ھەقىقىي يازغۇچى باشقىلارنىڭ ھەرخىل غەرەزدىكى تەنقىدلىرى ۋە ماختاشلىرىغا قاراپ تۇرمايدۇ، ئۇ ئۆزى يورۇتۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھەقىقەتنى تاپقان كۈندىن باشلاپ، ئاشۇ ھەقىقەت ئۈستىدە مىننەتسىز قەلەم تەۋرىتىشنىڭ بىر خىل نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىنى ئوز - ئۆزىگە ئىشەنچ بىلەن جاكارلايدۇ. يېزىق شىرەسىنڭ ئالدىدا تۇن بويى چەككەن ئىزتىراپلار، تۆككەن ياشلار، ئېغىر پىكىرىي مېھنەتلەر ھېچكىم سەزمەيدىغان ئاجايىپ بەختىيارلىق تۇيغۇسىنى باشلاپ كېلىدۇ. يازغۇچىنىڭ مۇكاپاتى ئەنە شۇ يەردە. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ بۇ قېتىمقى ئەسىرى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىزدىنىشلىرىدىن كۆرە، تارىخىي ھەقىقەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى كۆپرەك ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى بىلدىغان بىر مۇقەددەس سۆزگە ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىغانىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئابىدىسىنى بىۋاسىتە ئۆزى تىكلەپ بولۇپ، بىز بىلەن خوشلاشتى. ئۇ، مۇشۇ رومانىنى يېزىش جەريانىدىكى سان - ساناقسىز رىيازەتلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئىلمىي ئىشلارغا يار - يۆلەك بولۇش ئەمەس، ھەتتا ھېسداشلىقمۇ ئاز ئۇچرايدىغان شارائىتتا، ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ بىز پەرەز قىلالمايدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇشى مۇقەررەر. زوردۇن سابىر ئاكا قولىمىزدىكى ئەسىر سوۋغىسى بىلەن تىرىكلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇ: بىزدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ھەققىدە نەزەرىيىۋى ئىزدىنىش باشلىنىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ۋە ئاكادېمىيەلەرنىڭ ئەدەبىياتخانلىرى تەتقىقاتنى ئۇنۋان ۋە ئىلمىي دەرىجىلەرنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالماستىن، مەسىلىلەر ئۈستىدە مەسئۇلىيەت بىلەن تەخىرسىز ئىزدىنىدىغان بولۇشى لازىم. نۆۋەتتە، تارىخىي ھەقىقەت توغرىسىدىكى بەدىئىي ئىنكاسلار پەلسەپىۋى ئىنكاسلارغا ئايلىنىش، شۇ ئاساستا مۇپەسسەل تارىخ ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى تارىخىي بىلىملەر تارىخ ئىدىيىسىگە ئايلانمىغاندا، تارىخنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، ئوتمۈشتىكى تارىخىي پاجىئەلەر يەنە تەكرارلىنىدۇ. مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2001 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى. (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |