا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ يەردە ئۇ «ھالال ئەمگەك» ماركىلىق ھايات مەشئىلىنى يورۇتقان، ئىجاد مېتىنى بىلەن جاھالەت ئۆڭكۈرىنى تېشىپ، بۈگۈنكى ئوچۇقچىلىق ۋە يورۇقلۇققا يول ئاچقان.

  راست، داداڭنىڭ نادانلىق تۈنىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمۇ باردۇ. بىراق، ئۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رايى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سادىر قىلغان ئاداققىي گۇناھى ئەمەس، ماقۇل، ئۇ شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانمۇ بولسۇن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان تەجرىبىسى ھېچبىر ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ؟

  تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك. تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە خەزىنىسى. ھەتتا، تۈنۈگۈنكى ئەلەم، جاپا ۋە قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ بۈگۈن ئۈچۈن تىلغا ئېلىش، ئەسلەش، ساۋاق ئېلىش، ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە. چۈنكى، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق بۈگۈنكى غالىبىيەتنىڭ ئۆز ئانىسى، تۈنۈگۈنكى جاپا-مۇشەققەت بولسا، بۈگۈنكى راھەت-پاراغەتنىڭ ئىبرەت تانىسىدۇر. دەرۋەقە، «يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى» چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىپ، «يىللارنىڭ ئۆمۈرنى ئوغرىلاپ، ئارقىسىغا قارىماي يورغىلاپ مېڭىپ، ‹ھايت-ھۇيت› دېگۈچە قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال سوۋغا قىلىۋېتىدىغان» ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈن تولىمۇ قەدىرلىك، تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. خۇددى مۇتەپەككۇر لى داجاۋنىڭ: «بۈگۈن ــ ھاياتتۇر. بۈگۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، بۈگۈن ــ ئىجادىيەتتۇر. مېنىڭچە، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بۈگۈن، ئەڭ ئاسان مەھرۇم بولىدىغان نەرسىمۇ بۈگۈن. ئۇ بەك ئاسان قولدىن كېتىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەڭ قىممەتلىكتۇر» دېگىنىدەك. شۇڭا، بۈگۈننى قەدىرلەش، بۈگۈننى ئۇلۇغلاش، ئىمكان قەدەر بۈگۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

  بۈگۈننى قەدىرلەش ئىش يۈزىدە، بۈگۈندىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىتنى، بۈگۈنكى ئەمگەكنى ۋە بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۈگۈنكى ۋاقىت قەدىرلىك، چۈنكى، ئۇ تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئەرتە مەۋجۇد بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۈگۈننى ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن ئۆتكۈزمىسەڭ، بۈگۈننىڭ كۈنى تاغنىڭ كەينىگە پاتقاندا، ئەپسۇس لېۋىڭنى ھەسرەت چىشىڭ بىلەن چىشلەپ قالىسەن.

  بۈگۈنكى ئەمگەك قەدىرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈننىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش جانلىنىدۇ، شۇڭا، سەنمۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئەمگەك قىل، بۈگۈنكى ئەمگەكلەرنى قەدىرلە. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيىتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلغان بولىسەن.

  بۈگۈنكى ئادەملەر قەدىرلىك. چۈنكى، بۈگۈنكى ھايات مۇشۇ بۈگۈن ياشاۋاتقان سەن، مەن ۋە ئۇلار بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلە، بوۋاڭ ئېيتقان: «ئۆلگەندىن كېيىن ‹ياسىن› ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ نەق شۇ.

  بىراق، بۈگۈننى قەدىرلەش ھەرگىزمۇ كەينىدە تۇرغاننى تېپىش، ئالدىغا كەلگەننى چىشلەشنىڭ باھانىسى، ھەممىنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشنىڭ نەزەرىيە دەستىكى، «بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەرتىگە خۇدايىم بار» دەيدىغان ھورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلەش تۇمارى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، يەنە سەمىڭگە سالاي: بۈگۈننىڭ ئانىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈندىن تۇغۇلۇر ئەرتە ھەم ئۆگۈن! بۇ ئالەم مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كېلەچەك مەۋجۇد، ئەرتە مەۋجۇد. ئىنسانلار ئەقىل ۋە ئاڭ كۈچى ئارقىلىق، مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇلاردا كېلەچەكنى كۆزلەش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىش يۈزىدە، ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ چېكىنى ئەبەدىيلىك، ئېنىق ئايرىغان. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق رەڭدار، كۆركەم ۋە مۇشۇندق قوۋناق ھالغا كېلىشى ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلاردىكى ئاشۇ كېلەچەكنى ــ ئەرتىنى كۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ سەمەرىسى.

  ئەرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مىڭ تۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئەۋزىلى ئۇنىڭ بۈگۈندىنمۇ ياش، رەڭدار ۋە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بولۇشىدا. تۈنۈگۈن بولۇشى ئەقىلغا سىغمايدىغان، بۈگۈنمۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈرلۈك تۈمەن مۆجىزاتلارنىڭ ئەرتە مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن. مانا بۇ - كېلەچەكنىڭ نېمەت مەۋقەسى؛ مانا بۇ - ئەرتىنىڭ قىممەت مەنبەسى. شۇڭا، ئەرتىگە تەلپۈن، ئەرتە ئۈچۈن چېلىش، شۇنداقلا، ئەرتىدىن نېسىۋە كۆرۈشكە تىرىش!

  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىلەردە يېگانە خاسىيەتلەر جىلۋە قىلىدۇ: تۈنۈگۈن ــ ئەڭ ئەستلىك؛ بۈگۈن ــ ئەڭ قىممەتلىك؛ ئەرتە بولسا، ئەڭ جازىبىلىك ۋە سېھىرلىكتۇر.

  بۈگۈننىڭ قۇياشىنى كۆرۈپلا تۈنۈگۈنكى كۈننى تىللىما، تۈنۈگۈنكى كۈن بۈگۈنگە سېلىشتۇرغاندا ھەرقانچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ساڭا ھايات بېغىشلىغان داداڭ بىلەن بوۋاڭنىڭ قەدەم ئىزلىرى بار. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، شۇ ئىزلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنگە ئۇلاشقان يول بولمىغان بولاتتى.

  بۈگۈنكى نەتىجە، شاراپەت ۋە سائادەتلەر بىلەن مەست بولۇپ كېتىپ ئەرتىنى ئەرزىمەس چاغلىما؛ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن مەيۈسلىنىپ، تەركىيدۇنياچىلىق كەمىرىنى بېلىڭگە باغلىما. دۇرۇس، بۈگۈن بىلەن ئەرتىنى - كېلەچەكنى سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ئەرتىنىڭ قۇياشى بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پارلاق؛ ئۇنىڭدىكى ھايات بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ قايناق. ئۇنىڭ سەندىن تەمە قىلىدىغىنى تىرىشچانلىق، ھالال ئەمگەك ۋە غەيرەت؛ ساڭا ئاتا قىلىدىغىنى بولسا، ئۈمىد، پۇرسەت ۋە كۆڭۈلدىكى نۇسرەتتۇر!

 

 

(«شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ 1994-يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى)

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(2)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !