تىل ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە ئوز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە سىنتېزلاش شەكلى، شۇنداقلا شۇ مىللەت ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ كىرىستالى. دېمەك، تىل بىر مىللەتنىڭ ئاڭ فورمىسى. ئايتماتوف رۇس تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قىرغىز ئەدىب سۈپىتىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ئۆزىدە تىپىك نامايان قىلدى. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بېكىتىپ بېرىلمەيدۇ. مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ ئەسەرنى ياراتقان خەلقنىڭ دۇنياۋى ئورنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بىر مىللەتنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى بېكىتىدۇ. بىز «ئانا يۇرت» نى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى«تىنچ دون» دىن ئىزدىمەيمىز، بەلكى ئانا يۇرتنىڭ ئۆزىدىن ئىزدەيمىز. «يۇرت»، «ۋەتەن» چۇشەنچىلىرى نوقۇل تېررىتورىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ۋەتەن دېمەك مۇئەييەن ماكان - زاماننى بىرلىك قىلغان خەلق روھىدۇر. ئۆز روھىدىن مۇستەسنا ھالدا بىر قەۋم خەلق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالمايدۇ، دېمەك خەلق دېگەن ئۇزاق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە روھنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى. شۇنداق ئىكەن، خەلقتىن ۋە خەلق روھىدىن مۇستەسنا ھالدىكى تېررىتورىيە ئەنە شۇ خەلققە تەۋە مۇكەممەل ۋەتەن بولالمايدۇ. «ئانا يۇرت»نىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىي ئۆلچەملىرى دەل مۇشۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن خەلقنىڭ تەقدىرى، خۇلقى، دۇنيا قارىشى ھەمدە ئاجىزلىقىدىن ئىشلەپچىقىلىدۇ. ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ياتىدىغان بۇنداق پۈتۈن مېھنەت بىزدە تەرى روياپقا چىقمىدى. لېكىن، بىز قەدىمىمىزنى ئوز چىقىش يولىمىزغا قاراپ ئارتقۇزۋېرىمىز، بىزنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدىغان نەتىجىلەر ئاشۇ تىنىمسىزلىقنىڭ پىشقان بىر نۇقتىسىدا كىراي ئاچىدۇ. بىز قاچاندا ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىلەرنى ئۆلچەيدىغان مۇستەقىل قىممەت ئۆلچىمىمىزنى زامانغا لايىق ھالدا قۇرۇپ چىقالايدىكەنمىز، خۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزىمىزنى ئوز ئىلكىگە ئالغان ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق روھىي ۋە ماددىي بايلىقى ھالال ھەم بىمالال رەۋىشتە بىزگىمۇ مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ تراگېدىيىلىك تارىخ ئەسلىمىسىدىكى گاڭگىراشلار تەكرار يۈز بېرىدۇ. «ئانا يۇرت»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشى تەبىئىي ھالدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زىمىن» رومانلىرىنى ئەسلەپ قالىدۇ. تارىخنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدىكى ۋەقە يەنە بىر دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن باغلىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقە باشقا بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ سەۋەبى بولۇپ چىقىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر «يۇرت» دېگەن ئۇقۇمىغا مەركەزلەشكەن ھەيۋەتلىك بىر پۈتۈن تارىخنىڭ پائالىيەتچان ئوبرازىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. بىز ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ رومانلىرىدىن تومۇر خەلىپە، خئۇجىنىياز ھاجى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشاش ماھىيەتتىكى پاجىئەسىنى كۆرىمىز. ئۆتكۈر ئاكا «ئويغانغان زىمىن» رومانىنى تاماملىغاندا، ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى كەلگۇسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ يېزىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ۋەھالەنكى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنە شۇ ئىنقىلابلارنىڭ بەدئىي ئەينىكى بولغان «ئانا يۇرت»نى ئوقۇپ، تارىخ ھەققىدىكى مۇرەككەپ ئويلارغا گىرىپتار بولۇپ تۇرۇپتىمىز. تېما ئىزكىللىقى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «ئانا يۇرت» بىر تارىخىي رومان سۈپىتىدە «ئويغانغان زېمىن» نىڭ داۋامىدۇر. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنىڭ بايان ئىستىلى رۇس پروزىلىرىنىڭ تەسىرىگە خېلى روشەن يولۇققان بولۇپ، تەبىئەت ۋە ئۇرۇش ھەققىدىكى تەسۋىرلەر سالماق، ۋەزمىن تۈس ئالغان. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ شىخو، جىڭ قاتارلىق جايلارنى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش جەريانىدىكى ئۇرۇشى كۆز ئالدىمىزدا ھەيۋەت، سۈرلۈك قىياپەتتە نامايان بولىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ بۇرۇقتۇرما ھاۋاسىدا شەلۋەرىگەن جاراھەت. بەزىدە بۇ جاراھەتتىن تارتۇق، ۋە بەزىدە جانغا بېرىپ تاقىلىدىغان زەرداب قالىدۇ. ئۇرۇش تەڭسىزلىكنىڭ رەھىمسىز تاپىنىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەرگە قانچىلىك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئەكەلمىسۇن، ئۇلار ئۇچۇن بۇ كۆپ ھاللاردا ئاخىرقى تاللاش بوپقالىدۇ. بەزىبىر، ساختا تىنچلىق ئاستىغا كۆمۈلگەن ھاقارەتتىن ئۇرۇش ئوتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. خورلانغانلانىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن لەززەت تاپىدىغان شىجائەتلىك يازغۇچى ئۇچۇن ئېيتقاندا، ئۇرۇشمۇ بىر سەنئەتكە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇرۇشمۇ ئوز نۆۋىتىدە كۆپ نەرسىلەرنى يېڭىۋاشتىن يارىتىشقا قادىر. لېۋ. تولىستوي، مىخائىل شولۇخوف، ھېڭماۋېي ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش بىلەن دىققەتكە سازاۋەر. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا جەڭنامىلەر خېلى كوپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ، ئاشۇ خىل تېمىدىكى يازما ئەدەبىياتىمىز ئۇچۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ھازىرلىغان. «ئانا يۇرت»تىكى ئۇرۇش تېمىسى بىزدە ئۇنتۇلۇپ كېتەي دېگەن جەڭنامە ئەدەبىياتىنىڭ زامانىۋى ۋارىيانتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |