ئاتالغۇلار | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار
udict-2
18 پارچە باھا يېزىلدى
2,227 قېتىم كۆرۈلدى

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى

«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى. بۇ قېتىم يەنە نۇرغۇن ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە ۋە ئاتالغۇ قوشۇلغاندىن باشقا يەنە ئىلگىرىكى تەرجىمە ۋە ئىملا خاتالىقلىرى تۈزىتىلدى. يېڭىدىن يەنە قازاقچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە لۇغەت قوشۇلدى. ھازىرچە شەخسلەر نەشرى ۋە ئىدارە-ئورگان نەشرىگە ئايرىلغان بولۇپ، پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ. شەخسلەر نەشرىنى ئىنتېرنېتتا ئىشلەيدۇ، ھەر يىلى يىللىق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرىدۇ. ئىلگىرى لۇغەت سېتىۋالغانلارنىڭ بىرىنچى يىلىدىكى ئىشلىتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. ئەمما ئىككىنچى يىلىدىكى ئ……
تولۇق تېكىستى
Uighursoft_ALIMAHAT
19 پارچە باھا يېزىلدى
4,253 قېتىم كۆرۈلدى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى يېڭىلاندى

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىگە تىلكوم قېلىپلاشتۇرۇپ ئېلان قىلغان 37 تۈردىن جەمئىي 20 مىڭغا يېقىن ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلار قوشۇلدى، سىز ئوخشاشلا www.udict.cn دىنمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى ئىزدىيەلەيسىز. قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (1) قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (2) قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار (3) «2013-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» دىكى بىر قىسىم يېڭى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلار مەركەزنىڭ ئىككى يىغىنىدىكى يېڭى ئۇقۇم، يېڭى ئاتالغۇلار ۋە بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ب……
تولۇق تېكىستى
20141115092133975
68 پارچە باھا يېزىلدى
8,320 قېتىم كۆرۈلدى

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە

高铁(高速铁路) ۋە 动车 ئاتالغۇسى ھەققىدە بۈگۈن مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم، 16-نويابىر شىنجاڭنىڭ  يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى تۇنجى قېتىملىق يولغا چىقىش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بۈگۈن ئۈچ گۇرۇپپا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ۋە قۇمۇل ۋوگزالىدىن قارىمۇ-قارشى يولغا چىقتى. ئەمما، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورۇنلىرى 高铁 ۋە 动车 نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ھەرخىل ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بىر……
تولۇق تېكىستى
51 پارچە باھا يېزىلدى
7,279 قېتىم كۆرۈلدى

Windows 8.1 with Bing نى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىمىز؟

بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە ئاتالغۇ بېشىمنى سەل قاتۇردى. دىققەت بۇ يەردىكى Windows 8.1 ۋە Bing مەھسۇلات نامى بولۇپ، تەلەپ بويىچە تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. Windows نىڭ يەنە يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن تارماق نەشرى چىقماقچى، بۇ يەردە ھەممىنى تىلغا ئالسام بولمايدۇ، بىرسىنى تەرجىمە قىلىۋالسام ھەممىسى شۇ قېلىپ بويىچە بولىدۇ، پىكىرنىڭ بىر نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى دېمەي تۇراي، مۆھلىتى 48 سائەت، قېنى كۆپچىلىك پىكىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ باق……
تولۇق تېكىستى
122 پارچە باھا يېزىلدى
38,864 قېتىم كۆرۈلدى

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(2)

تىلچىلار ئۈندىدار سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ،……
تولۇق تېكىستى
155 پارچە باھا يېزىلدى
41,420 قېتىم كۆرۈلدى

قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(1)

ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دە……
تولۇق تېكىستى
29 پارچە باھا يېزىلدى
6,110 قېتىم كۆرۈلدى

تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟

ئاخشام يەنە نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارغا ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەت تەڭ ئېلىپ بېرىلغاچقا، باشقا تىللارغىمۇ ئوخشاشلا تېخى تەرجىمە قىلىنمىدى، ئەمما ئاخىرقى مۆھلەت بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00 (لوندون ۋاقتى: 12:00)دە، مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم سەل دىلغۇل بولۇپ قالغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم، قىزىقىدىغانلار بولسا، پىكىر بەرسەڭلار. مەن مۇۋاپىقلىرىنى پايدىلىنىپ باقاي، رەھمەت. يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن Windows 8.1 RT……
تولۇق تېكىستى
31 پارچە باھا يېزىلدى
6,928 قېتىم كۆرۈلدى

بۇ ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق تەرجىمە قىلساق بولار؟

ئاخشام 16 يېڭى ئاتالغۇلارغا رەسمىي ئېنىقلىما بېرىلدى، بۇ ئاتالغۇلار ئوخشاش بىر كۈندە (يەنى بۈگۈن) 100 نەچچە تىلغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئاتالغۇلارنى ۋە ئېنىقلىمىلارنى بۇ يەردە ئېلان قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋاپىق پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئاتالغۇلار تېخىچە خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، ئۆزبېك تىلى، ....دېگەندەك تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىدى. تۈرۈك، ئۆزبېك، قازاق قېرىنداشلارمۇ بىزنىڭ تەرجىمىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ. مەن ئۆزەم ئويلىغان نامزات تەرجىمىنى دېم……
تولۇق تېكىستى
til-yeziq_1
80 پارچە باھا يېزىلدى
11,825 قېتىم كۆرۈلدى

ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقى خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «ئۇيغۇرچە، قازاقچە تىل-يېزىق ئۇچۇرى بايلىقلىرىنى قۇرۇش ۋە ئورتاقلىشىش قۇرۇلۇشى»(维吾尔、哈萨克语言文字信息资源建设与共享工程)نىڭ ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرى ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بېكىتىش يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تىلشۇناسلار ۋە كومپيۇتېر خادىملىرى قاتناشتى، 永正 Office...ئىشخانا يۇمشاق د……
تولۇق تېكىستى
MLP
74 پارچە باھا يېزىلدى
14,058 قېتىم كۆرۈلدى

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى

مىكروسوفت ئاتالغۇ ئامبىرى (ئۇيغۇرچە) ئېلان قىلىندى يېقىندا ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ، بىلوگىمدا يېڭى تېما يېزىپ بولالمىدىم. مەن ئۈچۈن بىلوگىمدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خۇشخەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش مۇھىم، ئەمما قىلمىغان ياكى قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش ياخشى ئادەت ئەمەس. بۇ ئىش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، سىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار كومپيۇتېر ساھەسىدە ……
تولۇق تېكىستى
73 پارچە باھا يېزىلدى
11,796 قېتىم كۆرۈلدى

بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟ ئەتە چۈشتىن كېيىن 6:00 دىن بۇرۇن تاماملىنىشى كېرەك، بۇ ئاتالغۇ ئىنگلىز تىلىدىن باشقا تىللارغا تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان. تۈرك ۋە ئۆزبېكلەرمۇ بىزنىڭ قانداق ئاتايدىغانلىقىمىزنى بىلگىسى بار ئىكەن. 1. Authenticator The app that generates security codes that change frequently as part of two-step verification. تەكلىپ: دەلىللىگۈچ، كىملىك تەكشۈرگۈچ 2. slide two fingers To slide two fingers on a touchpad or similar device at the same time and with a relati……
تولۇق تېكىستى
194 پارچە باھا يېزىلدى
20,457 قېتىم كۆرۈلدى

بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز(جىددىي)؟

تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟ بۇ پۈتۈنلەي يېڭى ئاتالغۇ بولۇپ، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى تېخى تولۇق بارلىققا كەلمىدى. تۈرك ۋە ئۆزبېكلەرمۇ ھازىر بىزنى ساقلاپ تېخى تەرجىمە قىلماپتۇ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا قاراپ باقىدىغان بولدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دىن بۇرۇن تاماملىنىش كېرەك. تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭمۇ سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن. ۋاقىت توشقاندا ۋاي ئىسىت ئاۋۇ، ماۋۇ دېمەي ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى قەھرىمان تەرجىمان كېرەك. قېنى مەرھە……
تولۇق تېكىستى