«قۇم باسقان شەھەر» رومانى تارىخىي ھەقىقەتلەرنىڭ ئەپسانىلاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىشتە، ئۇيغۇر چۆچەكلەردىكى ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. يازغۇچى قانداق ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس يول تۇتىدۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئەسەرلەرگە نورمۇھەممەد توختى ئاكىنىڭ «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» (بۇ تارىخىي ھېكايە ژورنىلىمىزنىڭ 2000 - يىل 1 - سانىغا بيسىلغان. - مۇھەررىردىن) ناملىق ھېكايىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىساق، ئۇلار بەلگىلىك ئىجادىيلىق ۋە خاسلىققا ئىگە بەدىئىي يول بىلەن مۇنداق بىر سادانى ئاڭلىتىدۇ: ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئېنىق ھەل قىلالمىغان ۋە بۇ غايىنى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە پروگراممىلاشتۇرالمىغان ئىنقىلابنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولىدۇ. توشقاننى ھارۋىغا قاتسا، ھارۋىنى ئورمانغا تارتىدۇ، چاشقاننى ھارۋىغا قاتسا، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا تارتىدۇ. ئەگەر توشقان بىلەن توشقاننى بىرلا ۋاقىتتا ھارۋىغا قاتسا، ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىزدە ھازىرغىچە يېزىلغان تارىخىي رومانلار جاۋاب بېرىدۇ. ئوقۇرمەننىڭ سەمىگە سېلىپ ئۇتۇش زورۈركى، تۇرمۇش ھادىسىلىرىدىكى ھەقىقەتلەر، جۈملىدىن ئەدەبىياتتىكى بېشارەتلەر سەگەك پىكىر ئىگىلىرىگە ئايان بولىدۇ. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ئىنسان روھىنى ئارزۇ، ئىدراك ۋە غۇرۇردىن ئىبارەت ئۇچ تەركىبىي قىسىمغا بولىدۇ. ئارزۇ بىر ئادەمنى ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئىزدىتىدۇ، ئىدراك بولسا، بۇ ئىزدىنىشتىن شارائىتقا مۇناسىپ ھالدىكى ۋاستە ھەم ئۇسۇللارنى كەشىپ قىلىدۇ. ئىنساندا نان بولمىسا، نان ئارزۇغا ئايلىنىدۇ، ئەركىنلىك بولمىسا، ئەركىنلىك ئارزۇغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بەزىلەر نان كۈرىشىگە، بەزىلەر ھوقۇق كۈرىشىگە ئۆزىنى ئاتىغان بولىدۇ. بىر ئىنقىلابىي قوشۇن ئەنە شۇنداق ھەرخىل تىپتىكى ئارزۇ ئىگىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغانلىقى ئۇچۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسانغا خاس سۈپەتكە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراش ئىپتىدائىي ئادالەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ، نومۇس ھېس قىلىدۇ؛ ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرەلىسە، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىسە، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ، ئىپتىخارلىنىدۇ. مانا بۇ ئىنساندىكى غورۇردۇر. تارىخنى ئىنساندىكى يۇقىرىقى ئۇچ ئامىل يازىدۇ. لېكىن، تارىخنى يەكلەيدىغان بىر قىسىم ئالىي مەپكۇرىگە ئايلانغان غورۇردۇر. بىزنىڭ تارىخىي رومانلىرىمىزدا ئەكس ئەتكەن ئىنقىلابلار جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ياكى پىكىرىي تېيىزلىقىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. خەلق ئىنقىلابىنىڭ مەقسىتىدىن تارتىپ ۋاسىتىسىغا قەدەر ناقابىللىقنى ئىپادىلەپ كەلگەن. شۇڭا، مەقسەت ۋە ۋاسىتىلەر كوپ ھاللاردا باشقا يەرلەردىن ئىمپورت قىلىنغان. «باشقىلاردىن ئەكەلگەن نۇقتىئىينەزەر خەتەرلىك بولىدۇ» دەپ يازىدۇ ئەنگلىيە تارىخچىسى ئاكتون: «سەن باشقىلاردىن نۇقتىئىينەزەر ئەمەس، ئۇچۇر قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك. نۇقتىئىينەزەر خۇددى تەجرىبىگە ئوخشاشلا ئۆزەڭنىڭ بولۇشى كېرەك.» بۇ سۆزنى ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى نۇرغۇن پاكىتلار ئەمەلىي ھالدا ئىسپاتلايدۇ. ماۋزېدۇڭ ماركسىزم -لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك ئىجادىي روھنى ئىشقا سالدى. دېڭ شاۋ پىڭ غەربنىڭ ئىدىيىسىنى ئەمەس، بەلكى پەن - تېخنىكىسىنى كىرگۈزدى. ئۇيغۇر تارىخىي رومانلىرىنى بەدىئىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا يەتتى، دەپ قاراشقا تەرى بالدۇر، بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەريان كېرەك، بۇنىڭدا يازغۇچىلارنىڭ ئوز - ئۆزىنى تەربىيىلىشى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى كەيپىياتتىن قارىغاندا، كىشىلەر تارىخىي پاكىتلارنىڭ پەردازسىز ھالدىكى ئوبيېكتىپ تەرەپلىرىگە ئېھتىياجلىقتەك تۇرىدۇ. كىشىلەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇۋېلى ئەلى ئاكىلارنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ كاتتا ئىجتىھاتىنىڭ سەمەرىسى بولغان «ئانا يۇرت» رومانىنى ئىستىتىك ئېھتىياج ئۇچۇن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى تارىخىي ھەقىقەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئېھتىياجى ئۇچۇن زۆرۈر بىلدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە چەت ئەلدە سۈرگۈندە يۈرگەن يازغۇچى ئالېكساندىر سولزجەنىتسىن: «ئىنسان ئۇچۇن سەنئەت» دېگەن نۇتىقىدا، دوستويەۋىسكىينىڭ: «دۇنيا گۈزەللىك بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قان - ياش بىلەن تولغان ئۇزۇن تارىختا گۈزەللىك كىملەرنى قۇتقۇزدى؟ دەپ سوئال قويىدۇ. گۈزەللىك كىشىلەرنىڭ روھىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. - دەيدۇ سولزجەنىتسىن، - لېكىن گۈزەللىك ئادەملەرنى قانداقمۇ قۇتقازسۇن. دوستويەۋىسكىي بىلەن سولزجەنىتسىن ئىنسانىيەتنىڭ يىغىسىنى بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل يول بىلەن يىغلىغان بۈيۈك يازغۇچىلار. لېكىن جىددىي تارىخىي پەيتتە، گۈزەللىكنىڭ قۇتقۇزىشىغا قاراپ تۇرۇش ھەرقانچە تاقەتلىك ئىنساننىمۇ قىيناپ قويسا كېرەك. بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇنداق ئىككى يۈزلىنىش بولۇۋاتىدۇ: بىرى، شېئىرىيەت ئىنسان پىسخىكىسىدىكى پەۋقۇلئاددە نازۇك، مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى بارغانسېرى ئىچكىرىلەپ كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. شېئىرىيەت بۇنىڭغا شۇ قەدەر بېرىلىپ كەتتىكى، شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ تاشقى دۇنياسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە چولىسى تەگمىدى. ياش شائېرلار ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئىنسان روھىدىكى تۇغما زىددىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەنمەكچى بولدى. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تېما قىلىۋاتىمەن، دەۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم شائېرلار ھادىسىلەرنىڭ روھىي تەرەپلىرى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمىغان ھالدا تۇرمۇشقا قارىتا تەنقىدلىرىنى ئاممىباپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. شۇنداق قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ تەنقىدلىرى ئابسىتراكت بىر ئىنساننىڭ بىر خىل مۇئاقمدىكى ﷲ - توۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى. شائېر ھەرقانچە ئومۇمىيەتچىل بولىمەن دېسىمۇ، شائېرلىق ھېسىياتىدىن ئاجرىيالمايدۇ. بۇنى شائىرنىڭ ئۆزىدىكى خۇسۇسىيەت بەلگىلىگەن. يۈزلىنىشنىڭ يەنە بىرى، پروزا مىللىي پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن ماكرو مەسىلىلەرنى يەنى ئىنساننىڭ ئىككى دۇنياسىغا تاقالغان تاشقى تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۆپرەك تېما قىلدى. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرنى كۆپرەك ئۆزىگە تارتتى. شېئېرىيەت سۇبيىكتىپلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك تۇر بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىستىتىك ئىزدىنىشتە بولدى. پروزا ئوبيېكتىپ جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى يازغۇچى سۇبيېكتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تارىخىي، ئىجتىمائىي ئىزدىنىشتە بولدى. شېئېرىيەت بىر مىللەت ئەدەبىياتىدىكى ئىستىتىك ئىزدىنىشلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلدى. زورۈرىيەت مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان خەقلەرنىڭ پروزىسى ئاستا - ئاستا شېئېرىي يۈكسەكلىككە قاراپ ئوز - ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ كەلدى. زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ «ئانا يۇرت» ترىلوگىيىسىنى بىزدە يېزىلىۋاتقان تارىخىي رومانلار ئىچىدە بەدىئىي تۇسى نىسبەتەن يۇقىرى ئەسەر بوپقالدى. ئاپتور بەدىئىي تەلەپ بىلەن تارىخىي ئۇچۇر سىغىمچانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئەسەردىن قارىغاندا، ئاپتور تارىخىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ئۇچۇن ئاجايىپ كوپ ئەمگەك قىلغان ۋە ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشكە جىددىي ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تەرەپ بىزدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمەيدىغان ئەدىبلەر ئۇچۇن بىر ئۈلگە. روماندا پېرسوناژلار شۇنچە كوپ، ئاساسلىق پېرسوناژلار خارەكتېر جەھەتتىن ئوز مۇستەقىللىقى بىلەن كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ مۇتلەق كوپ ساندىكىلىرى تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، تارىخىي شەخسلەرگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش شەرتى بىلەن بەدىئىي سۈپەتتە نامايان قىلىش يازغۇچىدىن ھەم ئۆتكۈرلۈك، ھەم زىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. دىيارىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئازادلىق كۇرەشلىرى، سان - ساناقسىز قۇربانلار، تالاي تارىخىي ئىبرەتلەر بىلەن تولغانكى، بۇ زېمىندىن پۈتكەن كېسەكلەردىن، بۇ زىمىننىڭ تاغلىرىدىن ئېلىنغان يارماتاشلاردىن ئارماندا كەتكەن مىليون - مىليون شىھىتلەرنىڭ كۆزلىرى كوزلىرى قاراپ تۇرىدۇ. ھايات ھەقىقەتلىرى ئەدەبىي ھەقىقەتلەرنى تۇغىدۇ. تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يېزىش ئىنتىلىشلىرى بىر جەھەتتىن تارىخنىڭ چاقىرىقى، يەنە بىر جەھەتتىن بىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ تەپەككۇر ئېھتىياجى.(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |