Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار
(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.
(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.
بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش
ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!
(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null
بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB
(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.
(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.
Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن
بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.
(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.
(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ
(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.
(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.
(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.
(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.
(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.
===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================
(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.
(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.
1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش
مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.
(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.
(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.
مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.
(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)
- يازما كۆرۈلۈشى: 306,085 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 15:54
- ئالدىنقى يازما :Windows 8 نىڭ 57 خىل تىل ئارايۈزى بولىقى
- كېيىنكى يازما :Surface ھەققىدە دەسلەپكى تەسىرات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەخۋالىڭىز؟ مەن ۋىن8 نىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى ئالاي دىگەن كىمدە باردۇ بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسا بوپتىكەن.
اللە رەھمەت قىلسۇن!!!
تېل: 18997990353
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم سالامەت تۇرۋاتاملا مەن ئۆز ۋاقتىدا ۋىن 8 ئاچقۇچتىن 4تال ئېلىپ قويغا ن لازملىقلارغا بىرمەن چچى 964737047
بىر سوئالىم بار ئىدى ،باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە ۋېندوس 8 سېستىمىسى مەخسۇس تاختا كومپيرتېر ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن بولۇپ ،ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردا ياخشى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن ، ،بۇگەپلەر راستمۇ ؟مىنڭ كومپيۇتېرىمنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 1Gئىدى ،ۋېندوس 8 سېستىمىسى سېتىۋالسام نور مال ئىشلىتەلەمدىم ؟
ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنىڭ 32 بىتلىق نۇسخىسىنى زادى قانداق چۈشۈرىمىز. مەندە 98 كويغا ئالغان ئاكتىپلاش نومۇرى بار. كومپىيۇتىرمغا 64 بىتلىقى ماس كەلمىدى. يەنى قىتىۋالدى.
شۇڭا 32 بىتلىق ھەقىقىي نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەم بولاتتى.
ئالىم ئەھەتكا: ئۆزىڭىز بىر قوللۇق جاۋاپ بىرەمسىز؟
مەن ۋىن8 ئالاي دىگەن ھەقىقى نۇسخىسى بولسا سېتىپ بەرگەن بولساڭلا!
مەن سېتۋالغان ئىدىم لىكىن مۇكەممەل چىقمايدىكەن ئويغۇرچە
شۇنداق زىرىكتىم قاچانمۇ كومپيۇتېرنى ئچىپلا ئوزىمىزنىڭ تىلىنى ئىشلىتەرمىز مەن ۋىندوۋىس 7 نى ئىشلىتىۋەتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى لىكىن ھازىزغىچە ۋورت 2003 تە مۇكەممەل بىر ئويغۇرچە مەقالە تەھرىرلىگىلى بولمايۋاتىدۇ شۇنداق زىرىكتىم بۇنداق دىسەم كومپيۇتېر سەۋيەسى يوقكەن دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن مەن ئالې مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر كەسپىنى پۇتتۇرگەن .بىزئەسلى لاتىن ھەرپىنى ئشلەتكەن بولساق باسمامەنپەئەت ئىشلىردا بۇنىڭدىنمۇ نەچچەھەسسە تەرەققى قىلغان بولاتتۇق
توۋا، 2 نىڭ 64-دەرىجىسى توۋا!! بىزنىڭ كومپيۇتېردا قىلىدىغان ئىشىمىز پەقەت باسما مەتبەئە ئىشلىرىما؟
دوستلار ياردەم قىلساڭلار! تۈنۈگۈن بىر توردىشىمىزغا ئۆزۈم ئېلىپ ساقلاپ قويغان ۋىندوۋس8 نى نەشر يۇقۇرىلىتىش ياردەمچىسى ئارقىلىق ئاچقۇچ نومۇرنى كىرگۈزۈپ قاچىلىغان. لېكىن كومپيۇتېر قوزغالغاندىن كېيىن ئاكتىپلانمىغان دەپ چىقىۋالدى. cmd /slmgr/ ئاچقۇچ نومۇر شەكلى بويىچە ئاكتىپلاش نومۇرنى كىرگۈزسەم 成功地安装了产品密钥 3B77M-TGHDF-XXXXX-XXXXX-XXXXX دەپ چىقتى(Xلەرنىڭ ئورنىدا ئاچقۇچ نومۇر بار ئەلۋەتتە).دەپ چىقتى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا ،اللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق ۋە بەرىكەت بەرسۇن ، مەن win8 دا مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم يەنىdirect draw سۆرەت ئاشۇرۇش ئىقتىدارى ئېچىق تۇرۇپمۇ بىر دەرىسلىك دىتالىم قەتئىي قوزغالمايۋاتىدۇ ،
يەنىdirect draw سۆرەت ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى قوزغۇتۇڭ دەپ ، بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋېتىپ قايتىدىن قوزغىتاي دىسەممۇ ئېتىدىغان جاينى قەتئىي تاپالمىدىم windows ئىقتىدارىنى ئېچىش تاقاشنىڭ ئىچىدىنمۇ تاپالمىدىم ، بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟(قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايە قىلغۇم يوق ئىدى … ئەمما ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم …)
ھازىرمۇ سىتىۋالغىلى بولامدۇ؟ 248 يۇەنگە بۇرۇنراق بىلمەپتىمەن.سەپلىمىسى قانداق كومپيۇتىرلارغا ماس كىلىدۇ.توغرا مەسلىھەت بەرسەڭلار
ئالىم ئەپەندى مەن بۇ خوشخەۋەرنى ئەمدىلىكتە كۆرۈپتىمەن ، ھازىر سېتىۋالساق 298 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بۇلامدۇ؟ مەندەك چەت سەھرادا ياشايدىغانلار يەنى ئىناۋەتلىك كارتا دىگەننى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغانلار بۇ ئەڭگۈشتەرنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەمدۇق.
