Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار
(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.
(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.
بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش
ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!
(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null
بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB
(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.
(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.
Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن
بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.
(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.
(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.
(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.
(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.
(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.
(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.
===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================
(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.
(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.
1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش
مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.
(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.
مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.
(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 290,785 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:54
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
- كېيىنكى يازما :Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، ئالىم ئەھەت ئەپەندىمنىڭ .ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى قايسىڭلار بىلىسىلەر ، شەخسى ئۈندىدارى بولسىمۇ بولىدۇ
ئالىمجان ئاكا مەن Windows8نى 2012-يىلى 248يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ،يېقىندا مەلۇم سەۋەپ بىلەن Windows7نى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئېدىم .ئەمدى يەنە Windows8نى قاچىلاي(ئاچقۇچ نومۇرۇم بار)دىسەم Windows8.1 لام چېقىۋېلىپ 888يۈەن تۆلەڭ دەپ خەت چېقىۋېلىپ پەقەت ئامال قىلالمىدىم؟بىر ككرسەتمە بەرسىڭىز؟
مۇشۇنداق ياخشى ماتىرىياللارنى يوللاپ،بىزگە ئوخشاش كومپىيوتېر خادىملىرىغا ياخشى بولغان،مول بىلىملەرنى يەتكۇزگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
سېتىۋېلىپ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىسە ئىناۋەتسىز بوپ كىتەرمۇ ؟؟؟
مۇشۇ تور بېتىڭىزنى داۋاملىق كۆرۇپ تۇرىمەن…..لىكىن …لىكىن ….ماڭا ھىچ كىشى ياردەم قىلمىغۇدەك…..مەسىلەن…يۇقارقى مەسىلىدە……
مۇشۇ …گەپ -سۆزلەرگە جاۋاپ بىرىدىغانغا ،بىر ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بولغۇدەك…مۇئەللىم…
مۇشۇ ۋىن 8 دە ، بەزى سۇرەت -فىلىم تەھرىرلەيدىغان دىتاللارغا ئۇيغۇرچە خەت قىستۇرۇش ئۇچۇن ، بۇنىڭدىن تۆۋەن سېستىمىلاردا ئىشلەيدىغان خەت كىرگۇزگۇچلەر ئىشلىمەيدىكەن…ئامال قىلغىلى بولماسمۇ……..
مەن يىقىندا windows rt (تاختا كومپىيوتېر )دىن بىرنى ئالغان ئۇنىڭدا windows8.1 بارئىكەن .لىكىن ئۇيغۇرچە نۇرمال ئەمەس .بۇنىڭغا بىرەر ئامال بارمۇ ئالىم ئاكا ؟ سىتۋالغاندا windows8 ھەقىقى نەشىرى دىگەن ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سىتۋالساممۇ مەيلى . ياردەم قىلسىڭىز !
كۆك ئاسمان قىرىندىشىم سىزنىڭ بۇ‹‹مەن باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە 校园先锋تور بېتىدىن سېتىۋالسا، 支付宝بولسىلا بولىدىكەن يەنە تېخى 15يۈەن ئەرزان ئالغىلى بولىدىكەن، بۇ مىكروسوفتنىڭ ئورگان تورىدىن سېتىۋالغانغا ئوخشاش بولامدۇ؟ ئەگەر بولىدۇ دېيىلسە مۇشۇ تور بېكەتنىمۇ بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىككەن دەپ قالدىم.›› دىگەن تەكلىۋىڭىز
باشقىلارنى خاتا يىتەكلەپ قالمىسۇن، Windows 8 گە Microsoft شىركىتى ئۇيغۇر تىل بۇلىقىنى بىزگە مىھرى -شەپقەت قىلىپ قاتقىنى يوق، ئۇلارمۇ سودىنى ئاۋال ئويلىشىدۇ ،بۇپەقەت ئالىم ئەھەتگە ئوخشاش ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھاسىدىكى توھپىكارنىڭ زور كۈچ چىقىرشى ،قايتا-قايتا ئىلتىماس قىلىشى ۋە تەكلىپ بىرىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىقتى،شۇڭا بىز ئامال بار Microsoft ئورگان تور بىكىتىدىن سىتىۋالغىنىمىز ياخشى،بىزلەردىن سىتىۋىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر قانچە كۆپ بولسا بۇندىن كىيىنكى يىڭىلىقلارغا
كۆپ پايدىسى بار.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىممەتلىك ۋاختىنى خەلىقىمىزگەسەرىپ قىلىشنى ئارزۇلىغان ھەمدە ئۇزلۇكسىز ھەركەت قىلۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمگە مەندىن سالام
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئالىم ئاكا.
مەن win8 نى سېتىۋېلىپ ئىشىلتىۋاتقان ئىدىم.مۇشۇ بىر ھەپتىدىكەك بولۇپ قالدى ،ھىچ بىلمىدىم.پات-پاتلا كومپىيوتېرىڭىز مەسلىگە ئۇچىرىدى دەپ قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ.
سېستىمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئەسلىگە قايتۇراي دىسەم بەزى ھۆججەتلەر بۇزۇلغان دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مومكىن بولمىدى.سېستىمىنى قايتا قاچىلاي دىسەم.سېستىما ئاچقۇچ نومۇرىنى يوقۇتۇپ قويدۇم.سېستىمىدا پەقەت ئاخىرقى تۆت خانىلا كۆرۈندىكەن.شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلەلمەي سىزدىن مەسلىھەت ئالاي دىگەنتىم.ماۇا ياردەم قىلىسىڭىز.
مېنىڭ ھەپتە بولدى ‹‹كومپىيوتېرىڭىز مەسلىگە ئۇچىرىدى دەپ قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ.سېستىمىنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ ئەسلىگە قايتۇراي دىسەم بەزى ھۆججەتلەر بۇزۇلغان دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مومكىن بولمىدى ››شۇنىڭ بىلەن تورلاردىن ئىزدىنىپ يۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم .
بۇ ئاساسەن كۈرسىتىش كاردىسىنىڭ قوزغاتقۇچى (显卡驱动)تازلىۋېتىپ ۋىن 8.1 ماس كېلىدىغىنى قاچىلاڭ.
سېستىمىنى قايتا قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق .360 ئوخشاش ۋىروسخورلارنىڭ ھىچ قايسىنى قاچىلىماڭ.
ۋىن 8.1 ئۈزىنىڭ دېفىندىرنى ئىشلىتىڭ
سېستىما ئاچقۇچ نومۇرى خەت ساندۇقۇمدا بار ئىدى،كېيىن قارىسام يوق تۇرىدۇ،قانداق ئۆچۈپ كەتكىننى بىلمىدىم.سېستىمىدا پەقەت ئاخىرقى تۆت خانىلا كۆرۈندىكەن.بۇ سېستىما ئاچقۇچ نومۇرىنى تولۇق تېپىشقا ئىمكانىيەت بارمىدۇ؟
مەن سىتىۋالاي دىگەن ئوپتىك دىسكىسى بارمىدۇ، مەن توردىن چۇشۇرۇپ قاچىلسام ھەقىقى نۇسخىسىدەك قىلىش ئۇچۈن قانداق قىلىمەن، سىستىما قانچە پۇل
مەن windows8نىڭ ھەقىقى نەشىرنى تىلفۇن ئارقىلىقمۇ ئاكتىپلىيامىدىم مەن windows8 نىڭ ساختا ئاكتىپلاش نومىرى بىلەن ھەقىقى ئاكتىپلاش نومىرنى ئالماشتۇرۇپ ئاكتپلانماس بولۇپ قالدى تىلفۇن قىلىپمۇ ئاكتىپ لىيالمىدىم تىلفۇن قىلسام باشقىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ دەيدۇ. قانداقىلىمەن ئاكتىپلاش نومىرنى قايتۇرۇپ كەلگىنى بولامدۇ؟
كارخانا نۇسقىسىدىكى 8نى 8.1 گەكوتۇرگىلى بولامدۇ ؟بولسا قانداق كوتۇرمىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭلار؟ مەن ۋىن8 نىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى ئالاي دىگەن كىمدە باردۇ بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسا بوپتىكەن.
اللە رەھمەت قىلسۇن!!!
تېل: 18997990353
بۇ يەردە بىرسى«ساتىمەن» دەپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ باقامسىز يا؟ ئادرىس: http://www.nurqut.com/ud/thread-17227-1-1.html
رەھمەت سىزگە. ئاللاھ رازى بولسۇن!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،windows 8نى جۇڭگۇدا سېتىشنى چەكلىۋەتتىمۇ؟كومپىيۇتېرىمنىڭ س دىسكىسى بارغانسىرى كىچىكلەپ كومپىيۇتېرىم قاتىدىغان بولىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن windows 8 قايتا قاچىلاپ باقاي دېسەم «سىز تۇرغان دۆلەتكە سېتىشنى تەمىنلىمىدۇق» دەپ چىقىۋالدى
بۇنداق سەت گەپ قىلمىسىڭىز، جۇڭگودد تېخىمۇ كۆپ ساتىمەن دەپ ئۇيغۇرچە قىلىشقا قوشۇلغان تۇرسا. دۆلەت ياكى رايوننى خاتا تاللىۋالغان بولسىڭىز، شۇنداق بولىدۇ. بەزى ئەپلەرنى ياكى مۇلازىمەتنى شۇ دۆلەتتە ئىشلىتىمەن دېسىڭىزمۇ شۇنداق بولىدۇ.