Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]Skydrive بولسا Microsoft شىركىتى يولغا قويغان بۇلۇت ساقلىغۇچ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows Live ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى، ھۆججەتلىرىنى Skydrive غا ساقلاپ قويالايدۇ. ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق جايدا ھۆججەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.
تور يۈزىدە Word, Excel, Powerpoint ھۆججەتلىرىنى قۇرالايسىز. سىزگە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بارماق دىسكا ئىشلىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتاللىرىدىكى دوستلىرىڭىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلەيسىز. ئۇنى يەنە «خەت»، «كالېندار»، «كىشىلەر» ئەپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. ئۇنداقتا دەرھال ئىشلىتىپ «بۇلۇت» ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ.
يەنە ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق، «ئەلنىڭ كۆزى 50» دەپتىكەن، قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر ياكى يول كۆرسەتكەيسىلەر، رەھمەت!
ئادرېسى: Skydrive
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا outlook.com غا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن skydrive.live.com نى بېسىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,601 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:Skydrive
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 1-كۈنى am 9:27
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەت بىلوگى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچتى.
- كېيىنكى يازما :Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
خەت باسسام كاتەكچە چىقىۋېلىپ ، ئىملا بەكلە خاتا بولۇپ كېتىپتۇ ، كەچۈرۈڭكلا
نېمانداق يېڭى خۇشخەۋەر چىقىدىغان بىلوگ بۇ….ھە
كۈندىن كۈنگە يېڭىلىقلار بولىۋاتىدۇ دېسە….
win8 نىڭ باھاسىمۇ چىقىپ بولدىغۇ دەيمەن…
قاچان زاكاس قىلىشنى باشلايسىز….
مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى دېمەي، ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالدى جۇمۇ ھازىر….
ئەڭ مۇھىمى، ئەڭ قاتىلى ئاشۇ…
باھاسى 1-چېسلا چىقتى، ئۇزۇنغا قالماي باشلاپ قېلىشىم مۇمكىن. 500 يۈەننى تەييار قىلىپ تۇرۇڭلار.
بىزلەر ناھايىتى ئائىلە نوسخىسىنى ئىشلىتەلەيدىغاندىمىز،باشقا نوسخىسى بىزگەئارتۇقچە بۇلۇپ قالار؟
ئائىلە نوسخىسى 1000يۈەن بولسىمۇ ئېلىۋىرىمىز.
تورلاردا بۇنىڭ خېلى كۆپ نوسخسى باركەن ،ئالدىن قىتىم كەسپىي نوسخىسىنى چۈشۈرگەن ،ھازىر شۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن .
بىراق ئاكتىپلاشتۇرۇش سەل تەسكەن ،ئاكتىپلاشتۇرسام ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى چۈشۈرگىلى بۇلامۇ دىگەن ئۈمىد بىلەن بىر كىچە ھەپىلىشىپمۇ ئاكتىپلاشتۇرالمىدىم .
شۇنداق، ئائىلە نۇسخىسى بىزگە ماس كېلىدۇ، مەنمۇ ئۆيۈمدە شۇنى ئىشلىتىمەن.
$10.00 ياكى يىل
تەرجىمىدە سەل خالىق باركەن.
ئەسىلى بۇنداق بۇلىشى كېرەك: يىل / $10.00
يىلىغا 10دوللا دىگەن گەپ.
دەل ۋاقتىدا پىكىر بېرىپسىز، ئەسلىدە {0}/year ئىكەنتۇق، ھازىر ئۆزگەرتىلىپ يوللاندى، يەنە خاتالىق بولسا، يەنە بىر قېتىم ئايلانمىدا، تۈزىتىش پۇرسىتى كېلىدۇ.
پىكىر:
مۇشۇ «ساقلاۋاتىدۇ»دىگەننى «ساقلىنىۋاتىدۇ»دەپ ئالساق قانداق بۇلار؟
ئادەم ساقلاش دىگەن مەنىدىن پەرىقلەندۇرۇش ئۈچۈن.
سىز دېگەن بۇ يەرنى قانداق بولۇپ چۈشۈپ قالدى، مەن ھازىرلا ئۆزگەرتىپ قويدۇم، يەنە بىر قېتىم يېڭىلانغاندا ئۆزگىرىدىغان بولدى.
ئادەتتە ئىگىسىز جۈملىدە پېئىللار ئېنىقسىز ھالەتلەردە بولسا ئاساسەن مەجھۇل دەرىجىدە ئېلىندى، مەسىلەن: يوللىنىۋاتىدۇ، ساقلىنىۋاتىدۇ، ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ،….دېگەندەك
بۈگۈن دەل ۋاقتىدا پىكىر بەردىڭىز، شۇڭا، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلدى.
ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ھەمدە بۇ ئىشقا قىزىقسىڭىز، outlook.com نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تۇتۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان جايلارنى «رەسىم سىزغۇچ»(画图) دا قىزىل سىزىق سىزىپ ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟
outlook نىڭ قايسى ئېكرانىىنى دەيسىز،ھەر خىل كۆرۈنمە يۈزىنى دەمسىز؟
بەك پەيزى ئشلار بولىۋاتىدۇ.ھا ھا ھا
مەن windows 8 نى تۇنجى قاچىلىغاندىلا ئىشلەتكەن ئىدىم تا ھازىر غىچە ئىشلىتىۋاتىمەن . . ئاۋۇ ئەپلىرىمۇ بەك ياخشىكەن ..يەنە بىر دىتالى باركەن شۇنى كومپىيوتىرغا قاچىلاپلا شۇ مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە ھۆججەتلىرىڭىزنى قاچىلىسىڭىزلا ئاپتۇماچىك يۇكلىنىدىكەن . . يەنە تېخى skydrive تور بەت يۈزىدە تۇرۇپ ئاشۇ كومپىوتىرنىڭ ئىچىدىكى ھۈججەتلەرنى كۆرەلەيدىكەنسىز . . .(بۇنىڭ ئۈچۈن skydrive دېتالى قاچىلانغان كومپيوتېر تور مۇھىتدا ، خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇپ كېرەك.) ماڭا بەك ئاسقاتىدىغان نەرسەكەن بۇ . رەخەت ئالىمجان ئاكا . تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمىز .
25G بووشلق بېرىدكەن دەپ بۇرۇن ئۈتتۈرۈپ قويغان نۇمۇرۇمنىمۇ ئارا تەستە تىپىپ تىزىملاتسام يەنىلا 7g بۇلۇپ چىقتى . ھەنىمە بولسا ئاشۇ نۇمۇرۇمنى قايتۇرۇپ ئەكىلۋالدم . بومۇ بولغۇنى
ئىلتىماس قىلىدىغان يېرى بار. ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن 25GB بولىدۇ.
رخمەت
بۇنى مەنمۇ ئىشلەتتىم،يەنى كىلىپ ئانا تىلدا تۇرۇپ تۇنجى قىتىپ ئىشلەتتىم ،بۇرۇن خەنزۇچىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئىدىم .
كومپىيۇتېرىمنىڭ سۈرەت كۆرسىتىش كارتىسنى تونۇمىدى
سۈرەت كۆرسىتىش كارتىسنى قوزغىتىش دېسكىسىدا بۇيرۇق بەرسەم Win8 نى قوللىمايدىكەن ، ئەمما Win7 نى قوللايدىكەن
ئەمدى سۈرەت كۆرسىتىش كارتىسنى ياسىغۇچى تەرەپنىڭ Win8 ئۈچۈن قوزغىتىش دېتالى ياساشنى ساقلامدىم، ياكى باشقا ئامال بارمىدۇ؟
Ubuntu 12.04 Win7 لاردا بۇنداق ئەھۋال بولمىغان ئىدى!
زادى ئامال بولمىغاندا http://www.drivergenius.com/ دىن قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تاپىدىغان دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئۇ سىزگە تېپىپ بېرەلىشى مۇمكىن.
skydrive.live.com نى ئاچساملا كىرىش كۆزنىكىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەن ئىدى. كۆڭلۈم باشقىچە سۆيۈنۈپ كەتتى.
live ھېساباتىم بىلەن كىرىپ ھېچقانداق تەڭشەش ئېلىپ بارمىساممۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.
بۇنىڭ outlook.com بىلەن تىل ۋە تەڭشەك جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بار ئوخشىمامدۇ؟
شۇنداق ئۇلار بىر تەڭشەكنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ، قاراپ تۇرۇڭ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە بولىدۇ، ئىشلىتىپ ئۈلگۈرەلمەي قالارسىلەرمۇ ئەمدى؟
ئەمىسە 1000يۇەن تەييارلاپ قويدۇم!~~
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز سىزدىن تەلىم ئالاي دىگەن
سىزنىڭ ««باھادىرنامە» رومانىدىكى سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقى» بۇ ماقالىدە سىزنىڭ سۆز تەكرالىقىنى تەكشۇرگەن ئۇسۇلنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
يەنى قايسى يۇمتال بىلەن؟ مەن ئۆزۇم c++ ئارقىلىق يازغان لىكىن مەزمۇن بەك كۆپ بولسا خاتالىق چىقىۋاتىدۇ. بولسا مۇشۇ ھەققتە ياردەم قىلارسىزمۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھازىرچە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى دەپ بېرەي، كېيىن پىروگرامما توغرىسدا ئايرىم سەھىپە ئېچىپ قېلىشىم مۇمكىن. Word دىكى ھەر بىر سۆزنى Access ساندانىغا ئايرىم قۇر قىلىپ ساقلاڭ، ئاندىن Access نىڭ ئۆزىدىن تەكرارلىرىنى تېپىش دېگەن ئىزدەش(查询)نى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ، C++ دىكى لۇغەت ئۇقۇمىدىن پايدىلانسىڭىز ئەڭ كەسپىي، ھەم تېز بولىدۇ، ئەمما پىرىنسىپلىرى يېقىن كېلىدۇ.
خۇشاللىق ئۈستىگە خۇشاللىق ئىشلارغۇ بۇ!