ئۇرۇش بەزىدە چوڭ بىر تارىخىي كۈچۈنىشنىڭ بەلگىسى بوپقالىدۇ. ئومۇمەن، ئۇ، كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ھالدىكى ئىجابىي ياكى سەلبىي ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇرۇش مەنزىرىسى ئاپتور قەلبىدىكى باتۇرلۇق، تەۋەككۇلچىلىك، پىداكارلىق كەبىي ھەيۋەت خارەكتىرىدىن كېلىدىغان گۈزەللىككە بولغان سېغىنىشىنى ئىزھارلاپ بېرىدۇ. روماندىكى غېنى باتۇر ھېچقانداق ئىجتىمائىي نىزام ۋە ئىسكەنجىدىن تەپتارتمايدىغان، قارام كىشى بولۇش بىلەن بىرگە مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق، ساددا - تۇز. ئۇنىڭ باتۇرلۇقى بىر قارىسا تومتاقلىققا ئىگە، نېرى - بېرى ئىشلارنى ئانچە ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ؛ يەنە بىر قارىسا، ناھايىتى ئىنچىكە، ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق تەبىئىتى كۆتۈرەلمەيدىغان تەڭسىزلىكلەرنى ۋە قازائى - قەدىرلەرنى كۆرسە، كۆزىگە ئاسانلا ياش ئالىدۇ، ئۇ يەنە خەلقىنڭ غۇرۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىشلاردا سەزگۈرلىكىنى يوقاتمايدۇ. غېنى باتۇر ۋىجدان يولىدىكى جەڭچى، شۇنداقلا خوتۇنپەرەس. بۇ، جىسمانىي كۈچ تېمىپ تۇرىدىغان باتۇرلاردا كوپ كۆرۈلىدىغان خۇلق دىئالېكتىكىسى. ئاپتور غېنى باتۇرنى ھەممە پەزىلەتنى ئوز ئىچىگە ئالغان، ئادىمىيلىكتىن يىراق بولغان سۇنئىي ئەۋرىشكىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىغان. مېنىڭچە، غېنى باتۇرنىڭ قىزىققان، قەيسەر، ئىشقىباز خاراكتېرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھاياتىي كۈچىنى سەمىمىي، چىن رەۋىشتە يارقىنلاشتۇرغان. شۇنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەككى، غېنى باتۇردىكى خوتۇنپەرەسلىك ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋردىكى ئېتىقاتسىزلارچە سۇيۇقلۇق ئەمەس، ئۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى ئەينى دەۋر كىشىلەرگە ماس ھالدا ھايالىق ۋە ئىنتىزاملىق ئىدى. زوردۇن سابىر ئاكا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى ۋە شۇ چاغدىكى جامائەت ئەخلاقىنىڭ نادىر ئەسىرى بولغان غېنى باتۇر ئۇچۇن ئاجراتقان سەھىپىلىرىدە بىر يازغۇچىغا خاس زوقمەنلىكىنى روشەن گەۋدىلەندۇرىدۇ. ئۇ گويا غېنى باتۇرنىڭ قورقماس خاراكتېرى ۋە خوتۇنپەرەسلىكىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەندەك تەسىرات بېرىدۇ. يازغۇچىنىڭ سۆيىدىغىنى ئىنسان، ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ دەرىجىسى ۋە تەبىقىسى ئەمەس. يازغۇچى ئۆزى مەستانە بولغان گۈزەللىكنى، ئىشەنچ ۋە ئېتىقادنى، ئالىي نىشاننى ھەتتا ﷲغا بولغان ئىلتىجاسىنى ئىنساندىن بايقايدۇ؛ شۇنىڭ ئۇچۇن يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈملۈك، زوردۇن سابىر ئاكا شىڭ شى سەيدەك جاللاتلاردىن ئەقىدە جەھەتتىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوز قەۋمىنىڭ يىراق مەنپەئەتىگە سادىق تەرەپلىرىنى يوشۇرماي كۆرسىتىدۇ. تارىخىي شەخسلەرنىڭ ساۋاقلىرىغا جىددىي قارايدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىبرەت. روماندىكى سۇلايمىنوف تىپىك سەلبىي تۈس ئالغان، لېكىن ئاپتورنىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۇنى ئىنسان سۈپىتىدە ئاقلاپ چۈشىنىشمۇ مەۋجۇت. دېمەك، يازغۇچى مەيلى سۆيۈملۈك بولسۇن ياكى يىرگىنچلىك بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھەربىر پېرسوناژىنى ئىنسان سۈپىتىدە چۈشەنمىگەندە، ئەدەبىياتنىڭ چىنلىقى زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. زوردۇن سابىر ئاكا ئۆزىنىڭ ھايات ھەققىدىكى قىممەت قارىشىنى قانداقتۇ بىر قانچە تىپىك پېرسوناژغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويمىغان، بەلكى ئۇ روماندىكى چوڭ - كىچىك بارلىق ئېلېمىنىتلارنىڭ تەكشى سىڭدۇرەلىگەن. شۇڭا، بىز روماندىكى كىچىك ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە لىللا چۈشەنچىسىگە كېلەلمەيمىز. بۇنداق ئەھۋال تولىستوي، دوستويەۋىسكىي رومانلىرىدا تازا ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، رۇس پروزىسىدىكى ئوبراز يارىتىش مېتودلىرىنىڭ زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قەلىمىگە بولغان تەسىرىنى يۇقىرىقى تەرەپلەردە خېلى ئېنىق كۆرەلەيمىز. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدا ئۇسلۇب جەھەتتىن شەرقچە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياچە پۇراق خېلى كۈچلۈك. بۇ رومانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋ. گ. ياننىڭ «چىڭگىزخان» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تەمىنى ئەسلەپ قالىمىز. مۇھەممەت ئىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |