....غا مەن بىلەتتىم بىلەتتىم ئاخىر، توزۇپ توزۇپ تۈگەيتى ئاق قار. گەرچە گۈللەرئىچىلغان بىلەن، مەڭگۈلۈكمۇ ئەمەستى باھار.
ناخشىنىڭمۇ تۈگەيتى ئەۋجى، كىتەر يىراق ناخشىچى تەنھا. ئۈزۇلەتتى تارىسى كۈينىڭ، قاناپ كەتكەن بارماقلار ئارا.
شۇنداق سەنمۇ ئەيىپلىك ئەمەس، مەنمۇ ئەمەس ئۇنچە بىۋاپا. ئىككى سايە كەلدى يىقىنلاپ، كەتتى يەنە بۈلۈشتى بۆلەك.
بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭى قالدى، بىر باھارنىڭ بىر تال چىچىكى . ئاندىن ھەممە نەرسە يوقالدى ، قالدى لىكىن ئاشىق يۈرىكى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |