Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار

(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.

(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش

ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!

(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null
بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB

(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.

(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.

Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن

بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.

(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.

(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.

(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.

(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.

(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.

(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.

===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================

(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.

1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش

مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.

(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.

مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.

(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
786 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇ تىمىدىكىدەك قىلىپ باقسام بۇلامۇ يا؟http://www.xarbat.com/thread-7929-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 16:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم مەن بىر دېھىقان كومپىيۇتۇ دېگەن بۇنەرسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى . ھازىر غىچە پۇلغا سېتىۋېلىپ سېستىما اچىلاپ بق مىغان ئىدىم يىقىندىن بۇيان بۇ بىلوگنى تولا ارىلايدىغان ھەم ۋېندوۋېس 8 توغرىسىدىكى يازمىلارنى كۆپ كۆرىدىغان بولدۇم ھەم قىزىقىپ قالدىم شۇنىڭ بىلەن مۇنبەر ئارىلا ۋېتىپ بىر مۇنبەرىدە ئېتىبار باھادا ساتىمىز دېگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرۈپ تېما يوللۇغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ 170 يۇەنگە بىر تەستىق نۇمۇر سېتىۋالدىم شۇنۇمۇر ئارقىلىق ۋېندوۋېس 8 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم بىلمىدىم قايسى مەشخۇلاتنى خاتا قىلدىمكىن باشتا نورمال قاچىلانغاندەك بولدى كىيىن كومپىيۇتۇرنى قايتا قوزغاتسام نورمال ئەمەس ئۇيەر بۇيەرنى باسسام بىر خەنزۇچە كۆزنەك چىقتى ئۇنىڭدىكى مۇقۇملاش دېگەن خەتنى باستىم كومپىيۇتۇرۇمدا ئىجرا بولىۋاتىدۇ دېگەن خەت چىقتى مەن ساقلاپ ئولتۇردۇم 2 سائەتتن ئشقاندا كومپىيۇتۇرۇم ئوچۈپ قالدى قايتا قوزغاتسام ھىچنىمە يوق شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى كومپىيۇتىر دۇكىنىغا ئاپاردىم ئۇيەردىكى بالىلار تەستىق نۇمۇرى بىلەن سېتىمىنى قاچىلاپ بەردى بىراق كومپىيۇتۇرۇمدىكى ھەممە ماتىرىياللار يۈتۈپ كېتىپتۇ بەك ئىچىم ئاچچىق بولدى ماڭالازىملىق نەرسىلەر بار ئىدى بۇنى ئەسلىگە كەلتۇر گېلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم بىراق ئوزەم قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ئەزىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئىشتا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار ش نەرسىلىرىمنى ئەسلىگە ئەكىلىۋالغان بولسام ھەم مېنىڭ بۇ كومپىيۇتۇرۇمنى يىراقتىن كونتۇرۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ باقساڭلار ، مەن ئادەتتە QQ دا پومىشىكنى باپلاش ئويۇنى 《斗地主 》 بۇ ئويۇنى مەن شۇنداق ئاتىۋالدىم ئۇيغۇرچىلاش تۇرۇپ يەنى بېليارت ئوينايتتىم ئۇلارنى ئاچسام ئينىغىلى بولمايدۇ بىر نەرسنى قاچىلاڭ دەيدۇ ھىچ بىلمىدىم ماڭا ياردەم قىلساڭلار مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانار ھەق ئالساڭلارمۇ مەيلى ، ئەسلىدىكى كوناسېستىمىنى قاچىلاي دەپ ئويلىدىم بىراق قاچىلىغۇم كەل مىدى ، سىلەردەك ئېسىل بىلىملىك تورداشلىرىم بار يەردە بۇ ئاتنىمۇ كۆندۈرۈپ مىنىۋالارمەن دەپ ئويلىدىم سىلەرنىڭ ياردەم قىلىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن .
    ئۆزئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئالىم ئەھەت قاتارلىق نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتىدۇ شۇلارمۇ مىلىتىم دېمىسە بۇنچە جفپاتارتىپ نىمە قىلار ئىدى ئۇ زىيالىلىرىمىز خەنچە ئەنگېزچە دېگەنلەرنى ئوبدن بىلىدۇ شۇلارمۇ ئاناتىلىم دېگەچكىلا بۇجاپالارنى تاتىۋاتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلەپ ئەتىۋالاپ ئىشلىتەيلى توداشلار ماڭا ياردەم قىلىڭلار مەنمۇ ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۈگۈتەي بۈگۈن كەنىت سېكرىتارنىمۇ خېلى قائىل قىلىپ كەلدىم دۈينىڭ كومپىيۇتۇرلىرىغا ۋېندوۋېس 8 نى قاچىلاپ بېرىدىغان بولدى
    مېنىڭ QQ نۇمۇرۇم 1345629378

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:44
  • مەن ۋىندۇۋىس8 نى بىرئوبدان ئىشلىتىۋاتقان ئىشلىتىۋاتقان زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسام 500گىگابايت قاتتق دىسكامدا ھىچنىمە قالمىدى بۇنى ئازدىگەندەك قايتا رايۇنغا بۈلۈپ قاچىلىسام Windows 8نى چۇشۇرگەندەئاچقۇچ ئىشلىدى قاچىلىغاندا ئىشلىدى يېڭىلانمىلارمۇ يېڭىلاندى ئەپلەرمۇ قاچىلاندى لىكىن ئاكتىپلانمىدى ئاكتىپلاي دىسەم چۇشۇرگەندە قاچىلىغاندا ئىشلىگەن ئاچقۇچ ‹‹ئاچقۇچ ئىشلىمىدى›› دەپ بزىرىپ تۇرىدۇ قانداق قىلسام بۇلايول كۆرسەتسىڭڭىزبوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:34
  • مىنىڭ چى چ :
    147184256
    ئىلخەت:
    qopan5@163.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:40
  • مەندە win7نىڭ ئەسلى نەشىرى بار ئىدى ، يىقىندا مەن win8 نڭ ئەسلى نەشىرىنى 248يۇەنگە سىتىۋالغان ئىدىم . ئەمدى win7نىڭ ئەسلى نەشىرى ئارقىلىق ئۆزۇم ئاكامغا بىرنى سىتىۋالاي دىگەن ، لىكىن خىلى سىناپ باققان بولساممۇ قىلالمىدىم .ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن.. ياردەم قىلغانلارغا win7نىڭ ئەسلى نەشىرىنىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىدىن بىرسى بىلەن تەمىنلەيمەن . ( مەكتىپىمىزدىكى كومپىيۇتىردا بار كەن ) ھى ھى ھى ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:38
  • ئالىمجان مۇئەللىم ياخشىمۇسىز
    مەن بۇ سېستىمىنى ئەينى ۋاقىتتا سېتىۋالغان ئىدىم. بىراق ئېھتىياتىسزلىقتىن قاتتىق دېسكىدىن كاشىلا كۈرۈلۈپ، بارلىق دېسكا رايونلىرى يۇيۇلۇپ، ئەسلىدىكى ساقلىغان ئۇچۇرلىرىم يوقالدى.
    مەن ھەقىقى نەشىرىنى تاۋباۋ تورىدىن 248.00 يىۋەنگە سېتىۋالغان، ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىمۇ قاچىلانغان ، يېڭىلاش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىگەن ئىدى.
    ئەمدى سېتىۋالغان ھەقىقى نەشىرىدىكى نومۇرنى نەدىن تېپىشىم مۈمكىن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:25
    • ئۆز ۋاقتىدا قايسى نومۇر بىلەن قاچىلىغان ئىدىڭىز؟ شۇ نومۇرنى ئىشلەتمەمسىز، سىزمۇ تاۋباۋ دىگەندەك يەردىن ئېلىپ يۈردىڭىزما؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:34
  • windows8 نى ئەڭ ئاخىرقى 2 كۈن 160 يۈەندىن ئۆز نامىڭىزدا ئېلىشىپ بېرىمەن!
    ئانا تىلىمىزنى قوللايدىغان بۇ مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ئېتىبار باھادا سېتىلىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا يەنە 2 كۈنلا قالدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە مۇشۇ ئىككى كۈندىمۇ يەنە ياردەم قىلىشنى لايىق كۆرۈپ بۇ تېمىنى سىزلەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
    ئەگەر ئىشەنىچ قىلالمىسىڭىز بارلىق مەشخۇلاتنى ئۆزىڭىز قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ئەڭ ئاخىرقى پۇل تۆلەش باسقۇچىنىلا ئورۇنداپ بەرسەم بولىدۇ. ئالماقچى بولغانلار يەنە ئىككىلىنىپ يۈرمەي تېزدىن ئېلىۋېلىڭ. مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىزمۇ ياكى باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا بىر ، يەنى ئانا تىلىمىزنى كومپىيوتېر ساھەسىدە كەڭ قوللىنىش، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش خالاس. مەن http://www.rohlan.biz تورىدىكى كۈرەش 123 ، http://www.qutyar.net تورىدىكى axik123 بولىمەن. ئالاقىلىشى ئۇسۇلى:
    تېلفۇن: 13779767323 QQ: 13779767323 QQ:408137091

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:15
  • مەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ئاتا تىلى كىرگۇزۇلگەن بۇسىستىمنى بەكمۇ ئىشلەتكۇم بار ئىدى، لىكىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام بۇرۇن سىستىملارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىشلەتمىگەنلەرگە سىتىپ بەرمەيدىكەن دەپ ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ قالدىم ھەم بەكمۇ ئۇمۇتسىزلەندىم، شۇڭا ئالىم ئەخەت ئاكا مەن قانداق قىلسام ھازىرقى سىتىلىش باھاسىدا سىتىۋىلىپ ئىشلىتەلەيمەن، ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز ھەم ۋاقتى ئۆتۇپ كىتىپ بولغىچە ماڭا بىر تىلغۇن قىلۋەتكەن بولسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرلىرىڭىزنى تاپالمىدىن، سىزدىن بۇ جەھەتتە كەچۇرۇم سۇرايمەن، سىزنى مالال قىلدىغان بولدۇم.
    ئالاقلىشىش نومۇرۇم 15559401115

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىمكا،مەن شياۋيۈەنشيەنفېڭ دىن windows 8نىڭ نومۇرىنى سېتىۋىلىپ قاچىلىغان.exeھۆججىتىنى ئارا يۈزگە چۈشۈرۈپ قوزغىتىپ ئەسكەرتىش بويىچە مەشغۇلات قىلغان.لىكىن دەسلەپتە بىلمەپتىمەن،windows 8سېستىمىسى كومپىيوتىرنىڭ Cدىسكىسىغا قاچىلىنىپ ئەسلىدە بار بولغانwin7(ھەقىقى نەشىرى)نى قاپلاپ كىتىپتۇ.كىيىن مىڭ تەسلىكتە windows 8نى ئۆچۈرۋىتىپ win7نى قايتا قاچىلىدىم.مەن windows 8نى Dدىسكىغا قاچىلاپ قوش سېستىمىلىق قىلاي دىگەن،يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز،قايسى باسقۇچتا سېستىما قاچىلايدىغان دىسكىنى تاللايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ،مەن windows 8 دىن بىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلاتكەن ئىدىم ھەم بىلوگىڭىزدىكى يازمىللىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ چۇشىرىۋالغان ،بىراق ئۇستەل يۇزىدىكى ئەپلەرنى ئىجرا قىلغاندا 无法打开这个应用دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ ،بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:48
    • ئۈستەليۈزىدىكى قانداق ئەپ ئۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 23:19
    • سىز تېخى مىكروسوفىت ھېساباتى قۇرماپسىز. بۇ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا ئادىرسى ۋە شېفىردىن تۈزۈلىدۇ. تەڭشەكلەرگە كېرىپ كومپىيۇتېر تەڭشىكىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىشلەتكۈچىلەر نى بېسىڭ. ئاندىن ئىشلەتكۈچى قوشۇشتىن مىكروسوفىت ھېساباتى قۇرۇڭ.مۇشۇ نامدا كىرسىڭىز ئاندىن ئۈستەل يۈزىدىكى ئەپلەرنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:46
  • axik123 ئەپەندىم سىزگە رەخمەت، سىزنىڭ ئىلتىپاتىڭىز بىلەن ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 ئىشلتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 12:27
  • ئالىم ئۇستاز، مەن كۆزنەك 8 نى سېتىۋالماقچىدىم. كومپىيۇتېرىمدا ئەسلى كۆزنەك 7نىڭ 64لىك سېستىمىسى بارئىدى.
    1.ئەمدى كۆزنەك8 نىڭ 32نى قاچىلىساممۇ بولامدۇ ياكى 64لىكىنى چۈشۈرۈپ قاچىلامدىم؟
    2.كۆزنەك 8 نىڭ ئېنگىلىزچىسىنى نەدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
    ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:43
    • توردىن ئىنگلىزچە كزنەك ئەمەس Windows 8 نى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز، ئىنگلىزچە نەشرىنى تاپالايسىز. ئىچىكى ساقلىغۇچ 2 مېگابايتتىن چوڭ بولسا 64 بىتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:17
      • رەھمەت. ھەر ۋاقىت ئامان، كومپىيۇتېردا تېخىمۇ يامان بولۇڭ!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:14
      • مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىۋالدىم.ھەقىيقەتەن قالتىسكەن. س دىسكا 60 جىدىن ئارتۇق بوپتۇ. ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ قاچىلاپ بەك خوش بولۇپ كەتتىم.
        س دىسكىدىكى windosw.old نى ئۆچۈرۋەتسەم بولامدۇ؟ قانداق قىلسام پاكىز ئۆچىرۋېتەلەيمەن؟
        ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:12
      • ئاۋارە قىلدىم، ئاستىدىكى سۇئالىمغىمۇ جاۋاب بېرىۋەتكەن بولسىڭىز، سىزدىن بەك مەمنۇن بولاتتىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:48
      • بەيدۇلاپ ھەل قىلدىم، ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولدى. رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:48
  • ئالىم ئەھەد ئاكا !مەن بىر چەت ياقا يېزىدا خىزمەت قىلىمەن كومپىيوتېر ئىشلىتىشنى ئۆزلىگىمدىن ئۈگەنگەن، مەن ۋىندوۋىس 8نى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم. 248يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:02
  • مەن win 8 نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن باشلاشتىكى ئېكراندا كۇرۇنگەن ئەپلەرنى چەكسەم ئېچىلمايۋاتىدىغۇ ‹‹ئىچكى ھىسابانى تىزىملىتىپ›› خەرىتىنى ئاچالمىدى باشقا ھىساباتتا كىرىپ سىناپ بېقىڭ . دىگەندەك خاتالىق چىقىۋالدى قانداق ھەل قىلىمىز مەسلىھەت بەرسەڭلار .

    مەن مۇشۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىككى قېتىم ياردەم سورىدىم.سادىغاڭ كىتەيلەر،بىرەرسىڭلار ياردەم قىلىۋەتسەڭلار نېمە بولار! جىددى ئىدى…جىددى ئىدى…جىددى ئىدى…جىددى ئىدى…جىددى ئىدى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:10
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئۇستىدىكى ھۇكۇمرران يوللغان 98 يۇۋەۋەنلىك ۋىن8 ئاچقۇچى ئەقىقى نەشىرىمۇ سېتىۋالساق بۇلامدۇ alijan134@hotmail.com uqur ئۇچۇر بەرسڭىز رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 21:28