ماڭا ئالاقلىشش ئادرىسنى تەمىنلگەن بەرگەن بولسڭىز ؟رەخمەت
ئەسسالام-ئەلەيكۇم:ئالىم مۇئەللىم
مەن بىرىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىردا باشقلارنىڭ ياردىمدەۋىندوۋس 8 نى سېتۋالغان ئىدىم لىكىن ئارلىقتا بۇ سىستمنى قاچىلاشقا ۋاقىت يار بەرمەي بىر ئاز كەينىگە سۇرلۇپ كىتىپ قالغان ئىدى ،بۇگۇن قەتئىي نىيەتتە بۇ سىستىمنى كومپيۇتېرغا قاچىلغان ئاكتىپلاش نۇمۇرنى كىرگۇزگەن چاغدا ئىناۋەتلىك دىگەن، لىكىن ئاكتىپلاش جەرياندا خاتالىق ئۇچۇر چىقۋالدى .قانداق قىلىشنى بىلمىدىم.ياردەم قىلغان بولسڭىز؟
Microsoft قا تېلېفون قىلىپ، ئاۋۋال ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭ، كېيىن بىزگە ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت كېرەك دەپ پىكىر بېرىپ قويۇڭ. ئاندىن ئەھۋالىڭىزنى ئۇلارغا ئېيتىڭ، ئۇلار سىزگە ھەل قىلىپ بېرىدۇ.
مەنمۇ بىر دوستۇمىنڭ ياردىمدە ئالغان ئىدىم ، قاچلىغاندا ئالغان نۇمۇرنى ئىشلەتسەم ، ئۈنۈملۈك دەپ ئۇچۇر چىقىدۇ ، ئامما قاچلىنىپ بولغاندىن كىيىن خاتالىق ئۇچۇرى چىقۋىلىپلا تۇردۇ ،
مەن قۇتيار توربىتدىن چۈشۈرگەن ئىدىم .win8 نىڭ iso ھۆجىتننى بەزلەر ئورگان بىتىدىن چۈشۈرسە نۇرمال ئىشلەيدۇ دەيدۇ ، ئەمما مەن ئورگان بىتىدىن قۇلدا نۇمرى بارلارنىڭ قاچلاپ ئىشلتدىغان قاچلاش بوقچىسىنى تاپالمىدىم ، چۈشۈرۈش ئادرسدىن ياردەم قىلسىڭز ئالىم مۇئەللىم.
ۋىندوۋىس 8نىڭمۇ ئوغرى نەشرى بازارغا كىرىپ بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىمۇ ئەسلى نۇسخىسىغا ئوخشاش يڭىلاپ ئۇيغۇرچە ھالەتكە تەڭشىگىلى بۇلىدىكەن. قالتىس جۇمۇ بىز
ئەسسىلام بىز مۇھازىر 98 .گەسېتىۋالامدۇق؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم . ئالىم مۇئەللىم . مەن ۋىندوۋىس 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان . ۋىندوۋىس 8 نىڭ قوللاشچانلىقى دىگەندەك ياخشى ئەمەسمۇ نىمە ؟ ياكى مەن ياخشى تەڭشىيەلمىدىممۇ قانداق ؟ بىرقىسىم يۇمشاق دىتال ، ئۇيۇنلارنى قاچىلىسام دائىم قاچىلانمايدۇ ، پىروگىرامما قاچىلاشتا خاتالىق كۆرىلدى error launching installer دەپ چىقىۋېلىۋاتىدۇ ، ھەتتا يۇكۇ چۈشۈرگىچنىمۇ قاچىلىغىلى بولمىدى ، بىرەر ھەل قىلىش چارىسى بارمۇ ؟